مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

91-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ تاغدا تەلىم بېرىشى

91-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ تاغدا تەلىم بېرىشى

قاراڭ، ئەيسا مەسىھ بۇ يەردە ئولتۇرىدۇ. ئۇ جەلىلىيەدىكى بىر تاغ ئۈستىدە كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا يېقىن ئولتۇرغانلار، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى. ئەيسا پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن 12 كىشىنى ئۆزىگە ئەلچى بولۇشقا تاللىغانىدى. ئەلچىلەر ئەيسانىڭ ئالاھىدە ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىلەمسىز؟

ئەيسا مەسىھ تەلىم بەرمەكتە

ئۇلار سىمۇن پېتىر ۋە قېرىندىشى ئەندەر. ھەمدە، ياقۇپ ۋە قېرىندىشى يۇھاننا. باشقا يەنە بىر ئەلچىنىڭ ئىسمىمۇ ياقۇپ، يەنە بىرىنىڭمۇ سىمۇن ئىدى. ئىككى يەھۇدا ئىسىملىك ئەلچى بولۇپ، بىرى يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىدى، يەنى بىرى تاداي، دەپمۇ چاقىرىلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا فىلىپ ۋە ناتانيەل (بارتولوماي، دەپمۇ ئاتالغان)، مەتتا ۋە توماس بار ئىدى.

سامارىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەيسا مەسىھ تۇنجى قېتىم ۋەز ئېيتىپ:‏ «ئەرىشنىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى»، دەپ تەلىم بەردى. ئۇ قانداق پادىشاھلىق بىلەمسىز؟ ئۇ خۇدانىڭ ھەقىقىي بىر ھۆكۈمىتىدۇر. ئەيسا مەسىھ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، يەرشارىغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى پۈتكۈل يەرشارىنى گۈزەل بىر جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

ئەيسا پەيغەمبەر بۇ يەردە كىشىلەرگە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە تەلىم بېرىۋاتىدۇ. ئۇ چۈشەندۈرۈپ:‏ «سىلەر مۇنداق دۇئا قىلىڭلار:‏ ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز، سېنىڭ ئىسىمىڭ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، سېنىڭ ئىرادەڭ ئاسماندىكىگە ئوخشاش، يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي»، دېگەنىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇئانى يادقا بىلىدۇ. سىزمۇ دۇئانىڭ بارلىق مەزمۇنىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

ھەزرىتى ئەيسا يەنە كىشىلەرگە بىر-‏بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەلىم بەردى. ئۇ:‏ «سىلەر باشقىلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئويلىساڭلار، سىلەرمۇ باشقىلارغا شۇنداق قىلىڭلار»، دېدى. باشقىلارنىڭ سىزگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى خالامسىز؟ ئەيسا مەسىھ بىزنى باشقىلارغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەيدۇ. كەلگۈسىدىكى يەر يۈزى جەننەتتە، ھەممە كىشى شۇنداق قىلسا، نېمە دېگەن ياخشى، ھە!

مەتتا 5-‏بابتىن 7-‏بابقىچە؛ 10:‏1-‏4.



سوئاللار

  • رەسىمدە، ئەيسا قەيەردە تەلىم بېرىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭغا يېقىن ئولتۇرغان ئاۋۇ كىشىلەر كىم؟
  • ئون ئىككى ئەلچىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
  • ئەيسا قانداق پادىشاھلىق ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈۋاتىدۇ؟
  • ئەيسا كىشىلەرگە دۇئا قىلىش ھەققىدە نېمە دەپ تەلىم بېرىۋاتىدۇ؟
  • كىشىلەرنىڭ بىر-‏بىرىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى ھەققىدە ئەيسا نېمە دېدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 5:‏1-‏12-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا مۇھتاجلىقىمىزنى تونۇپ يەتكەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ (مەتتا 5:‏3؛ رىملىقلار 10:‏13-‏15؛ 1-‏تىموتىي 4:‏13، 15، 16)

  • مەتتا 5:‏21-‏26-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ، يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر قىلىدىغانلىقى، مەتتا 5:‏23، 24-‏ئايەتلەردە قانداق تەكىتلەنگەن؟ (مەتتا 6:‏14، 15؛ زەبۇر 133:‏1؛ كولوسىلىقلار 3:‏13؛ 1-‏يۇھاننا 4:‏20)

  • مەتتا 6:‏1-‏8-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مەنمەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان قانداق ئىش-‏ ھەرىكەتلەردىن خالىي بولۇشى كېرەك؟ (لۇقا 18:‏11، 12؛ 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6، 7؛ 2-‏كورىنتلىقلار 9:‏7)

  • مەتتا 6:‏25-‏34-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ئەيسا نېمە دەپ تەلىم بەرگەن؟ (چىقىش 16:‏4؛ زەبۇر 37:‏25؛ فىلىپىلىكلەر 4:‏6)

  • مەتتا 7:‏1-‏11-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مەتتا 7:‏5-‏ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان جانلىق تەمسىل بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟ (پەندى-‏نەسىھەت 26:‏12؛ رىملىقلار 2:‏1؛ 14:‏10؛ ياقۇپ 4:‏11، 12)