مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

64-‏ھېكايە: سۇلايماننىڭ ئىبادەتخانا سېلىشى

64-‏ھېكايە: سۇلايماننىڭ ئىبادەتخانا سېلىشى

خۇدا داۋۇت پەيغەمبەرگە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ خەرىتىسىنى بەرگەنىدى. داۋۇت ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۇ خەرىتىنى سۇلايمانغا بەردى. سۇلايمان ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۆتىنچى يىلى، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. يەتتە يېرىم يىل ۋاقىت ئۆتۈپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى تامام بولدى. شۇ قۇرۇلۇشقا نەچچە ئون مىڭلىغان ئادەملەر ئىشلىگەن ۋە بەكمۇ نۇرغۇن پۇللار كەتكەن ئىدى. چۈنكى، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا كۆپ ئالتۇن-‏كۈمۈش ئىشلىتىلگەنىدى.

خۇددى ئىبادەت چېدىرىغا ئوخشاش، ئىبادەتخانىنىڭ ئىككى ئاساسىي بۆلۈمچىسى يەنى خانىسى بار ئىدى. ئەمما بۇ خانىلەر ئىبادەت چېدىرىنىڭ بۆلۈمچىلىرىدىن بىر ھەسسە چوڭ ئىدى. سۇلايمان ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى خانىسىگە قويۇشنى بۇيرۇدى.

ئىبادەتخانا پۈتكەندىن كېيىن، سۇلايمان چوڭ بىر تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. خۇددى سىز رەسىمدىن كۆرۈپ تۇرغاندەك، سۇلايمان پەيغەمبەر ئىبادەتخانا ئالدىدا تىزلىنىپ، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ:‏ «شۇنچە كەڭ ئاسمان سېنى سىغدۇرالماس، ئۇنداقتا بۇ ئىبادەتخانا سېنى قانداق سىغدۇرالايدۇر. ئەي خۇدايىم، خەلقىڭنىڭ قىلغان دۇئالىرىغا قۇلاق سالغايسەن»، دېدى.

سۇلايمان پادىشاھ دۇئا قىلىۋاتىدۇ

سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى ئاياغلىشىشى بىلەن، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، تەقدىم قىلىنغان قۇربانلىقلارغا ئوت تۇتۇشۇپ كەتتى. يەھۋانىڭ نۇرى ئىبادەتخانىنى قاپلاپ يورۇتۇۋەتتى. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يەھۋا قۇلاق سېلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ ئىبادەتخانىدىن ۋە سۇلايماننىڭ دۇئاسىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانىدى. ھازىر ئىبادەتخانا ئىلگىرىكى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئورنىنى ئالدى. شۇڭا، كىشىلەر بۇ جايدا خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان بولدى.

ئۇزۇن بىر مەزگىل، سۇلايمان پادىشاھ دانالىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، بارچە خەلق خۇشال-‏خورام تۇرمۇش كەچۈردى. ئەمما، سۇلايمان باشقا دۆلەتلەردىن يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئالدى. قاراڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ بۇتقا چوقۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ كېيىنچە، شۇ ئاياللار سۇلايمان پادىشاھنى ئۆزلىرىگە قوشۇلۇپ باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا ئازدۇردى. سۇلايمان شۇنداق قىلسا، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇ خەلقلەرگە ئىلگىرىكىدەك مېھىر-‏شەپقەتلىك بولمىدى. ئۇ رەھىمسىز، زالىم پادىشاھقا ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن، ئەمدى خەلقنىڭ خۇشال-‏خۇراملىقى يوقالدى.

سۇلايمان پادىشاھ بىر بۇتقا چوقۇنىۋاتىدۇ

يەھۋا سۇلايمانغا قاتتىق ئاچچىقلاندى. شۇڭا، ئۇ سۇلايمان پادىشاھقا:‏ «مەن پادىشاھلىقنى سەندىن تارتىپ ئېلىپ، باشقا بىرىگە بېرىمەن. مەن بۇنى سەن ھايات ۋاقتىڭدا قىلمايمەن. بەلكى، ئوغلۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قىلىمەن. بىراق، پادىشاھلىقنىڭ ھەممە خەلقىنى ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالمايمەن»، دېدى. ئۇنداقتا، شۇ ئىشلار قانداق يۈز بەردى. بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1-‏تارىخنامە 28:‏9-‏21؛ 29:‏1-‏9؛ 1-‏پادىشاھلار 5:‏1-‏18؛ 2-‏تارىخنامە 6:‏12-‏42؛ 7:‏1-‏5؛ 1-‏پادىشاھلار 11:‏9-‏13.



سوئاللار

  • سۇلايماننىڭ، يەھۋانىڭ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى تاماملىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتتى؟ نېمە ئۈچۈن بەكمۇ نۇرغۇن پۇللار سەرپ قىلىندى؟
  • ئىبادەتخانىدا قانچە ئاساسىي خانە بار ئىدى؟ ئىچكىرىكى خانىگە نېمە قويۇلدى؟
  • ئىبادەتخانا قورۇلۇشى تامام بولغاندا، سۇلايمان دۇئاسىدا نېمە دېدى؟
  • يەھۋا سۇلايماننىڭ دۇئاسىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟
  • سۇلايماننىڭ ئاياللىرى ئۇنى نېمە ئىش قىلىشقا ئازدۇردى؟ نەتىجىدە سۇلايمانغا نېمە بولدى؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن سۇلايمانغا قاتتىق ئاچچىقلاندى؟ شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا سۇلايمانغا نېمە دېدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏تارىخنامە 28:‏9، 10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    داۋۇتنىڭ 1-‏تارىخنامە 28:‏9، 10-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىنى ئويلاپ كۆرسەك، كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا نېمە ئىش قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك؟ (زەبۇر 19:‏14؛ فىلىپىلىكلەر 4:‏8، 9)

  • 2-‏تارىخنامە 6:‏12-‏21، 32-‏42-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان ئىمارەتنىڭ ئۇلۇغ خۇدانى سىغدۇرالمايدىغانلىقىنى سۇلايمان قانداق كۆرسەتتى؟ (2-‏تارىخنامە 6:‏18؛ ئەلچىلەر 17:‏24، 25)

    سۇلايماننىڭ 2-‏تارىخنامە 6:‏32، 33-‏ئايەتلەردىكى خاتىرىلەنگەن سۆزلىرى، يەھۋانىڭ قانداق خۇدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟ (ئەلچىلەر 10:‏34، 35؛ گالاتىيالىقلار 2:‏6)

  • 2-‏تارىخنامە 7:‏1-‏5-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇددى ئىسرائىللار خۇدا يەھۋانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرگەندە، ھاياجاندىن ئۇنى مەدھىيىلىگىنىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلەۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆرگىنىمىزدە، نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟ (2-‏تارىخنامە 7:‏3؛ زەبۇر 22:‏22؛ 34:‏1؛ 96:‏2)

  • 1-‏پادىشاھلار 11:‏9-‏13-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    سۇلايماننىڭ ھايات كەچۈرمىشىدىن، ئاخىرغىچە ساداقەتمەنلىكنى ساقلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟ (1-‏پادىشاھلار 11:‏4، 9؛ مەتتا 10:‏22؛ ۋەھىيلەر 2:‏10)