مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

99-‏ھېكايە: بىر ئۆينىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە

99-‏ھېكايە: بىر ئۆينىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە

ئىككى كۈن ئۆتۈپ، پەيشەنبە كۈنى كەچ كىرگەندە، ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ 12 ئەلچىلىرى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىش ئۈچۈن بىر ئۆينىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدىكى كەڭ-‏تاشا خانىدە جەم بولغانىدى. سىز كۆرگەن ئاۋۇ چىقىپ كېتىۋاتقان كىشى ئىشقارىيوتلۇق يەھۇدا. ئۇ ئەيسا پەيغەمبەرنى قانداق تۇتۇش توغرىسىدا روھانىيلارغا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن ماڭدى.

ئەيسانى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى

يەھۇدا بىر كۈن ئىلگىرى، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن:‏ «ئەيسانى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟»، دەپ سورىغانىدى. ئۇلار:‏ «ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە»، دېگەن. شۇڭا، ھازىر يەھۇدا ئاشۇ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنى تۇتۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى باشلاپ كەلمەكچى بولدى. بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق ئىش، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقى يېيىلىپ بولدى. بىراق، ئەيسا ھازىر باشقا بىر ئالاھىدە داستىخان تەييارلىدى. ئۇ ئەلچىلىرىگە بىر پارچە ناننى بەردى ۋە:‏ «قېنى يەڭلار، بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان تېنىمنى كۆرسىتىدۇ»، دېدى. ئارقىدىن قولىغا بىر ئىستاكان ئۈزۈم شارابى ئېلىپ، ئۇلارغا سۇنۇپ:‏ «ئىچىڭلار، بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمنى كۆرسىتىدۇ»، دېدى. مۇقەددەس كىتاب بۇنى، «ئەيسانى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى»، دەپ ئاتايدۇ.

ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشى، يەھۋا خۇدانىڭ پەرىشتىسى مىسىردا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن «ئۆتۈپ كېتىپ»، مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇلنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر. بىراق، ھازىر مەسىھ ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئۇلار ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلغانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىنى خالىغانىدى. شۇ سەۋەب، ئۇ شاگىرتلىرىغا ھەر يىلى بۇ ئالاھىدە كەچلىك داستىخاننى خاتىرىلەشنى بۇيرۇدى.

ئاشۇ ئالاھىدە كەچلىك داستىخان تامىقى يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەيسا مەسىھ ئەلچىلەرگە ئىمان-‏ئېتىقادتا كۈچلۈك ۋە قەيسەر بولۇشنى ئېيتتى. ئاخىرىدا، ئۇلار خۇدانى مەدھىيىلەپ ناخشا ئېيتقاندىن كېيىن، تالاغا چىقىپ كەتتى. ھازىر بەكمۇ كەچ بولۇپ كەتكەن، ئېھتىمال يېرىم كېچىدىن ئۆتكەنىدى. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

مەتتا 26:‏14-‏30؛ لۇقا 22:‏1-‏39؛ يۇھاننا 13-‏بابتىن 17-‏بابقىچە؛ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏20.



سوئاللار

  • رەسىمدە تەسۋىرلەنگەندەك، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ 12 ئەلچىسى نېمە ئۈچۈن بىر ئۆينىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدىكى كەڭ-‏تاشا خانىدە جەم بولدى؟
  • چىقىپ كېتىۋاتقان كىشى كىم؟ ئۇ نېمە قىلماقچى بولدى؟
  • ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقى يېيىلىپ بولغاندا، ئەيسا قانداق ئالاھىدە بىر داستىخان تەييارلىدى؟
  • ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئىسرائىللارغا نېمىنى ئەسلەتكەنىدى؟ ئەيسا تەييارلىغان ئالاھىدە داستىخان ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە نېمىنى ئەسلىتىدۇ؟
  • ئاشۇ كەچلىك داستىخان تامىقى يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا نېمە دېدى؟ ئاندىن كېيىن ئۇلار نېمە ئىش قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 26:‏14-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۇدانىڭ قەستەن ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، مەتتا 26:‏15-‏ئايەت قانداق كۆرسىتىدۇ؟

    ئەيسانىڭ تۆككەن قېنى قايسى ئىككى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن؟ (مەتتا 26:‏27، 28؛ يەرەمىيا 31:‏31-‏33؛ ئەفەسلىكلەر 1:‏7؛ ئىبرانىيلار 9:‏19، 20)

  • لۇقا 22:‏1-‏39-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى، دېگەن سۆزلەرنى قانداق مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ (لۇقا 22:‏3؛ يۇھاننا 13:‏2؛ ئەلچىلەر 1:‏24، 25)

  • يۇھاننا 13:‏1-‏20-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يۇھاننا 13:‏2-‏ئايەتكە قارىغاندا، يەھۇدا ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن جاۋابكار بولۇشى كېرەكمۇ؟ بۇنىڭدىن يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟ (يارىتىلىش 4:‏7؛ 2-‏كورىنتلىقلار 2:‏11؛ گالاتىيالىقلار 6:‏1؛ ياقۇپ 1:‏13، 14)

    ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا قانداق ئۈلگە كۆرسەتتى؟ (يۇھاننا 13:‏15؛ مەتتا 23:‏11؛ 1-‏پېترۇس 2:‏21)

  • يۇھاننا 17:‏1-‏26-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرى ئۈچۈن «بىر بولسۇن»، دەپ دۇئا قىلغان؟ (يۇھاننا 17:‏11، 21-‏23؛ رىملىقلار 13:‏8؛ 14:‏19؛ كولوسىلىقلار 3:‏14)