مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

69-‏ھېكايە: كىچىك قىزچاقنىڭ كاتتا كىشىگە ياردەم بېرىشى

69-‏ھېكايە: كىچىك قىزچاقنىڭ كاتتا كىشىگە ياردەم بېرىشى

بۇ كىچىك قىزنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ قىزچاق بۇ خانىمغا، يەھۋانىڭ ئۆز پەيغەمبىرى ئېلىشاغا ياردەم بېرىپ، قانداق مۆجىزىلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ ئايال يەھۋانى تونۇمايدۇ، سەۋەبى ئۇ ئىسرائىللىق ئايال ئەمەس. ئۇنداقتا، بۇ قىزچاق نېمە ئۈچۈن ئۇ خانىمنىڭ ئۆيىدە؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئۇ ئايال سۇرىيىلىك. ئېرىنىڭ ئىسمى نامان بولۇپ، سۇرىيە قوشۇننىڭ سەركەردىسى ئىدى. سۇرىيىلىكلەر بۇ كىچىك ئىسرائىل قىزنى ئەسىرگە ئالغانىدى. شۇڭا، ئۇ قىزنى ناماننىڭ خوتۇنىغا چاكار بولۇشقا ئېلىپ كەلگەن.

ناماننىڭ خوتۇنى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان چاكار قىز

ناماننىڭ ماخاۋ، دەپ ئاتىلىدىغان قورقۇنچلۇق كېسىلى بار ئىدى. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ، ھەتتا بەدىنىدىكى گۆشى ئاجراپ چۈشۈپ كېتەتتى. شۇڭا، قىزچاق ناماننىڭ خوتۇنىغا:‏ «ئەگەر خوجايىن ئىسرائىلغا بېرىپ، يەھۋانىڭ پەيغەمبىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولسا ياخشى بولاتتى. ئۇ ماخاۋ كېسىلىدىن ساقىيىپ كېتەتتى»، دېدى. كېيىن، بىرى بۇ ئىشنى ئۇ ئايالنىڭ ئېرىگە ئېيتتى.

نامان بۇ يامان كېسەلدىن ساقىيىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ ئىسرائىلغا بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، ئۇ ئېلىشانىڭ ئۆيىگە باردى. ئېلىشا خىزمەتچىسىنى نامان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنۇشنى ئېيتىشقا ئەۋەتتى. نامان بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ:‏ «يۇرتۇمدىكى دەريا ئىسرائىل زېمىنىدىكى ھەرقانداق دەريالاردىن ياخشىراق!»، دېدى. نامان شۇنداق دەپ ئارقىسىغا يېنىپ كەتتى.

بىراق، ناماننىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا:‏ «خوجايىن، ئەگەر ئېلىشا سىلىگە بىر قىيىن ئىشنى بۇيرۇغان بولسا، سىلى چوقۇم شۇنى قىلغان بولاتتىلا. نېمە ئۈچۈن ئۇ ئېيتقاندەك، سۇدا يۇيۇنۇپ باقمايلا؟»، دېدى. نامان خىزمەتكارلىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ، بېرىپ ئىئوردان دەرياسىغا يەتتە قېتىم چۆمۈلدى. ئۇ چۆمۈلۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى گۆشلىرى كۈچلۈك ساغلام ھالەتكە كەلدى!

نامان ناھايىتى خۇشال بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئېلىشانىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا:‏ «مانا ئەمدى بىلدىمكى، پۈتكۈل يەر يۈزىدە پەقەت ئىسرائىلدىكى خۇدا، بىردىن بىر ھەق خۇدا ئىكەن. شۇڭا، بۇ سوۋغاتنى قوبۇل قىلغىن»، دېدى. ئەمما، ئېلىشا پەيغەمبەر:‏ «ياق، مەن قوبۇل قىلمايمەن»، دېدى. ئۇ ئاشۇ سوۋغاتنى قوبۇل قىلىشنىڭ خاتالىقىنى بىلەتتى. چۈنكى، ناماننى ساقايتقان ئەمەلىيەتتە تەڭرى يەھۋا ئىدى. بىراق، ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېھاز ئاشۇ سوۋغاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلدى.

شۇڭلاشقا، نامان كەتكەندىن كېيىن، گېھاز ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا يېتىشتى. گېھاز:‏ «ئېلىشا، ھېلىلا ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن دوستلىرىغا، سېنىڭ ئازراق سوۋغات بېرىشىڭنى خالىغاچ، ئۇ مېنى ئەۋەتتى»، دېدى. ئەلۋەتتە، بۇ بىر يالغانچىلىق ئىدى. بىراق، نامان گېھازنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بىلمىدى، شۇڭا ئۇ گېھازغا بەزى نەرسىلەرنى بەردى.

گېھاز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئېلىشا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپتى. چۈنكى، يەھۋا ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەنىدى. شۇڭا، ئېلىشا:‏ «سەن بۇ يامان ئىشنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ناماننىڭ ماخاۋ كېسىلى سېنىڭ بەدىنىڭگە كۆچىدۇ»، دېدى. دەرۋەقە، گېھازنىڭ بەدىنىدە شۇ ھامان ماخاۋ پەيدا بولدى!

مۇشۇ ۋەقەدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بىرىنچىدىن، بىز ئاشۇ كىچىك قىزچاقتەك، يەھۋا توغرىسىدا سۆزلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش كۆپ پايدا-‏مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، دەسلەپتە نامان ھاكاۋۇرلۇق قىلغانىدى. بىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ئۆگەنمەي، ئەكسىچە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىگە بويسۇنۇشىمىز لازىم. ئۈچىنچىدىن، گېھازغا ئوخشاش يالغانچىلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق، شۇنداقمۇ؟

2-‏پادىشاھلار 5:‏1-‏27.



سوئاللار

  • رەسىمدە، قىزچاق ئاۋۇ خانىمغا نېمىنى ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ؟
  • رەسىمدىكى ئايال كىم؟ كىچىك قىزچاق ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىدە نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
  • ئېلىشا پەيغەمبەر ئۆز خىزمەتكارىنى، نامانغا نېمە قىلىشنى ئېيتىشقا ئەۋەتتى؟ نامان نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلاندى؟
  • نامان ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ نېمە ئىش قىلدى؟ نەتىجىدە نېمە بولدى؟
  • ئېلىشا نېمە ئۈچۈن ناماننىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلمىدى؟ بىراق، گېھاز نېمە ئىش قىلدى؟
  • گېھازغا نېمە بولدى؟ بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 2-‏پادىشاھلار 5:‏1-‏27-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئاشۇ ئىسرائىل قىزچاقنىڭ مىسالى، بۈگۈنكى كۈندە ياشلارنى نېمە ئىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؟ (2-‏پادىشاھلار 5:‏3؛ زەبۇر 8:‏2؛ 148:‏12، 13)

    مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەسىھەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناماننىڭ مىسالىنى ئەستە مەھكەم ساقلاش نېمە ئۈچۈن بىزگە پايدىلىق؟ (2-‏پادىشاھلار 5:‏15؛ ئىبرانىيلار 12:‏5، 6؛ ياقۇپ 4:‏6)

    ئېلىشا بىلەن گېھازنىڭ مىسالىنى سېلىشتۇرساق، قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟ (2-‏پادىشاھلار 5:‏9، 10، 14-‏16، 20؛ مەتتا 10:‏8؛ ئەلچىلەر 5:‏1-‏5؛ 2-‏كورىنتلىقلار 2:‏17)