مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

98-‏ھېكايە: زەيتۇن تېغىدا

98-‏ھېكايە: زەيتۇن تېغىدا

ئەيسا پەيغەمبەر زەيتۇن تېغىغا چىققانىدى. تۆت كىشى كېلىپ ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇردى. ئۇلار ئەندەر ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى پېترۇس، ياقۇپ بىلەن قېرىندىشى يۇھاننا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ئىدى. قاراڭ، يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسا ئېشەك مىنىپ يېرۇسالېمغا كىرىپ، ھازىرغىچە ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى. بۇ بىر سەيشەنبە كۈنى ئىدى. بۇ كۈن، ئەيسا مەسىھ ئىبادەتخانىدا بولغاندا، روھانىيلار ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. ئەمما، ئۇلار شۇنداق قىلىشتىن قورقتى. چۈنكى، خەلق ئۇنى ياخشى كۆرەتتى.

ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى

ئەيسا پەيغەمبەر دىنىي يېتەكچىلەرنى:‏ «ئەي زەھەرلىك يىلانلار! يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى»، دەپ ئاتىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. ئۇ يەردە بۇ تۆت ئەلچى ئۇنىڭدىن سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئەيسا پەيغەمبەردىن نېمە سوئال سوراۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئەلچىلەر كەلگۈسى ئىشلار ھەققىدە سوراۋاتىدۇ. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ يەر يۈزدىكى بارلىق رەزىللىكنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىراق، ئۇلار شۇ ئىشلارنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەكچى ئىدى. مەسىھ زادى قاچان قايتا كېلىپ، پادىشاھ سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؟

مەسىھ ئەيسا قايتا كەلگەندە، يەر يۈزىدىكى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۇنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. سەۋەبى، مەسىھ ئاسماندا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئۇنى كۆرەلمەسلىكى ناھايىتى تەبئىي ئىش. شۇڭا، ئەيسا ئاسماندا پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا، يەر يۈزىدە بەزى ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئەلچىلەرگە ئېيتىپ بەردى. شۇ ئىشلار نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

ئەيسا پەيغەمبەر:‏ شۇ ۋاقىتتا چوڭ ئۇرۇشلار بولىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەر كېسەل بولىدۇ، قورسىقى ئاچ قالىدۇ؛ جىنايەتلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ ۋە چوڭ يەر تەۋرەشلەر بولىدۇ، دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئاشۇ ئىشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىزمۇ؟ شۇنداق، شۇ ئىشلار بىزنىڭ كۈنىمىزدە ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ! شۇڭا، شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمىزكى، مەسىھ ئەيسا ھازىر ئاسماندا پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. پات-‏ئارىدا، ئۇ يەر يۈزىدىكى بارچە يامانلىقنى يوق قىلىدۇ.

مەتتا 21:‏46؛ 23:‏1-‏39؛ 24:‏1-‏14؛ ماركۇس 13:‏3-‏10.



سوئاللار

  • رەسىمگە قاراڭ، قايسى كىشى ئەيسا؟ كىملەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە؟
  • روھانىيلار ئىبادەتخانىدا ئەيسانى نېمە قىلماقچى بولۇشتى؟ ئۇ ئۇلارغا نېمە دېدى؟
  • ئەلچىلەر ئەيسادىن نېمنى بىلمەكچى بولۇشتى؟
  • ئەيسا ئاسماندا پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا، قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئەلچىلەرگە ئېيتىپ بەردى؟
  • ئەيسا يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللىكنى يوق قىلىشتىن ئىلگىرى، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 23:‏1-‏39-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە مۇقەددەس كىتابتا، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھوقۇقدارلار نام-‏ ئۇنۋانلار بىلەن چاقىرىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، ئەيسا پەيغەمبەر مەتتا 23:‏8-‏11-‏ئايەتلەردە، ئېتىقادچىلار جامائىتىدە ئىنساننى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان نام-‏ئۇنۋانلارنى ئىشلىتىش ھەققىدە نېمىنى كۆرسەتتى؟ (ئەلچىلەر 26:‏25؛ رىملىقلار 13:‏7؛ 1-‏پېترۇس 2:‏13، 14)

    پەرىسىيلەر قانداق ۋاستىلەر بىلەن، كىشىلەرنى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشتىن توسماقچى بولدى؟ (مەتتا 23:‏13؛ لۇقا 11:‏52؛ يۇھاننا 9:‏22؛ 12:‏42؛ 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏16)

  • مەتتا 24:‏1-‏14-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    سەۋرچان بولۇشنىڭ مۇھىملىقى، مەتتا 24:‏13-‏ئايەتتە قانداق تەكىتلەنگەن؟

    مەتتا 24:‏13-‏ئايەتتىكى، «ئاخىرغىچە» سۆز-‏ئىبارىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟ (مەتتا 16:‏27؛ رىملىقلار 14:‏10-‏12؛ 2-‏كورىنتلىقلار 5:‏10)

  • ماركۇس 13:‏3-‏10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ماركۇس 13:‏10-‏ئايەتتىكى قايسى سۆزلەر، ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنىڭ جىددىي بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئەيسانىڭ بۇ سۆزلىرى بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟ (رىملىقلار 13:‏11، 12؛ 1-‏كورىنتلىقلار 7:‏29-‏31؛ 2-‏تىموتىي 4:‏2)