مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

61-‏ھېكايە: داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولۇشى

61-‏ھېكايە: داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولۇشى

سائۇل داۋۇتنى تۇتۇشقا يەنە ئۇرۇندى. ئۇ ئەڭ ياخشى 3000 ئەسكەرنى تاللاپ، داۋۇتنى ئىزدەشكە ئاتلاندى. داۋۇت بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كېچىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىككەن بارگاھىنى كۆزۈتۈشكە پايلاقچىلارنى ئەۋەتتى. ئاندىن داۋۇت، ئۆزىگە ئەگەشكەن ئىككى كىشىدىن:‏ «قايسىڭلار مەن بىلەن سائۇلنىڭ بارگاھىغا بارىسىلەر؟»، دەپ سورىدى.

داۋۇت ئۇ سائۇل پادىشاھنى چاقىرىۋاتىدۇ

ئابىشاي:‏ «مەن بارىمەن»، دەپ جاۋاب بەردى. ئابىشاي داۋۇتنىڭ ئاچىسى زېرۇيەنىڭ ئوغلى ئىدى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇخلاۋاتقاندا، داۋۇت بىلەن ئابىشاي ئاۋاز چىقارماي ئاستا بارگاھقا كىردى. ئۇلار سائۇلنىڭ باش تەرىپىگە قويۇلغان نەيزە بىلەن سۇ ئىچىدىغان سۇداننى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇغا كەتكەچ، ھېچكىم ئۇلارنى كۆرمىدى ۋە ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىمىدى.

قارىڭە، داۋۇت بىلەن ئابىشايغا! ھازىر ئۇلار سائۇلنىڭ بارگاھىدىن چىقىپ، تاغ چوققىسىدىكى بىخەتەر جايغا يېتىپ باردى. داۋۇت ۋارقىراپ، ئىسرائىل قوشۇنىنىڭ سەركەردىسىگە:‏ «ئابنېر، نېمە ئۈچۈن خوجايىنىڭ پادىشاھنى قوغدىمايسەن؟ قارا! ئۇنىڭ نەيزىسى بىلەن سۇدىنى قېنى؟»، دېدى.

سائۇل ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇدى. ئۇ:‏ «سەن داۋۇتمۇ؟»، دەپ سورىدى. سائۇل بىلەن ئابنېرنىڭ پەستە تۇرغانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟

داۋۇت:‏ «شۇنداق، خوجايىنىم پادىشاھ»، دەپ سائۇلغا جاۋاب قايتۇردى. داۋۇت سوئال سوراپ:‏ «نېمە ئۈچۈن مېنى بۇنداق قوغلايسەن؟ مەن قانداق يامانلىق قىلدىم؟ پادىشاھنىڭ نەيزىسى بۇ يەردە. بىر ئادەمنى ئەۋەتكىن، بۇنى ئېلىپ كەتسۇن»، دېدى.

پادىشاھ سائۇل بىلەن ئابنېر

سائۇل:‏ «مەن خاتا قىلدىم، مەن ئەخمىقانە ئىش قىلدىم»، دەپ توغرا قىلمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، داۋۇت كېتىپ قالدى، سائۇلمۇ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. ئەمما، داۋۇت ئۆز-‏ئۆزىگە:‏ «چوقۇم بىر كۈنى، سائۇل مېنى ئۆلتۈرىدۇ. مەن فىلىستىنلىكلەرنىڭ دۆلىتىگە قېچىپ بېرىشىم كېرەك»، دېدى. ھەمدە ئۇ شۇنداق قىلدى. داۋۇت فىلىستىنلىكلەرنى ئالداپ، ئۆزىنىڭ ھازىر ئۇلار تەرەپكە ئۆتكەنلىكىگە، ئۇلارنى ئىشەندۈردى.

ئۇزۇن ئۆتمەي، فىلىستىنلىكلەر ئىسرائىلغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. سائۇل ۋە يوناتان ھەر ئىككىسى جەڭدە ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى داۋۇتنى بەكمۇ ئازابلىغانىدى. شۇڭا، ئۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر شېئىرنى يېزىپ ئوقۇدى:‏ «ئەي قېرىندىشىم يوناتان، سەن ئۈچۈن چەكتىم ھەسرەت. سەن، مەن ئۈچۈن ئىدىڭغۇ، شۇنچە بەك قەدىرلىك!».

ئۇنىڭدىن كېيىن، داۋۇت ئىسرائىلنىڭ ھىبرون دېگەن شەھىرىگە قايتىپ كەتتى. سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشېتنى پادىشاھ بولۇشقا تاللىغانلار بىلەن داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى خالايدىغانلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى. بىراق، ئاخىرىدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى غەلبە قىلدى. داۋۇت پادىشاھ بولغاندا، 30 ياشتا ئىدى. ئۇ ھىبروندا يەتتە يېرىم يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. داۋۇت شۇ ۋاقىتلاردا ئىگە بولغان ئوغۇللاردىن بىرقانچىسىنىڭ ئىسمى ئامنون، ئابسالوم ۋە ئادونىياھ ئىدى.

كېيىن، داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر يېرۇسالېم دېگەن گۈزەل شەھەرنى ئىگەللىدى. داۋۇتنىڭ ئاچىسىنىڭ يەنە بىر ئوغلى يوئاب، جەڭدە قوشۇنغا باشچىلىق قىلغانىدى. شۇڭا، داۋۇت ئۇنى مۇكاپاتلاپ، قوشۇننىڭ سەركەردىسى قىلىپ بەلگىلىدى. مانا ھازىر داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى.

1-‏سامۇئىل 26:‏1-‏25؛ 27:‏1-‏7؛ 31:‏1-‏6؛ 2-‏سامۇئىل 1:‏26؛ 3:‏1-‏21؛ 5:‏1-‏10؛ 1-‏تارىخنامە 11:‏1-‏9.



سوئاللار

  • سائۇل بارگاھىدا ئۇخلاپ ياتقاندا، داۋۇت بىلەن ئابىشاي نېمە ئىش قىلدى؟
  • داۋۇت سائۇلدىن نېمە دەپ سوئال سورىدى؟
  • سائۇل قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت قەيەرگە باردى؟
  • نېمە ئۈچۈن داۋۇت ھەسرەت چەكتى؟ شۇ سەۋەب، ئۇ قانداق تەسىرلىك شېئىرنى يازدى؟
  • داۋۇت ھىبروندا پادىشاھ بولغاندا قانچە ياشتا ئىدى؟ ئۇنىڭ بەزى ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
  • كېيىن، داۋۇت قەيەردە پادىشاھلىق قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏سامۇئىل 26:‏1-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    داۋۇتنىڭ 1-‏سامۇئىل 26:‏11-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىدىن، ئۇنىڭ ئىلاھىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا قانداق كۆزقاراشتا بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز؟ (زەبۇر 37:‏7؛ رىملىقلار 13:‏2)

    بىز قىزغىنلىق بىلەن سەمىمىي مېھىر-‏مۇھەببەت كۆرسەتكىنىمىزدە، باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچۇرساق، 1-‏سامۇئىل 26:‏23-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن داۋۇتنىڭ سۆزلىرى، توغرا كۆزقاراشنى ساقلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (1-‏پادىشاھلار 8:‏32؛ زەبۇر 18:‏20)

  • 2-‏سامۇئىل 1:‏26-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇددى يوناتان بىلەن داۋۇتقا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قانداق قىلىپ بىر-‏بىرىگە «سەمىمىي مېھىر-‏مۇھەببەت» كۆرسىتەلەيدۇ؟ (1-‏پېترۇس 4:‏8؛ كولوسىلىقلار 3:‏14؛ 1-‏يۇھاننا 4:‏12)

  • 2-‏سامۇئىل 5:‏1-‏10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    داۋۇت پادىشاھلىق تەختىدە قانچە يىل ئولتۇردى؟ ئۇ پادىشاھلىق قىلغان مەزگىل قايسى ئىككى دەۋرگە بۆلۈنگەن؟ (2-‏سامۇئىل 5:‏4، 5)

    كىم سەۋەبلىك داۋۇتنىڭ شان-‏شەرىپى ئۇلۇغلاندى؟ بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، بۈگۈنكى كۈندە، نېمىنى چوقۇم ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟ (2-‏سامۇئىل 5:‏10؛ 1-‏سامۇئىل 16:‏13؛ 1-‏كورىنتلىقلار 1:‏31؛ فىلىپىلىكلەر 4:‏13)