مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

80-‏ھېكايە: خۇدا خەلقىنىڭ بابىلوندىن ئايرىلىشى

80-‏ھېكايە: خۇدا خەلقىنىڭ بابىلوندىن ئايرىلىشى

مېدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەر بابىلوننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، 2 يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئەمدى نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا قاراڭ! خۇدانىڭ خەلقى بابىلوندىن ئايرىپ كېتىپ بارىدۇ. ئۇلار قانداق ئەركىن بولدى؟ ئۇلارنىڭ كېتىشىگە كىم رۇخسەت قىلدى؟

ئۇلارنىڭ كېتىشىگە پېرسىيە پادىشاھى كۇرس بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى. كۇرس تۇغۇلۇشتىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، يەھۋانىڭ پەيغەمبىرى يەشايا، كۇرس توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:‏ «سەن، دەل مەن سېنىڭ قىلىشىڭنى ئارزۇ قىلغان ئىشنى قىلىسەن. شەھەرنى ئىشغال قىلىشىڭ ئۈچۈن شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى سەن ئۈچۈن ئوچۇق قالىدۇ». دەرۋەقە، كۇرس قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، بابىلونغا ھۇجۇم قىلدى. مېدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەر كېچىدە كېلىپ، ئوچۇق قالغان دەرۋازىدىن شەھەرگە كىردى.

بىراق، يەھۋانىڭ پەيغەمبىرى يەشايا، كۇرسنىڭ يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا ياساش ئۈچۈن بۇيرۇق بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقانىدى. كۇرس شۇنداق بۇيرۇق بەردىمۇ؟ دەرۋەقە شۇنداق قىلدى. كۇرس ئىسرائىللارغا:‏ «ھازىر يېرۇسالېمغا بېرىپ، خۇدايىڭلار بولغان يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياساڭلار»، دېدى. بۇلار دەل يېرۇسالېمغا قايتىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان ئىسرائىللاردۇر.

ئىسرائىللار بابىلوندىن ئايرىلىپ كېتىۋاتىدۇ

بىراق، بابىلوندىكى بارلىق ئىسرائىللار يېرۇسالېمغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر قىلالمايتتى. چۈنكى، بۇ سەپەر تەخمىنەن 800 كىلومېتىرچە بولۇپ، كۆپۈنچە قېرىپ كەتكەن ياكى كېسەل كىشىلەر ئۇنداق ئۇزۇن يول يۈرەلمەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كىشىلەرنىڭ قايتىپ كېتەلمەسلىكىدە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار ئىدى. بىراق، كۇرس يېرۇسالېمغا كېتەلمەيدىغان كىشىلەرگە بۇيرۇق قىلىپ:‏ «قايتىپ يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياسايدىغان كىشىلەرگە ئالتۇن-‏كۈمۈش ۋە باشقا سوۋغاتلارنى بېرىڭلار»، دېدى.

شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر سوۋغاتلارنى ئېلىپ كېلىپ، يېرۇسالېمغا قايتماقچى بولغان ئىسرائىللارغا بەردى. كۇرس ھەمدە ئۇلارغا پادىشاھ نەبۇكەدنەسەر يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلغاندا، يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كەتكەن جام ۋە قاچا-‏قۇچىلارنى بەردى. شۇڭا، ئىسرائىللار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتتى.

تۆت ئاي سەپەر قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىللار يېرۇسالېمغا ۋاقتىدا قايتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىت دەل شەھەر ۋەيران قىلغاندىن كېيىنكى 70-‏يىلى ئىدى. يۇرت چۆل-‏قاقاس تاشلىنىپ، ئادەم ئولتۇرمىغانىدى. گەرچە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە داۋاملىق كۆرۈپ ئۆتىمىز.

يەشايا 44:‏28؛ 45:‏1-‏4؛ ئەزرا 1:‏1-‏11



سوئاللار

  • رەسىمدە تەسۋىرلەنگەندەك، ئىسرائىللار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
  • يەھۋا خۇدا پەيغەمبىرى يەشايا ئارقىلىق ئېيتقان بېشارەتنى، كۇرس قانداق ئەمەلگە ئاشۇردى؟
  • كۇرس يېرۇسالېمغا قايتىپ كېتەلمەيدىغان ئىسرائىللارغا نېمە دېدى؟
  • كۇرس كىشىلەرنىڭ يېرۇسالېمغا نېمىنى قايتۇرۇپ كېتىشىگە رۇخسەت بەردى؟
  • ئىسرائىللار يېرۇسالېمغا قايتىپ بېرىش ئۈچۈن قانچە ئۇزۇن ۋاقىت سەپەر قىلدى؟
  • يۇرت چۆل-‏قاقاس تاشلىنىپ، ئادەم ئولتۇرمىغىنىغا قانچە يىل بولغانىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەشايا 44:‏28-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    كۇرس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بېشارەتنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى، يەھۋا قانداق ئالاھىدە تەكىتلىگەن؟ (يەشايا 55:‏10، 11؛ رىملىقلار 4:‏17)

    يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كۇرس ھەققىدە ئېيتقان بېشارىتى، پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىش قۇدرىتىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (يەشايا 42:‏9؛ 45:‏21؛ 46:‏10، 11؛ 2-‏پېترۇس 1:‏20)

  • ئەزرا 1:‏1-‏11-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قەدىمقى زاماندا، يۇرتى يېرۇسالېمغا قايتىپ كېتەلمىگەن ئىسرائىللارغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئىش قىلىش ئارقىلىق تولۇق ۋاقىت خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم ۋە مەدەتلەرنى بېرەلەيمىز؟ (ئەزرا 1:‏4، 6؛ رىملىقلار 12:‏13؛ كولوسىلىقلار 4:‏12)