مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

78-‏ھېكايە: تامغا يېزىلغان خەت

78-‏ھېكايە: تامغا يېزىلغان خەت
تامغا خەت يېزىۋاتقان قول

بۇ يەردە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟ كىشىلەر كاتتا بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بابىلون پادىشاھى مىڭ كىشىنى مېھمان بولۇشقا چاقىرغانىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن ۋە كۈمۈش جام ۋە قاچىلارنى ئىشلىتىپ، شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئەمما، توساتتىنلا بىر ئىنساننىڭ بارمىقى بوشلۇقتا پەيدا بولۇپ، تامغا خەت يېزىشقا باشلىدى. كۆپچىلىك قورقۇشۇپ كەتتى.

بېلشازار ۋە ئۇنىڭ مېھمانلىرى

ھازىر نەبۇكەدنەسەرنىڭ نەۋرىسى بېلشازار پادىشاھ ئىدى. ئۇ ۋارقىراپ، دانىشمەن كىشلىرىنى دەرھال كىرىشكە بۇيرۇدى. پادىشاھ:‏ «كىم بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. مەن ئۇ كىشىگە چوڭ مۇكاپاتلارنى بېرىمەن، ھەتتا دۆلىتىمنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىدىكى ئۈچىنچى مەنسەپنى بېرىمەن»، دېدى. بىراق، ھېچ قايسى دانىشمەن خەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەلمىدى.

پادىشاھنىڭ ئانىسى ۋاراڭ-‏چۇرۇڭلارنى ئاڭلاپ، زىياپەت زالىغا كىرگەنىدى. ئۇ پادىشاھقا:‏ «ئۇنداق بەك قورقۇپ كەتمە، پادىشاھلىقىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنى تونۇيدىغان بىر كىشى بار. بوۋاڭ نەبۇكەدنەسەر پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، ئۇ كىشىنى بارلىق دانىشمەنلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن، ئۇنىڭ ئىسمى دانىيال. ئادەم ئەۋەت، ئۇ بۇلارنىڭ نېمە مەنىسى بارلىقىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، دانىيال دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. دانىيال پەيغەمبەر ھەرقانداق مۇكاپاتنى رەت قىلغاندىن كېيىن، يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن بېلشازارنىڭ بوۋىسى نەبۇكەدنەسەرنى پادىشاھلىق ئورنىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشكە باشلىدى. دانىيال:‏ «ئۇ ناھايىتى تەكەببۇر ئىدى، شۇڭا يەھۋا ئۇنى جازالىغان»، دېدى.

دانىيال پەيغەمبەر بېلشازارغا:‏ «ئەمما سەن، نەبۇكەدنەسەرگە نېمە بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش تەكەببۇرلۇق قىلىپ، يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن جام ۋە قاچىلاردا شاراب ئىچىپسەن. سەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان ئىلاھلارنى مەدھىيىلەپ، ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىزغا ھۆرمەت-‏ئېھتىرام بىلدۈرمىدىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋا خۇدا بۇ خەتلەرنى يېزىشقا ئاشۇ قولنى ئەۋەتكەن»، دېدى.

دانىيال پەيغەمبەر:‏ «تامغا يېزىلغان خەتلەر بولسا، مەنا، مەنا تەقىل ۋە پارسىن».

«مەنا سۆزىنىڭ مەنىسى، خۇدا پادىشاھلىقىڭنىڭ كۈنلىرىنى ئاللىقاچان ھېسابلاپ بولدى، پادىشاھلىقىڭ ئاخىرلىشىدۇ. تەقىل سۆزنىڭ مەنىسى، سەن تارازىغا تارتىلدىڭ، ھېچ ياخشىلىقىڭ تېپىلمىدى. پارسىن سۆزنىڭ مەنىسى، پادىشاھلىقىڭ مېدىيا بىلەن پېرسىيەگە بېرىلىدۇ»، دېدى.

ھەتتا دانىيال پەيغەمبەر دەل مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، مېدىيا بىلەن پېرسىيە قوشۇنلىرى بابىلونغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغانىدى. ئۇلار بابىلون شەھىرىنى ئىگەللەپ، بېلشازارنى ئۆلتۈردى. تامغا يېزىلغان خەتلەر، دەل شۇ ئاخشىمى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى! ئۇنداقتا، ئەمدى خۇدانىڭ خەلقىگە نېمە بولدى؟ مۇشۇ ھەققىدە كېيىنرەك ئۆگىنىمىز. بىراق، دانىيال پەيغەمبەرگە نېمە بولغانلىقىنى ئاۋۋال كۆرۈپ باقايلى.

دانىيال 5:‏1-‏31.



سوئاللار

  • بابىلون پادىشاھى يەھۋانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن جام ۋە قاچىلارنى ئىشلىتىپ كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • بېلشازار دانىشمەنلىرىنى چاقىرىپ نېمە دېدى؟ بىراق، ئۇلار نېمە ئىش قىلالمىدى؟
  • پادىشاھنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا نېمە ئىش قىلىشنى ئېيتتى؟
  • دانىيالنىڭ پادىشاھقا ئېيتىپ بەرگىنىگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن خۇدا تامغا خەت يېزىشقا بىر قولنى ئەۋەتتى؟
  • دانىيال تامدىكى خەتلەرنىڭ مەنىسىنى نېمە دەپ چۈشەندۈردى؟
  • دانىيال سۆز قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • دانىيال 5:‏1-‏31-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇدادىن ئەيمىنىپ قورقۇش بىلەن بېلشازارنىڭ تامغا يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ قورقۇنچ ھېس قىلىشى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟ (دانىيال 5:‏6، 7؛ زەبۇر 19:‏9؛ رىملىقلار 8:‏35-‏39)

    دانىيال بېلشازار ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە يۈرەكلىك بىلەن سۆز قىلىپ، جاسارەتلىكنى قانداق كۆرسەتتى؟ (دانىيال 5:‏17، 18، 22، 26-‏28؛ ئەلچىلەر 4:‏29)

    يەھۋانىڭ بارچە كائىنات ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى، دانىيال كىتابى 5-‏بابتا قانداق ئالاھىدە تەكىتلەنگەن؟ (دانىيال 4:‏17، 25؛ 5:‏21)