مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

90-‏ھېكايە: قۇدۇق قېشىدا بىر ئايال بىلەن پاراڭلىشىش

90-‏ھېكايە: قۇدۇق قېشىدا بىر ئايال بىلەن پاراڭلىشىش

ئەيسا پەيغەمبەر دەم ئېلىش ئۈچۈن، سامارىيەدە بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىغانىدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتتى. ئەيسا قۇدۇققا سۇ ئالغىلى كەلگەن ئايال بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ ئايالغا:‏ «ماڭا بىرئاز ئۇسسۇلۇق بەرگەن بولسىڭىز»، دېدى.

ئەيسا مەسىھ بىر سامارىيىلىك ئايال بىلەن پاراڭلىشىۋاتىدۇ

بۇ ئايال بەكمۇ ھەيران قالدى. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى، ئەيسا بىر يەھۇدىي، ئۇ بولسا سامارىيىلىك ئايال. كۆپلىگەن يەھۇدىيلار سامارىيىلىكلەرنى ياخشى كۆرمەيتتى. ھەتتا، ئۇلار سامارىيىلىكلەرگە گەپمۇ قىلمايتتى! بىراق، ئەيسا پەيغەمبەر ھەرقانداق كىشىنى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا، ئۇ:‏ «ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-‏دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى»، دېدى.

ئايال:‏ «تەقسىر، قۇدۇق چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزدە ھەتتا سۇ تارتىدىغان چىلەك يوق تۇرسا، ھاياتلىق بېرىدىغان سۇنى نەدىن تاپالايسىز؟»، دېدى.

ئەيسا چۈشەندۈرۈپ:‏ «بۇ سۇنى ئىچكەنلەر يەنە ئۇسسايدۇ. ئەمما مەن بېرىدىغان سۇ كىشىلەرنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ»، دېدى.

ئايال:‏ «تەقسىر، ماڭا ئۇ سۇدىن بەرگەيسىز! شۇنى ئىچىپ ئۇسسىمايدىغان بولاي ۋە بۇ يەرگە قايتا سۇ ئالغىلى كەلمەيدىغان بولاي»، دېدى.

ئۇ ئايال، ھەزرىتى ئەيسا راست سۇ توغرىسىدا سۆزلەۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. بىراق، ئەيسا پەيغەمبەر بولسا خۇدا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى ھەقىقەت توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتاتتى. مۇشۇ ھەقىقەت، ھاياتلىق بەرگۈچى سۇغا ئوخشايدۇ. ئۇ كىشىگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرەلەيدۇ.

ئەمدى ئەيسا ئايالغا:‏ «بېرىپ ئېرىڭىزنى باشلاپ كېلىڭ»، دېدى.

«ئېرىم يوق»، دەپ جاۋاب بەردى ئايال.

ھەزرىتى ئەيسا:‏ «ئېرىم يوق دەپ راستىنى ئېيتىڭىز. بەش ئەرگە تەگكەنىدىڭىز، ھازىر سىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئادەم ئېرىڭىز بولمايدۇ»، دېدى.

ئايال ناھايىتى ھەيران بولدى. چۈنكى، ئەيسانىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى راست ئىدى. ئۇنداقتا بۇ ئىشلارنى ئۇ قانداق بىلگەن؟ چۈنكى، ئۇ خۇدا ئەۋەتىشنى ۋەدە قىلغان كىشى يەنى مەسىھ ئىدى. خۇدا بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن. دەل شۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر سامارىيىلىك ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ-‏تاڭ قېلىشتى.

مۇشۇ ئىشلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بۇ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىرق ۋە مىللەت ئايرىمىسىغا قارىماي، ھەممە كىشىگە ئوخشاشلا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. بەزى ئادەملەر باشقا ئىرق ياكى مىللەت كىشىلىرى بولغىنى ئۈچۈن، يامان ئادەملەر دەپ ئويلىماسلىقىمىز لازىم. ئەيسا مەسىھ مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى بارلىق ئىنسانلارنىڭ بىلىشىنى بەكمۇ خالايدۇ. بىز ھەم كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە ئىنتىلىشىمىز كېرەك.

يۇھاننا 4:‏5-‏43؛ 17:‏3.



سوئاللار

  • ئەيسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن سامارىيەدە بىر قۇدۇقنىڭ قېشىدا توختىدى؟ ئۇ يەردە، ئۇ بىر ئايالغا نېمە دېدى؟
  • ئۇ ئايال نېمە ئۈچۈن ھەيران قالدى؟ ئەيسا پەيغەمبەر ئايالغا نېمە دېدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • ئۇ ئايال ئەيسا پەيغەمبەرنى قانداق سۇ توغرىسىدا سۆزلەۋاتىدۇ، دەپ ئويلىدى؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ قانداق سۇ ھەققىدە گەپ قىلغانىدى؟
  • ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئۇ ئايال ھەققىدە بىلگەنلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇ ئايالنى ھەيران قالدۇردى؟ ئۇ ئاشۇ ئىشلارنى قانداق بىلگەن؟
  • قۇدۇق قېشىدىكى ئايال ھەققىدىكى ھېكايىدىن قانداق نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يۇھاننا 4:‏5-‏43-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، باشقا ئىرق ياكى جەمئىيەتتىكى ئورنى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك؟ (يۇھاننا 4:‏9؛ 1-‏كورىنتلىقلار 9:‏22؛ 1-‏تىموتىي 2:‏3، 4؛ تىتۇس 2:‏11)

    ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغانلار روھى جەھەتتىن قانداق پايدا-‏ مەنپەئەتكە ئىگە بولىدۇ؟ (يۇھاننا 4:‏14؛ يەشايا 58:‏11؛ 2-‏كورىنتلىقلار 4:‏16)

    قىزغىنلىق بىلەن بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا ئېيتقان سامارىيىلىك ئايالغا ئوخشاش، بىز ئۆگەنگەن بىلىملەر ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ (يۇھاننا 4:‏7، 28؛ مەتتا 6:‏33؛ لۇقا 10:‏40-‏42)