مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

96-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ كېسەل كىشىلەرنى ساقايتىشى

96-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ كېسەل كىشىلەرنى ساقايتىشى

ئەيسا مەسىھ سەپەر قىلغىنىدا، بارغانلا جايلاردىكى ئاغرىق كىشىلەرنى ساقايتقان ئىدى. ئاشۇ مۆجىزىلەر ھەققىدە، تۆت ئەتراپتىكى يېزا-‏قىشلاق ۋە شەھەر-‏بازارلارغا خەۋەر تارقالدى. شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر مېيىپ، قارغۇ، گاس ۋە باشقا ئاغرىقلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى.

يەھيا پەيغەمبەر ئەيسانى چۆمۈلدۈرگەندىن ھازىرغىچە، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئەيسا پەيغەمبەر ئەلچىلىرىگە ئۇزۇنغا قالماي ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا بارىدىغانلىقى؛ ئۇ يەردە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى؛ ئاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا داۋاملىق كېسەللەرنى داۋالىدى.

ئەيسا مەسىھنىڭ بىر كېسەل ئايالنى ساقايتىشى

بىر دەم ئېلىش كۈنى، ئەيسا پەيغەمبەر كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتاتتى. دەم ئېلىش كۈنى بولسا يەھۇدىيلار ئارام ئالىدىغان بىر كۈن. سىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ ئايال بەك ئېغىر كېسەل تارتقانىدى. ئۇ 18 يىل بېلى پۈكۈلگەن بولۇپ، رۇسلىنىپ تىك تۇرالمايتتى. شۇڭا، ئەيسا مەسىھ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئۇ ئايال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كېسىلى ساقايدى!

بۇ ئىش دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى:‏ «ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك!»، دەپ كۆپچىلىككە ۋارقىرىدى.

بىراق، ئەيسا مەسىھ جاۋاب بېرىپ:‏ «سىلەر رەزىل ئادەملەر. ئاراڭلاردا ھەرقانداق بىرىڭلار بولسۇن، دەم ئېلىش كۈنىدە ئېشىكىڭلارنى يېشىپ سۇغارغىلى ئېلىپ بارىسىلەرغۇ. شۇنداق ئىكەن، 18 يىل كېسەل ئازابى تارتقان بۇ بىچارە ئايالنى، دەم ئېلىش كۈنى ساقايتسام بولماپتىمۇ؟»، دېدى. ئۇنىڭ جاۋابى ئاشۇ رەزىل كىشىلەرنى خىجالەت قىلدى.

كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار ئېرىخا شەھىرىدىن چىقىپ مېڭىشىغا، ئىككى قارغۇ تىلەمچى ئەيسانىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا، ئۇلار:‏ «ئەيسا، بىزگە ياردەم بەرگىن!»، دەپ توۋلىدى.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى چاقىرىپ:‏ «مەن سىلەرگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟»، دەپ سورىدى. ئۇلار:‏ «ئۇستاز، كۆزلىرىمىزنى ئاچقايسىز!»، دېيىشتى. ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە قولىنى تەگكۈزدى، ئۇلار شۇئان كۆرەلىدى! ئەيسانىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سەۋەبى، ئۇ كىشىلەرنى ياخشى كۆرەتتى، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان زامان كەلگەندە، يەر يۈزىدە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز!

مەتتا 15:‏30، 31؛ لۇقا 13:‏10-‏17؛ مەتتا 20:‏29-‏34.



سوئاللار

  • ئەيسا پەيغەمبەر بارغانلا جايلاردا نېمە ئىش قىلدى؟
  • ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ ئۈچ يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئەلچىلەرگە نېمە دېدى؟
  • رەسىمدىكى كىشىلەر كىم؟ ئەيسا پەيغەمبەر ئۇ ئايالغا قانداق ياردەم قىلدى؟
  • ئەيسا مەسىھنىڭ جاۋابى، نېمە ئۈچۈن قارشىلاشقۇچى دىنىي يېتەكچىلەرنى خىجالەت قىلدى؟
  • ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ئېرىخا شەھىرىدىن چىقىشىغا، ئۇ ئىككى قارغۇ تىلەمچىلەرگە قانداق ياردەم بەردى؟
  • ئەيسا مەسىھ نېمە ئۈچۈن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 15:‏30، 31-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا مەسىھ قانداق قىلىپ يەھۋانىڭ كۈچ-‏قۇدرىتىنى نامايان قىلدى؟ مۇشۇ بىزنىڭ يەھۋا ۋەدە قىلغان يېڭى دۇنيا ھەققىدە كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (زەبۇر 37:‏29؛ يەشايا 33:‏24)

  • لۇقا 13:‏10-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە قىلغان مۆجىزىلىك ئىشلىرى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندە، ئىنسانىيەتكە قانداق بەخت-‏سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى؟ (لۇقا 13:‏10-‏13؛ زەبۇر 46:‏9؛ مەتتا 12:‏8؛ كولوسىلىقلار 2:‏16، 17؛ ۋەھىيلەر 21:‏1-‏4)

  • مەتتا 20:‏29-‏34-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇشۇ ئايەتلەر، ئەيسانىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھېچقاچان ۋاقتىنى ئايىمايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ بىز بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (تەكرار قانۇن 15:‏7؛ ياقۇپ 2:‏15، 16؛ 1-‏يۇھاننا 3:‏17)