مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

101-‏ھېكايە: ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

101-‏ھېكايە: ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

قاراڭ، بەكمۇ قورقۇنچلۇق ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ! ئەيسا مەسىھ ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ پۇت-‏قوللىرىنى بىر تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلاپ ئاستى. كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئەيسا پەيغەمبەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟

ئەيسانىڭ ئۆلۈشى

چۈنكى، بەزىلەر ئۇنى ئۆچ كۆرەتتى. ئۇلار كىملەر بىلەمسىز؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئەسكى پەرىشتە ئىبلىس شەيتان. ئۇ ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋ-‏ئانىنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەھۋا خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشىغا سەۋەبچى بولغۇچىدۇر. شۇنىڭدەك، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۈشمەنلىرىنى بۇنداق قورقۇنچلۇق گۇناھلىق ئىشنى قىلىشقا كۈشكۈرتكەنمۇ دەل شۇ شەيتان.

ھەتتا ئەيسا مەسىھ بۇ تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭغا قەبىھ ئۇسۇل بىلەن مۇئامىلە قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ گېتسىمانە باغچىسىغا كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ كەتكەنلىكى يادىڭىزدىمۇ؟ ئاشۇ دۈشمەنلەر كىملەر؟ شۇنداق، ئۇلار دىنىي يېتەكچىلەر ئىدى. ئۇنداقتا، كېيىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

دىنىي يېتەكچىلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى قاچتى. ئۇلار ئۇنى دۈشمەنلىرى بىلەن يالغۇز تاشلاپ كەتتى. چۈنكى، ئۇلار بەكمۇ قورققانىدى. بىراق، ئەلچى پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئانچە يىراققا كەتمىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەگىشىپ ماڭدى.

روھانىيلار ئاۋۋال ئەيسا پەيغەمبەرنى ياشانغان كىشى يەنى ئىلگىرى باش روھانىي بولغان ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. كۆپچىلىك بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇلار ئەيسانى ھازىر باش روھانىيلىق قىلىۋاتقان قاياپانىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى. نۇرغۇن دىنىي يېتەكچىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇشتى.

ئۇلار قاياپانىڭ ئۆيىدە ئەيسا مەسىھنى سوراق قىلدى. ھەمدە ئۇلار بىرقانچە كىشىنى ئېلىپ كېلىپ، مەسىھكە تۆھمەت قىلدى. دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ ھەممىسى:‏ «ئەيسا ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك»، دېيىشتى. ئاندىن كېيىن، ئۇلار مەسىھ ئەيسانىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، مۇشت بىلەن ئۇردى.

مۇشۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاندا، پېترۇس تاشقىرىقى ھويلىدا ئىدى. ئۇ كۈنى كېچىسى ھاۋا سوغۇق بولغاچ، بەزى كىشىلەر ئوت ياققانىدى. ئۇلار ئوتنى چۆرىدەپ ئىسسىنىپ ئولتۇرغاندا، بىر چاكار قىز پېترۇسقا قاراپ:‏ «بۇ كىشىمۇ ئەيسا بىلەن بىر»، دېدى.

پېترۇس جاۋاب بېرىپ:‏ «ياق، مەن ئەمەس!»، دېدى.

كىشىلەر ئۈچ قېتىم پېترۇسقا، ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق، ھەر نۆۋەت پېترۇس:‏ ئۇنداق ئەمەس، دەپ تاندى. ئۈچىنچى قېتىم پېترۇس شۇ گەپنى قىلغىنىدا، ئەيسا مەسىھ بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى. پېترۇس مۇشۇ يالغان گەپلەرنى قىلغىنى ئۈچۈن بەكمۇ پۇشايمان قىلدى ۋە يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقىپ قاتتىق يىغلىدى.

جۈمە كۈنى سەھەردە، قۇياش كۆتۈرۈلىشىگە، مەسىھ ئەيسانى روھانىيلار ئالىي كېڭەشمىسىگە، يەنى ئۆزلىرى چوڭ يىغىلىش قىلىدىغان جايغا ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇ يەردە، ئۇنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. ئاندىن، ئۇلار ئۇنى يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.

روھانىيلار پىلاتۇسقا:‏ «بۇ يامان ئادەم، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك»، دېدى. ھەزرىتى ئەيسانى سوراق قىلغاندىن كېيىن، پىلاتۇس:‏ «مەن ھېچقانداق خاتالىق تاپالمىدىم»، دېدى. ئاندىن كېيىن، پىلاتۇس ئەيسانى ھىرود خاننىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. ھىرود خان جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا دەل يېرۇسالېمدا ئىدى. ھىرود خانمۇ ئەيسادىن ھېچقانداق بىر خاتالىق تاپالمىدى، شۇڭا، ئۇ ئۇنى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇردى.

پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇۋەتمەكچى بولدى. بىراق، ئەيسانىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر جىنايەتچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ جىنايەتچى قاراقچى بارابباس ئىدى. چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. پىلاتۇس مەسىھ ئەيسانى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ:‏ «قاراڭلار! بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار!»، دېدى. لېكىن، ئالىي روھانىيلار:‏ «ئۇنى يوقىتىڭ! ئۆلتۈرۈلسۇن! ئۆلتۈرۈلسۇن!»، دەپ ۋارقىراشتى. شۇڭا، پىلاتۇس بارابباسنى قويۇپ بەردى، ھەمدە ئۇلار ئەيسا مەسىھنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭدى.

جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەسىھ بىر تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلاندى. مەسىھ ئەيسانىڭ ئوڭ-‏سول تەرەپلىرىدە، باشقا ئىككى جىنايەتچىمۇ تۈۋرۈككە مىخلاندى. بىراق، ئۇلار بۇ رەسىمدە يوق، كۆرەلمەيسىز. ئەيسا مەسىھ ئۆلۈشتىن ئازراق ئىلگىرى، ئاشۇ ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنىڭغا:‏ «ئەيسا، سەن پادىشاھ بولغىنىڭدا، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن»، دېدى. ئەيسا مەسىھ جاۋاب بېرىپ:‏ «ساڭا ۋەدە بېرەيكى، سەن مەن بىلەن جەننەتتە بولىسەن»، دېدى.

بۇ بىر ئاجايىپ ۋەدە، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەيسا قانداق جەننەت ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ، بىلەمسىز؟ دەسلىپىدە، يەھۋا خۇدا جەننەتنى قەيەردە ياراتقان؟ يەر يۈزىدە ياراتقان. مەسىھ ئەيسا ئاسماندا پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا، بۇ ئادەمنى يەر يۈزىدىكى يېڭى جەننەتتە ھايات كەچۈرۈشكە تىرىلدۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىز خۇشال بولماي تۇرالمايمىز!

مەتتا 26:‏57-‏75؛ 27:‏1-‏50؛ لۇقا 22:‏54-‏71؛ 23:‏1-‏49؛ يۇھاننا 18:‏12-‏40؛ 19:‏1-‏30.



سوئاللار

  • ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدە ئاساسىي جاۋابكارلىق كىمنىڭ ئۈستىدە؟
  • دىنىي يېتەكچىلەر ئەيسانى ئېلىپ ماڭغاندا، ئەلچىلەر نېمە ئىش قىلدى؟
  • باش روھانىي قاياپانىڭ ئۆيىدە نېمە ئىش يۈزبەردى؟
  • پېترۇس نېمە ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ يىغلىدى؟
  • ھىرود خان ئەيسانى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇرغاندىن كېيىن، ئالىي روھانىيلار نېمە دەپ ۋارقىراشتى؟
  • جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەيساغا نېمە بولدى؟ ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە مىخلانغان بىر جىنايەتچىگە نېمە دەپ ۋەدە بەردى؟
  • ئەيسا پەيغەمبەر تىلغا ئالغان كەلگۈسى جەننەت قەيەردە بولىدۇ؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 26:‏57-‏75-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۇدىي ئالىي سوت كېڭەشمىسى ئەزالىرى، ئۆزلىرىنىڭ قارا كۆڭلىنى قانداق ئاشكارا قىلدى؟ (مەتتا 26:‏59، 67، 68)

  • مەتتا 27:‏1-‏50-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمە ئۈچۈن، گەرچە يەھۇدا پۇشايمان قىلغان بولسىمۇ، چىن كۆڭلىدىن شۇنداق قىلمىغان دېيىشكە بولىدۇ؟ (مەتتا 27:‏3، 4؛ ماركۇس 3:‏29؛ 14:‏21؛ 2-‏كورىنتلىقلار 7:‏10، 11)

  • لۇقا 22:‏54-‏71-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا تۇتۇپ كېتىلگەن ئاخشىمى، پېترۇس ئەيسادىن تانغان ئىدى، شۇنىڭدىن بىز قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ (لۇقا 22:‏60-‏62؛ مەتتا 26:‏31-‏35؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏12)

  • لۇقا 23:‏1-‏49-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا ناھەقچىلىككە ئۇچرىغاندا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانىدى؟ شۇنىڭدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (لۇقا 23:‏33، 34؛ رىملىقلار 12:‏17-‏19؛ 1-‏پېترۇس 2:‏23)

  • يۇھاننا 18:‏12-‏40-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە پېترۇسنى ۋاقتىنچە قورقۇنچ چىرمىۋالغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇ ئەسلىگە قايتىپ، غەيرەت-‏شىجائەتلىك بىلەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان ئىدى، بىز بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (يۇھاننا 18:‏25-‏27؛ 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏2؛ 1-‏پېترۇس 3:‏14، 15؛ 5:‏8، 9)

  • يۇھاننا 19:‏1-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمە ئۈچۈن، ئەيسانى ماددىي نەرسىلەرگە نىسبەتەن توغرا كۆزقاراشنى ساقلىغان دەيمىز؟ (يۇھاننا 2:‏1، 2، 9، 10؛ 19:‏23، 24؛ مەتتا 6:‏31، 32؛ 8:‏20)

    ئەيسانىڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى قىلغان جاكارلاش سۆزى، يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ياقىلاشنىڭ غەلبىگە ئېرىشكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (يۇھاننا 16:‏33؛ 19:‏30؛ 2-‏پېترۇس 3:‏14؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏4)