مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

62-‏ھېكايە: داۋۇتنىڭ ئۆيىگە بالاقازانىڭ كېلىشى

62-‏ھېكايە: داۋۇتنىڭ ئۆيىگە بالاقازانىڭ كېلىشى

داۋۇت يېرۇسالېمدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، يەھۋا داۋۇت پادىشاھنىڭ قوشۇنىنى نۇرغۇن جەڭلەردە دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلبىگە ئېرىشتۈردى. ئاللا يەھۋا ئىسرائىللارنى قانان زېمىنىغا ئېرىشتۈرۈشنى ۋەدە قىلغانىدى. مانا ھازىر يەھۋانىڭ ياردىمىدە، ۋەدە قىلىنغان بارلىق زېمىن ئاخىرى ئۇلارنىڭ بولدى.

داۋۇت دانا ھۆكۈمران بولۇپ، يەھۋانى سۆيەتتى. شۇڭا، ئۇ يېرۇسالېمنى ئىگەللەپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۋانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەرگە يۆتكەپ كەلدى. ئۇ ھەمدە ئەھدە ساندۇقىنى قويۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشنى ئارزۇ قىلدى.

كېيىنكى كۈنلەردە، داۋۇت پادىشاھ ئېغىر بىر گۇناھ قىلدى. ئۇ باشقىلارغا تەئەللۇق نەرسىلەرنى ئېلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ، بىر كۈنى كەچتە، داۋۇت ئۆز ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرغاندا، پەسكە قارىدى ۋە ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئايالنىڭ ئىسمى بەتشەبا بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئىسمى ئۇرىيا ئىدى. ئۇرىيا داۋۇتنىڭ قوشۇنىدا ئەسكەر ئىدى.

داۋۇت بەتشەباغا ئېرىشىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانىدى. شۇڭا، ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئېرى جەڭگە كەتكەن ئىدى. داۋۇت بەتشەبا بىلەن بىللە ياتتى. كېيىن، بەتشەبا ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى. داۋۇت پادىشاھ بەك ئەنسىرىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆز قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى يوئابقا، ئۇرىيانى ئالدىنقى سەپكە جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتىڭلار، جەڭدە ئۆلسۇن، دەپ بىرى ئارقىلىق گەپ ئەۋەتتى. ئۇرىيا ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت بەتشەبانى خوتۇنلۇققا ئالدى.

يەھۋا داۋۇتنىڭ بۇ ئىشى ئۈچۈن قاتتىق ئاچچىقلاندى. شۇڭا، ئۇ خىزمەتچىسى ناتاننى داۋۇتنىڭ گۇناھىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئەۋەتتى. قاراڭ، ناتان پەيغەمبەر داۋۇت پادىشاھقا سۆزلەۋاتىدۇ. داۋۇت ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلدى. شۇڭا، يەھۋا ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلمىدى. بىراق، يەھۋا:‏ «سەن شۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئۆيۈڭگە كۆپ بالاقازالار كېلىدۇ»، دېدى. داۋۇتنىڭ ئۆيىگە زادى قانداق بالاقازالار كەلگەندۇ، ھە!؟

ناتان پەيغەمبەر داۋۇتقا ياردەم بېرىپ گۇناھىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ

ئاۋۋال، بەتشەبا تۇغقان ئوغۇل ئۆلۈپ كەتتى. ئاندىن كېيىن، داۋۇتنىڭ تۇنجى ئوغلى ئامنون سىڭلىسى تامار يالغۇز قالغاندا، مەجبۇرىي ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى. داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابسالوم بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئامنوننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. كېيىن، ئابسالوم خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىدى. ئاخىرىدا، ئابسالوم ئۆلتۈرۈلۈپ، داۋۇت ئابسالوم ئۈستىدىن غەلبە قىلدى. ھەقىقەتەن، داۋۇت پادىشاھ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىققا يولۇقتى.

ئاشۇ بارلىق ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە، بەتشەبا بىر ئوغۇل تۇغقان بولۇپ، ئىسمى سۇلايمان ئىدى. داۋۇت قېرىپ، كېسەلچان بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ ئوغلى ئادونىياھ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئورۇندى. شۇنىڭ بىلەن، داۋۇت پادىشاھ سادوق ئىسىملىك روھانىينى، سۇلايماننىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنىڭ پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي داۋۇت 70 يېشىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ 40 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. مانا ئەمدى، سۇلايمان ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى.

2-‏سامۇئىل 11:‏1-‏27؛ 12:‏1-‏18؛ 1-‏پادىشاھلار 1:‏1-‏48.



سوئاللار

  • يەھۋانىڭ ياردىمىدە، ئاخىرى قانان زېمىنى قانداق بولدى؟
  • بىر كۈنى كەچتە، داۋۇت ئۆز ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرغاندا نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن داۋۇتقا قاتتىق ئاچچىقلاندى؟
  • رەسىمگە قاراڭ، يەھۋا داۋۇتنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن كىمنى ئەۋەتتى؟ ئۇ كىشى داۋۇتقا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟
  • داۋۇت قانداق ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقتى؟
  • داۋۇتتىن كېيىن، كىم ئىسرائىللارغا پادىشاھ بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 2-‏سامۇئىل 11:‏1-‏27-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    داۋۇت جەڭگە چىقماي، نەتىجىدە بەتشەبا بىلەن ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. شۇنىڭدىن ھەمىشە ئالدىراش يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنىڭ بىزنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟

    نېمە داۋۇتنى گۇناھقا سۆرەپ كىردى؟ مۇشۇ، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟ (2-‏سامۇئىل 11:‏2؛ مەتتا 5:‏27-‏29؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏12؛ ياقۇپ 1:‏14، 15)

  • 2-‏سامۇئىل 12:‏1-‏18-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ناتان پەيغەمبەرنىڭ داۋۇتقا نەسىھەت بېرىش ئۇسۇلىدىن، جامائەت ئاقساقاللىرى ۋە ئاتا-‏ئانىلار نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ (2-‏سامۇئىل 12:‏1-‏4؛ پەندى-‏نەسىھەت 12:‏18؛ مەتتا 13:‏34)

    نېمە ئۈچۈن يەھۋا داۋۇتقا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى؟ (2-‏سامۇئىل 12:‏13؛ زەبۇر 32:‏5؛ 2-‏كورىنتلىقلار 7:‏9، 10)