مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

7-‏قىسىم: ئەيسانىڭ تىرىلىشىدىن، پاۋلۇسنىڭ زىندانغا تاشلىنىشىغىچە

7-‏قىسىم: ئەيسانىڭ تىرىلىشىدىن، پاۋلۇسنىڭ زىندانغا تاشلىنىشىغىچە

ئۆلگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى كۈنى ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلدى. ئاشۇ كۈنى، ئۇ شاگىرتلىرىغا بەش قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئۇ 40 كۈنگىچە، داۋاملىق ئۇلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ بەزى ئەگەشكۈچىلىرى قاراپ تۇرغاندا، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئون كۈندىن كېيىن، يەھۋا خۇدا مۇقەددەس روھىنى يېرۇسالېمدا ساقلاپ تۇرغان مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۈستىگە تۆكتى.

كېيىنچە، خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى ئەلچىلەرنى زىندانغا تاشلىدى. بىراق، بىر پەرىشتە ئۇلارنى زىنداندىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلار شاگىرت ئىستىپاننى چالما-‏كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاشۇ قارشى چىققۇچىلاردىن بىرىنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە شاگىرتى بولۇشقا تاللىغانلىقىنى؛ ھەمدە ئۇنىڭ ئەلچى پاۋلۇس، دەپ ئاتالغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. ئەيسا ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەندىن ئۈچ يېرىم يىل كېيىن، خۇدا ئەلچى پېترۇسنى يەھۇدىي ئەمەس كىشى كورنىلىينىڭ ئۆيىگە ئەۋەتتى.

تەخمىنەن 13 يىلدىن كېيىن، پاۋلۇس خۇش خەۋەر ئېيتىش تۇنجى سەپىرىنى باشلىدى. ئىككىنچى قېتىملىق سەپەردە، پاۋلۇس بىلەن تىموتىي بىرگە خىزمەت قىلدى. بىز پاۋلۇس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەپەر قىلغانلارنىڭ، خۇداغا خىزمەت قىلىشتا نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا، پاۋلۇس رىمدا زىندانغا تاشلاندى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ قويۇپ بېرىلدى. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە زىندانغا چۈشتى ھەمدە ئۆلتۈرۈلدى. بۇ 7-‏قىسىمدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، 32 يىللىق تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۈچلۈك نۇر سائۇلنىڭ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويدى