مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

81-‏ھېكايە: خۇدانىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىش

81-‏ھېكايە: خۇدانىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىش

نەچچە مىڭلىغان كىشى بابىلوندىن يېرۇسالېمغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى. بىراق، ئۇلار يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، پەقەت بىر چوڭ خارابىلىك قالغان بولۇپ، ئادەم ياشىمايتتى. ئىسرائىللار بارلىق نەرسىلەرنى قايتىدىن ياساپ چىقىشى كېرەك ئىدى.

ئۇلارنىڭ تۇنجى بولۇپ ياسىغىنى بىر قۇربانلىق سۇپىسى بولدى. ئۇلار بۇ سۇپىنى يەھۋاغا سوۋغات تەقدىم قىلىش، يەنى جان-‏جانىۋارلارنى قۇربان قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى ئىدى. بىرقانچە ئايدىن كېيىن، ئىسرائىللار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ئەمما، يېقىن ئەتراپتا ئولتۇراقلاشقان دۈشمەنلەر، ئىسرائىللارنىڭ ئىبادەتخانا سېلىشىنى خالىمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئىسرائىللارنى قورقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىنى توختىتىشقا ئۇرۇندى. ئاخىرىدا، بۇ دۈشمەنلەر پېرسىيەنىڭ يېڭى پادىشاھىنى قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىش قانۇنى چىقىرىشقا قايىل قىلدى.

يىللار بىر-‏بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ كەتتى. مانا ئىسرائىللار بابىلوندىن قايتىپ كەلگىنىگە 17 يىل بولغانىدى. يەھۋا ئۆز پەيغەمبەرلىرىدىن ھەجى ۋە زەكەرىيانى، خەلققە قۇرۇلۇش قىلىشنى قايتا باشلاشنى ئېيتىشقا ئەۋەتتى. خەلق خۇدانىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلدى. گەرچە ئىبادەتخانا سېلىش قۇرۇلۇشى قىلماسلىق توغرىسىدا قانۇن چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئۇلار قايتا قۇرۇلۇش قىلىشنى باشلىدى.

شۇڭا، تاتتىناي ئىسىملىك بىر پېرسىيە ئەمەلدارى كېلىپ، ئىسرائىللاردىن ئىبادەتخانا سېلىشقا قانداق ھوقۇقى بارلىقىنى سورىدى. ئۇلار تاتتىنايغا:‏ ‹ئىسرائىللار بابىلوندىكى ۋاقتىدا، پادىشاھ كۇرس:‏ «ھازىر، يېرۇسالېمغا بېرىپ خۇدايىڭلار بولغان يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياساڭلار»، دېگەن ئىدى›، دەپ جاۋاب بەردى.

تاتتىناي بابىلونغا خەت ئەۋەتىپ، كۇرسنىڭ ئىلگىرى راستىنلا شۇنداق دېگەن ياكى دېمىگەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، پېرسىيە يېڭى پادىشاھىدىن جاۋاب خەت كەلدى. ئۇ خەتتە، كۇرسنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق بۇيرۇق بەرگەنلىكى ئېيتىلغانىدى. ھەمدە پادىشاھ:‏ «ئىسرائىللارنى ئۆز خۇداسىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشىغا يول قويۇڭلار. ھەمدە سىلەرگە ئۇلارغا ياردەم بېرىڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىمەن»، دەپ يازغان ئىدى. ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى 4 يىلچە ۋاقىت ئىچىدە پۈتتى. ئىسرائىللار ناھايىتى خۇشال بولۇشتى.

يەنە نۇرغۇن يىللار ئارقا-‏ئارقىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مانا ھازىر ئىبادەتخانا پۈتكىنىگە 48 يىلچە بولغانىدى. يېرۇسالېم خەلقى نامراتلىشىپ كەتتى. ئۇ شەھەر ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ناھايىتى ۋەيرانە كۆرۈنەتتى. ئاشۇ ۋاقىتتا، بابىلوندا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىل كىشى ئەزرا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تۈزەپ ئوڭشاشنىڭ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئەزرا پېرسىيە پادىشاھى ئارتاھشاشتا بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. بۇ ياخشى پادىشاھ ئۇنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن كۆپ سوۋغاتلارنى بەردى. ئەزرا بابىلوندىكى ئىسرائىللاردىن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، بۇ سوۋغاتلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ بېرىشنى سورىدى. تەخمىنەن 6000 كىشى بىرگە بېرىشقا ماقۇل بولدى. ئۇلار نۇرغۇن ئالتۇن-‏كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك نەرسىلەرنى بىللە ئېلىپ مېڭىشى كېرەك ئىدى.

ئەزرا بەك ئەنسىرىدى. چۈنكى، بۇ ئۇزۇن سەپەردە، يول ئۈستىدە ئەسكى ئادەملەر كۆپ ئىدى. بۇ ئادەملەر ئالتۇن-‏كۈمۈشلەرنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، ئەزرا خۇددى سىز بۇ رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغاندەك، كۆپچىلىكنى يىغىلىپ جەم بولۇشقا چاقىردى. ئاندىن كېيىن، ئۇلار يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، يېرۇسالېمغا قايتىش ئۇزۇن سەپىرىدە ئۆزلىرىنى قوغداشنى ئۆتۈندى.

ئەزرا ۋە كۆپچىلىك دۇئا قىلىۋاتىدۇ

پەرۋەردىگار يەھۋا ھەقىقەتەن ئۇلارنى قوغدىدى. تەخمىنەن تۆت ئاي يول يۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار تىنچ-‏ئامان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەھۋانىڭ ياردەمىگە ئىشەنچ قىلغانلارنى، ئۇنىڭ قوغداشقا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!

ئەزرا 2-‏بابتىن 8-‏بابقىچە.



سوئاللار

  • قانچىلىك كىشى بابىلوندىن يېرۇسالېمغا قايتىش ئۇزۇن سەپىرىگە ئاتلاندى؟ ئۇلار يېتىپ كەلگەندە قانداق بىر كۆرۈنۈشنى كۆردى؟
  • ئۇلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار نېمىنى قايتىدىن ياساشقا باشلىدى؟ ئەمما، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى نېمە ئىش قىلدى؟
  • ھەجى ۋە زەكەرىيا دېگەنلەر كىملەر؟ ئۇلار كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلىشنى ئېيتتى؟
  • تاتتىناي نېمە ئۈچۈن بابىلونغا خەت ئەۋەتتى؟ ئۇ قانداق جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالدى؟
  • ئەزرا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تۈزەپ ئوڭشاشنىڭ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ نېمە ئىش قىلدى؟
  • رەسىمگە قاراڭ، ئەزرا نېمە ئىش ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ دۇئاسىغا قانداق جاۋاب قايتتى؟ بۇنىڭدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەزرا 3:‏1-‏13-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەگەردە بىز ئېتىقادچىلار جامائىتى يوق بىر جايغا كۆچۈپ بېرىپ قالساق، چوقۇم نېمە ئىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك؟ (ئەزرا 3:‏3، 6؛ ئەلچىلەر 17:‏16، 17؛ ئىبرانىيلار 13:‏15)

  • ئەزرا 4:‏1-‏7-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ خەلقى ئوخشاش بولمىغان دىنىي-‏ئېتىقادتىكى كىشىلەر بىلەن قانداق ئالاقىدە بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا، زېرۇبابىل بىزلەرگە قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟ (چىقىش 34:‏12؛ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏33؛ 2-‏كورىنتلىقلار 6:‏14-‏17)

  • ئەزرا 5:‏1-‏5، 17 ۋە 6:‏1-‏22-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قارشى چىققۇچىلار نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى توختىتالمىدى؟ (ئەزرا 5:‏5؛ يەشايا 54:‏17)

    يەھۇدىيلارنىڭ يېتەكچى ئاقساقاللىرى قالدۇرغان قايسى ئۈلگە، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىنى قارشىلىققا دۇچ كەلگەندە، يەھۋادىن يولباشچىلىق سوراشقا ئۈندەيدۇ؟ (ئەزرا 6:‏14؛ زەبۇر 32:‏8؛ رىملىقلار 8:‏31؛ ياقۇپ 1:‏5)

  • ئەزرا 8:‏21-‏23، 28-‏36-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مەلۇم بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟ مۇشۇ جەھەتتە ئەزرا بىزگە قانداق ئۈلگە بولالايدۇ؟ (ئەزرا 8:‏23؛ زەبۇر 127:‏1؛ پەندى-‏نەسىھەت 10:‏22؛ ياقۇپ 4:‏13-‏15)