مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

66-‏ھېكايە: قارا نىيەت خانىش — ئىزابېل

66-‏ھېكايە: قارا نىيەت خانىش — ئىزابېل

پادىشاھ يېروبوئام ئۆلگەندىن كېيىن، شىمالىي ئىسرائىل 10 قەبىلە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى ئىدى. بولۇپمۇ پادىشاھ ئاھاب بارلىق پادىشاھلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئەسكىسى ئىدى. نېمە ئۈچۈن، سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ بىر ئاساسىي سەۋەبى، ئاھاب پادىشاھنىڭ خوتۇنى قارا نىيەت خانىش ئىزابېل.

ئىزابېل ئىسرائىل ئايال ئەمەس، بەلكى ئۇ سىدون پادىشاھىنىڭ قىزى ئىدى. ئۇ يالغان ئىلاھ بائالغا چوقۇناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئاھاب ۋە نۇرغۇن ئىسرائىللارنىمۇ بائالغا چوقۇندىغان قىلدى. ئىزابېل يەھۋاغا ئۆچ ئىدى. شۇڭا، يەھۋانىڭ نۇرغۇن پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردى. ئۆلتۈرۈلمەي قالغان پەيغەمبەرلەر تاغ ئۆڭكۈرلىرىگە مۆكۈۋالدى، شۇڭا ئۇلار ھايات قالدى. ئەگەر ئىزابېل بىرەر نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسا، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەتتا باشقىلارنى ئۆلتۈرەتتى.

بىر كۈنى پادىشاھ ئاھابنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. شۇڭا، ئىزابېل ئۇنىڭدىن:‏ «نېمە ئۈچۈن بۈگۈن كۆڭلۈڭ شۇنچە يېرىم؟»، دەپ سورىدى.

ئاھاب جاۋاب بېرىپ:‏ «نابوتنىڭ ماڭا قىلغان سۆزى كۆڭلۈمنى بىئارام قىلدى. مەن ئۇنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى سېتىۋالاي دېسەم، ئۇ ماڭا سېتىپ بەرمەيمەن دەيدۇ»، دېدى.

ئىزابېل:‏ «خاتىرجەم بول، مەن ساڭا ئۈزۈمزارلىقنى ئېلىپ بېرىمەن»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىزابېل خەت يېزىپ، نابوت تۇرىدىغان شەھەردىكى خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئەۋەتتى. ئىزابېل ئۇلارغا:‏ «بىرقانچە يۈزسىز كىشىنى تېپىڭلار. شۇلار ئاندىن نابوت خۇدانى ۋە پادىشاھنى ھاقارەتلىدى، دەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن. شۇنىڭ بىلەن، نابوتنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ چالما-‏كېسەك قىلىڭلار»، دېگەنىدى.

ئىزابېل نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، بېرىپ ئاھابقا:‏ «ئەمدى بېرىپ ئۇنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئال»، دېدى. ئىزابېل شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلغان تۇرسا، سىزنىڭچە ئۇ جازاغا تارتىلمىسا بولامدۇ؟

خانىش ئىزابېل

شۇڭا، يەھۋا يەھۇ ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇنى جازالاشقا ئەۋەتتى. ئىزابېل يەھۇنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قاش-‏كۆزلىرىنى بوياپ، چىرايلىق ياساندى. يەھۇ كېلىپ، دېرىزە يېنىدا تۇرغان ئىزابېلنى كۆردى. ئۇ ئوردىدىكى خىزمەتكارلارغا توۋلاپ:‏ «ئۇنى تۆۋەنگە تاشلاڭلار!»، دېدى. سىز كۆرۈپ تۇرغاندەك، خىزمەتكارلار يەھۇغا بويسۇنۇپ، ئۇنى تۆۋەنگە تاشلىدى. ئۇ ئۆلدى. مانا بۇ قارا نىيەت خانىشنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.

1-‏پادىشاھلار 16:‏29-‏33؛ 18:‏1-‏4؛ 21:‏1-‏16؛ 2-‏پادىشاھلار 9:‏30-‏37.



سوئاللار

  • ئىزابېل كىم؟
  • نېمە ئۈچۈن بىر كۈنى ئاھابنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى؟
  • ئېرى ئاھابقا نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىزابېل نېمە ئىش قىلدى؟
  • يەھۋا ئىزابېلنى جازالاش ئۈچۈن كىمنى ئەۋەتتى؟
  • رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، يەھۇ ئېزابېلنىڭ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏پادىشاھلار 16:‏29-‏33 ۋە 18:‏3، 4-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئاھاب پادىشاھلىق قىلغاندا، ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالى قانداق يامان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى؟ (1-‏پادىشاھلار 16:‏33)

  • 1-‏پادىشاھلار 21:‏1-‏16-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋاغا ساداقەتمەن بولۇش ئۈچۈن نابوت قانداق باتۇرلۇق كۆرسەتتى؟ (1-‏پادىشاھلار 21:‏1-‏3؛ لاۋىيلار 25:‏23-‏28)

    ئاھاب ئۈمىدسىز ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە نېمە ئىش قىلغان؟ ئۇنداقتا بىز ئۈمىدسىز ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ (1-‏پادىشاھلار 21:‏4؛ رىملىقلار 5:‏3-‏5)

  • 2-‏پادىشاھلار 9:‏30-‏37-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۇنىڭ، يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىنلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (2-‏پادىشاھلار 9:‏4-‏10؛ 2-‏كورىنتلىقلار 9:‏1، 2؛ 2-‏تىموتىي 4:‏2)