مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

65-‏ھېكايە: پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنۈشى

65-‏ھېكايە: پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنۈشى

نېمە ئۈچۈن، بۇ ئادەمنىڭ ئۆز تونىنى يىرتىپ پارچە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ يەھۋا ئۇ ئادەمگە شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان ئىدى. ئۇ ئادەم خۇدانىڭ پەيغەمبىرى ئاخىيا. پەيغەمبەرنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ پەيغەمبەر — يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن كەلگۈسىدە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىدۇ.

ئاخىيا ۋە يېروبوئام

ئاخىيا ھازىر يېروبوئامغا سۆز قىلىۋاتىدۇ. يېروبوئام بولسا سۇلايمان پادىشاھ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغان كىشى ئىدى. ئاخىيا يول ئۈستىدە يېروبوئامنى ئۇچراتقاندا، بۇ غەلىتە ئىشنى قىلغانىدى. ئاخىيا ئۇچىسىغا كىيگەن يېڭى تونىنى سېلىپ، 12 پارچە قىلىپ يىرتتى. ئاندىن ئۇ يېروبوئامغا:‏ «بۇ 10 پارچىنى سەن ئال»، دېدى. ئاخىيانىڭ نېمە ئۈچۈن يېروبوئامغا 10 پارچىنى بەرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئاخىيا چۈشەندۈرۈپ، يەھۋانىڭ سۇلايماندىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئېلىپ، ئىسرائىلنىڭ 10 قەبىلىسىنى يېروبوئامغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پەقەت ئىسرائىلنىڭ ئىككى قەبىلىسىنىڭ سۇلايماننىڭ ئوغلى رېھابامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتەتتى.

سۇلايمان ئاخىيانىڭ يېروبوئامغا نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ قاتتىق غەزەپلەندى. شۇڭا، يېروبوئامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئەمما، يېروبوئام مىسىرغا قېچىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، سۇلايمان ئۆلدى. ئۇ 40 يىل پادىشاھ بولغانىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئوغلى رېھابام پادىشاھ بولدى. يېروبوئام مىسىردا سۇلايماننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتىپ كەلدى.

رېھابام ئاق كۆڭۈل پادىشاھ ئەمەس ئىدى. ئۇ خەلقلەرگە، ھەتتا ئاتىسى سۇلايماندىنمۇ بەكرەك زۇلۇم قىلدى. يېروبوئام ۋە باشقا يېتەكچىلەر پادىشاھ رېھابامنىڭ قېشىغا بېرىپ، خەلققە رەھىم-‏شەپقەت قىلىشنى سورىدى. ئەمما، رېھابام قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە، ئۇ ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك زۇلۇم قىلدى. شۇڭا، خەلق يېروبوئامنى ئىسرائىلنىڭ 10 قەبىلىسىگە پادىشاھ قىلدى. لېكىن، بىنيامىن بىلەن يەھۇدا قەبىلىسى يەنىلا رېھابامنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى.

يېروبوئام ئۆز خەلقىنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىپ، يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىبادەت قىلىشىنى خالىمىدى. شۇڭا، ئۇ ئالتۇندىن ئىككى موزاي ياساپ، 10 قەبىلە پادىشاھلىقىدىكى كىشىلەرنى ئالتۇن موزاي بۇتلارغا چوقۇندۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ پادىشاھلىق زېمىنى جىنايەتلەر ۋە زوراۋانلىقلارغا تولۇپ كەتتى.

ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقى ھەم ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىدى. رېھابام پادىشاھ بولۇپ بەش يىل ئۆتمەي، مىسىر پادىشاھى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىدىن نۇرغۇن بايلىقنى ئېلىپ كەتتى. شۇڭا، ئىبادەتخانا پەقەت ئازغىنە بىر مەزگىل ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلىغانىدى.

1-‏پادىشاھلار 11:‏26-‏43؛ 12:‏1-‏33؛ 14:‏21-‏31.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى، ئۇ ئىككى كىشىنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇلار قانداق ئادەملەر؟
  • ئاخىيا ئۇچىسىغا كىيگەن تونىنى نېمە قىلدى؟ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
  • سۇلايمان يېروبوئامنى نېمە قىلماقچى بولدى؟
  • خەلق نېمە ئۈچۈن يېروبوئامنى ئون قەبىلىنىڭ پادىشاھى قىلدى؟
  • يېروبوئام نېمە ئۈچۈن ئىككى ئالتۇن موزاينى ياسىدى؟ كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ پادىشاھلىق زېمىنىدا نېمە ئىش بولدى؟
  • ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقىغا ۋە يېرۇسالېمدىكى يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىغا نېمە بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏پادىشاھلار 11:‏26-‏43-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يېروبوئام قانداق ئادەم؟ ئەگەر ئۇ خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلسا، يەھۋا ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان؟ (1-‏پادىشاھلار 11:‏28، 38)

  • 1-‏پادىشاھلار 12:‏1-‏33-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ھەققىدە، جامائەت ئاقساقاللىرى ۋە ئاتا-‏ئانا بولغۇچىلار، يېروبوئامنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟ (1-‏پادىشاھلار 12:‏13؛ ۋەز 7:‏7؛ 1-‏پېترۇس 5:‏2، 3)

    بۈگۈنكى كۈندە، ياشلار كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇھىم قارارنى چىقارغاندا، كىمدىن مەسلىھەت سورىسا، ئىشەنچلىك كۆرسەتمىگە ئىگە بولالايدۇ؟ (1-‏پادىشاھلار 12:‏6، 7؛ پەندى-‏نەسىھەت 1:‏8، 9؛ 2-‏تىموتىي 3:‏16، 17؛ ئىبرانىيلار 13:‏7)

    نېمە سەۋەبتىن، يېروبوئام ئىككى موزاي بۇتنى تىكلەپ، خەلقنى شۇلارغا چوقۇنۇشقا يېتەكلىدى؟ بۇ ئۇنىڭ يەھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ سۇسلىقىنى قانداق ئاشكارا قىلدى؟ (1-‏پادىشاھلار 11:‏37؛ 12:‏26-‏28)

    كىم ئىسرائىل 10 قەبىلە پادىشاھلىقىدىكى خەلقنى توغرا ئىبادەت قىلىشنى تاشلاشقا يېتەكلىدى؟ (1-‏پادىشاھلار 12:‏32، 33)