مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

68-‏ھېكايە: ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەن ئىككى بالا

68-‏ھېكايە: ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەن ئىككى بالا

ئەگەر بىر كىچىك بالا ئۆلۈپ كەتتى، دەيلى. ئۇ قايتا تىرىلسە، ئۇ بالىنىڭ ئانىسى قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟ ئۇ چوقۇم بەكمۇ خۇشال بولىدۇ! بىراق، ئۆلۈپ كەتكەن كىشى قايتا تىرىلەمدۇ؟ ئىلگىرى شۇنداق ئىش يۈز بەرگەنمۇ؟

ئۇ يەردە تۇرغان كىشىگە، بۇ ئايال بىلەن كىچىك بالىغا قارىڭە! ئۇ كىشى ئىلياس پەيغەمبەر. ئۇ ئايال سەرەپەت شەھىرىدىكى بىر تۇل خوتۇن بولۇپ، ئۇ كىچىك بالا ئۇنىڭ ئوغلى. بىر كۈنى ئۇ بالا ئاغرىپ قالغان. ئۇنىڭ كېسىلى بارغانسېرى يامانلىشىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. ئىلياس پەيغەمبەر ئۇ ئايالغا:‏ «ئوغلۇڭنى ماڭا بەرگىن»، دېدى.

ئىلياس پەيغەمبەر، بىر تۇل ئايال ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ئوغلى بىلەن بىللە

ئىلياس ئۆلگەن بالىنى ئۈستىنكى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپ، كارىۋاتقا ياتقۇزدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ:‏ «ئەي يەھۋا، بۇ بالىنى تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا قايتا ھاياتلىق بەرگەيسەن»، دەپ دۇئا قىلدى. بالا نەپەس ئېلىشقا باشلىدى! شۇنىڭ بىلەن، ئىلياس پەيغەمبەر بالىنى پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇ ئايالغا:‏ «قارا، سېنىڭ ئوغلۇڭ ھايات!»، دېدى. بۇ دەل ئۇ ئايالنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە بەك خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر.

يەھۋانىڭ ئېلىشا ئىسىملىك باشقا بىر مۇھىم پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ خىزمەت قىلاتتى. كېيىنچە، يەھۋا ئېلىشا پەيغەمبەرنىمۇ ئىشلىتىپ مۆجىزىلىك ئىش قىلغانىدى. بىر كۈنى، ئېلىشا شۇنەم شەھىرىگە باردى. شەھەردە بىر ئايال ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق قىلدى. كېيىنچە، بۇ ئايال بىر ئوغۇل تۇغقانىدى.

ئۇ بالا سەل چوڭراق بولغاندا، بىر كۈنى سەھەردە، دادىسى ئىشلەۋاتقان ئېتىزلىققا باردى. توساتتىن بالا:‏ «بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى!»، دەپ توۋلىدى. بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، بالا ئۆلۈپ كەتتى. بالىنىڭ ئانىسى قانچىلىك ئازابلانغاندۇ، ھە! شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئايال دەرھال ئېلىشا پەيغەمبەرنى ئىزدەپ باردى.

ئېلىشا كېلىپ، ئۆلگەن بالا ياتقان ئۆيگە كىردى. ئۇ يەھۋاغا دۇئا قىلدى ۋە بالىنىڭ ئۈستىگە دۈم بولۇپ چۈشۈپ، بەدىنى بىلەن بالىنى ياپتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىپ، بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈردى. بالىنىڭ ئانىسى ئۆيگە كىرىپ، ئوغلىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، بەكمۇ خۇشال بولدى!

بۈگۈنكى كۈندە، ئاللىقاچان سان-‏ساناقسىز ئادەملەر ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست-‏بۇرادەرلىرىنى كۆپ ئازابلىدى. بىزنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان كۈچ-‏قۇدرىتىمىز يوق. ئەمما، پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ بار. كېيىنرەك، يەھۋانىڭ قانداق قىلىپ مىليونلىغان كىشىلەرنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆگىنىمىز.

1-‏پادىشاھلار 17:‏8-‏24؛ 2-‏پادىشاھلار 4:‏8-‏37.


سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئۈچ كىشى كىملەر؟ ئۇ كىچىك بالىغا نېمە بولغانىدى؟
  • بالا ھەققىدە ئىلياس پەيغەمبەر نېمە دەپ دۇئا قىلدى؟ كېيىن نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئىسمى نېمە؟
  • بىر ئايال نېمە سەۋەبتىن ئېلىشانى شۇنەم شەھىرىدىكى ئۆيىگە چاقىردى؟
  • ئېلىشا نېمە ئىش قىلدى؟ شۇنىڭ بىلەن، ئۆلگەن بالىغا نېمە بولدى؟
  • ئىلياس ۋە ئېلىشا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئارقىلىق، يەھۋا ئۆزىنىڭ قانداق كۈچ-‏قۇدرىتى بارلىقىنى كۆرسەتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏پادىشاھلار 17:‏8-‏24-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئېلىشانىڭ ئىتائەتچانلىقى بىلەن ئىمان-‏ئېتىقادى قانداق سىنالدى؟ (1-‏پادىشاھلار 17:‏9؛ 19:‏1-‏4، 10)

    نېمە ئۈچۈن سەرەپەت شەھىرىدىكى تۇل خوتۇننىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ؟ (1-‏پادىشاھلار 17:‏12-‏16؛ لۇقا 4:‏25، 26)

    سەرەپەت شەھىرىدىكى تۇل خوتۇننىڭ كەچۈرمىشى، مەتتا 10:‏41، 42-‏ئايەتلەردە خاتىرىلەنگەن ئەيسانىڭ سۆزىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىدى؟ (1-‏پادىشاھلار 17:‏10-‏12، 17، 23، 24)

  • 2-‏پادىشاھلار 4:‏8-‏37-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مېھماندوست بولۇش ھەققىدە، شۇنەم شەھىرىدىكى ئايالدىن نېمىنى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ؟ (2-‏پادىشاھلار 4:‏8؛ لۇقا 6:‏38؛ رىملىقلار 12:‏13؛ 1-‏يۇھاننا 3:‏17)

    بۈگۈنكى كۈندە، قانداق قىلىپ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە مېھرىبانلىق كۆرسىتەلەيمىز؟ (ئەلچىلەر 20:‏35؛ 28:‏1، 2؛ گالاتىيالىقلار 6:‏9، 10؛ ئىبرانىيلار 6:‏10)