مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

76-‏ھېكايە: يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشى

76-‏ھېكايە: يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشى

پادىشاھ نەبۇكەدنەسەر ئەڭ ياخشى تەربىيە ئالغان بارلىق ئىسرائىللارنى بابىلونغا ئېلىپ كەتكىنىگە، ئون يىلدىن كۆپرەك بولغانىدى. مانا ئەمدى نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا قاراڭ! يېرۇسالېم شەھىرى كۆيدۈرۈلۈپ ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. ھەمدە بابىلونلۇقلار ئۆلتۈرۈلمەي ھايات قالغان ئىسرائىللارنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنى بابىلونغا ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.

ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ يەھۋانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خەلق يامان يولىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمما، ئىسرائىللار پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلماي، ئەكسىچە داۋاملىق يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىۋەردى. شۇڭا، ئىسرائىل خەلقى گۇناھى ئۈچۈن جازاغا لايىق ئىدى. بۇنى قانداق بىلىمىز؟ يەھۋا خۇدانىڭ پەيغەمبىرى ھەزقىيال ئىسرائىللارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ھەققىدە بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.

بىلەمسىز ھەزقىيال كىم؟ يېرۇسالېم ۋەيران قىلىنىشتىن ئون يىل ئىلگىرى، نەبۇكەدنەسەر بابىلونغا بىر تۈركۈم ياش ئىسرائىللارنى ئەسىرلىككە ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ھەزقىيال شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى. دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئۈچ دوستى، شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارمۇ ئاشۇ ۋاقىتتا بابىلونغا ئېلىپ كېتىلگەنىدى.

يەھۋا مۆجىزە كۆرسىتىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا قانداق يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھەزقىيالغا ئاشكارا قىلدى. گەرچە ھەزقىيال پەيغەمبەر بابىلوندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمدىكى يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئېنىق كۆردى. ھەزقىيال شۇنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى!

يەھۋا ھەزقىيال پەيغەمبەرگە:‏ «قاراپ باق، خەلق ئىبادەتخانىدا نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ. تامدىكى ھەرخىل يىلان ۋە باشقا جان-‏جانىۋارلارنىڭ سۈرەتلىرىگە قارا، ئىسرائىللارنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىغا قارا!»، دېدى. ھەزقىيال شۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى يېزىپ خاتىرىلىدى.

ئەسىرلەر يېرۇسالېمدىن ئايرىلىپ كېتىۋاتىدۇ

يەھۋا ھەزقىيالدىن:‏ «ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردىڭمۇ؟»، دەپ سورىدى. شۇنداق، ھەزقىيال بۇ ئىشنىمۇ كۆرگەنىدى. يەنى 70 كىشى يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىۋاتاتتى. ئۇلار:‏ «يەھۋا بىزنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇ بۇ زېمىندىن كەتتى»، دېيىشمەكتە ئىدى.

ئاندىن كېيىن، يەھۋا ھەزقىيالغا ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىدىكى بەزى ئاياللارنى كۆرسەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، يالغان ئىلاھ تاممۇزغا چوقۇنۇشۇۋاتاتتى. يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى كىشىلەرگە قارا! ئۇ يەردە 25 چە كىشى بار ئىدى. ھەزقىيال ئۇلارنى كۆردى. ئۇلار شەرق تەرەپكە قاراپ سەجدە قىلىپ، قۇياشقا چوقۇنۇۋاتاتتى!

يەھۋا:‏ «بۇ خەلق مېنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئۇلار پەقەت يامان ئىشلارنى قىلىپ قالماستىن، شۇ يامان ئىشلىرىنى مېنىڭ ئىبادەتخانامغا كېلىپ قىلىشىۋاتىدۇ!»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا:‏ «ئۇلار مېنىڭ غەزىپىمنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىشىدۇ. ئۇلار ۋەيرانە قىلىنغاندا، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمايمەن»، دەپ ۋەدە قىلدى.

يەھۋا ھەزقىيال پەيغەمبەرگە مۇشۇ ئىشلارنى ئاشكارا قىلىپ ئۈچ يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پادىشاھ نەبۇكەدنەسەرگە قارشى چىقتى. شۇڭا، پادىشاھ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، بابىلونلۇقلار يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىل تاملىرىنى چېقىپ، شەھەرنى كۆيدۈرۈپ تۈپتۈز قىلىۋەتتى. ئۆلتۈرۈلمەي قالغان كۆپۈنچە كىشىلەرنى بابىلونغا ئەسىرلىككە ئېلىپ كەتتى.

پەرۋەردىگار يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ مۇشۇنداق ۋەيران بولۇشىغا يول قويغان؟ سەۋەبى، ئىسرائىللار يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەمىشە پەۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىپ ياشاش بەكمۇ مۇھىم!

دەسلەپتە، ناھايىتى ئاز كىشىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. پادىشاھ نەبۇكەدنەسەر گەداليا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي كىشىنى ئاشۇ قالغان خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلەپ قويدى. ئەمما، كېيىنچە بەزى ئىسرائىللار گەداليانى ئۆلتۈرۈۋەتتى. خەلقلەر ئەمدى مۇشۇ يامان ئىشى سەۋەبلىك، بابىلونلۇقلارنىڭ كېلىپ ئۇلارنى ۋەيران قىلىشىدىن قورقتى. شۇڭا، خەلق يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۆزلىرى بىلەن مىسىرغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى.

نەتىجىدە، ئىسرائىل زېمىنىدا بىرمۇ كىشى قالمىدى. 70 يىل بۇ زېمىندا ئادەم ئولتۇرماي، چۆل-‏قاقاسلىققا ئايلاندى. بىراق، يەھۋا 70 يىلدىن كېيىن، ئۆز خەلقىنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەنىدى. ئاشۇ 70 يىل جەريانىدا، بابىلونغا ئېلىپ كېتىلگەن يەھۋانىڭ خەلقى قانداق ئىشلارغا دۇچار بولغاندۇ؟ تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

2-‏پادىشاھلار 25:‏1-‏26؛ يەرەمىيا 29:‏10؛ ھەزقىيال 1:‏1-‏3؛ 8:‏1-‏18.



سوئاللار

  • رەسىمگە قاراڭ، يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىل خەلقىگە نېمە ئىش بولدى؟
  • ھەزقىيال كىم؟ يەھۋا ھەزقىيالغا كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىشلارنى كۆرسەتتى؟
  • ئىسرائىللار يەھۋانى ھۆرمەتلىمىگەچ، ئۇ نېمە دەپ ۋەدە قىلدى؟
  • ئىسرائىللار پادىشاھ نەبۇكەدنەسەرگە قارشى چىققاندىن كېيىن، پادىشاھ نېمە ئىش قىلدى؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ۋەيران بولۇپ، ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويىدۇ؟
  • ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى قانداق بولۇپ ئادەم ئولتۇرمايدىغان چۆل-‏قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالدى؟ قانچە ئۇزاق ۋاقىت چۆل تاشلىۋېتىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 2-‏پادىشاھلار 25:‏1-‏26-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    سىدىقىيا كىم؟ ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟ بۇ مۇقەددەس كىتاب بېشارىتىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇردى؟ (2-‏پادىشاھلار 25:‏5-‏7؛ ھەزقىيال 12:‏13-‏15)

    ئىسرائىل خەلقىنىڭ بارلىق ساداقەتسىز قىلمىشلىرى ئۈچۈن، يەھۋا كىمدىن ھېساب ئالدى؟ (2-‏پادىشاھلار 25:‏9، 11، 12، 18، 19؛ 2-‏تارىخنامە 36:‏14، 17)

  • ھەزقىيال 8:‏1-‏18-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئۆزىنى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان ساختا ئېتىقادچىلار، قۇياشقا چوقۇنۇشقان ساداقەتسىز ئىسرائىللارنى قانداق ئۈلگە قىلماقتا؟ (ھەزقىيال 8:‏16؛ يەشايا 5:‏20، 21؛ يۇھاننا 3:‏19-‏21؛ 2-‏تىموتىي 4:‏3)