مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

104-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ ئاسمانغا چىقىپ كېتىشى

104-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ ئاسمانغا چىقىپ كېتىشى

كېيىنكى كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە كۆپ قېتىم كۆرۈندى. بىر نۆۋەت، تەخمىنەن 500 چە شاگىرت ئۇنى كۆرگەنىدى. ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنگەندە نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ ئۇلارغا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە سۆز قىلغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۋا، مەسىھ ئەيسانى يەر يۈزىگە پادىشاھلىق توغرىسىدا كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە ئەۋەتكەنىدى. ئۇ داۋاملىق تەلىم بەردى، ھەتتا ئۆلۈپ تىرىلگەندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلدى.

ئەيسا مەسىھ ئاسمانغا قايتىپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ

يادىڭىزدىمۇ، خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟ شۇنداق، ئۇ پادىشاھلىق — خۇدانىڭ ئاسماندىكى ھەقىقىي بىر ھۆكۈمىتى. يەھۋا خۇدا، پادىشاھ بولۇشقا ئەيسانى تاللىغان. بىز ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، ئەيسا، ئۇ قالتىس بىر پادىشاھ! ئۇ ئاچ قالغانلارنى تويدۇرغان، كېسەللەرنى ساقايتقان، ھەتتا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگەنىدى!

ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھ ئاسماندا پادىشاھ بولۇپ مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندە، يەر يۈزىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ پۈتكۈل يەر شارى گۈزەل بىر جەننەتكە ئايلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا، يەنە ئۇرۇشلار، جىنايەتلەر ۋە كېسەللىكلەر، ھەتتا ئۆلۈم بولمايدۇ. شۇنداق بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ قىلالايمىز! چۈنكى، خۇدا يەر شارىنى ئىنسانلارنىڭ خۇشال-‏خۇرام ھايات كەچۈرىدىغان جەننىتى بولسۇن، دەپ ياراتقانىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇ دەسلەپتە ئېرەم بېغىنى بەرپا قىلغانىدى. خۇدا مەقسەت قىلغان ئىشلار كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاخىرى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

ئەيسا 40 كۈن جەريانىدا، ئۆز شاگىرتلىرىغا كۆپ قېتىم كۆرۈنگەنىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئىگە بولغانلىقىغا ئىشەندى. مانا ئەمدى ئەيسانىڭ ئاسمانغا قايتىپ چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىت-‏سائىتى كەلدى. بىراق، ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارغا:‏ «مۇقەددەس روھ سىلەرگە كەلگۈچە، يېرۇسالېمدا تۇرۇڭلار»، دېدى. مۇقەددەس روھ — خۇدانىڭ ھەرىكەت كۈچى، ئۇ چىقىۋاتقان شامالغا ئوخشايدۇ. ئەيسا پەيغەمبەرگە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندىشى ئۈچۈن مۇقەددەس روھ ياردەم بېرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئەيسا مەسىھ:‏ «سىلەر مەن توغرىسىدىكى خەۋەرنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-‏پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزۈڭلار»، دېدى.

ھەزرىتى ئەيسا بۇ گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ھەيران قالارلىق بىر ئىش يۈز بەردى. خۇددى بۇ رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. كېيىن، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئورىۋېلىپ كۆزدىن غايىب بولدى. شاگىرتلار ئەيسانى قايتا يەنە كۆرمىدى. ئەيسا مەسىھ ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ، يەر يۈزىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى.

شاگىرتلار ئاسمانغا قاراپ تۇرۇشماقتا

1-‏كورىنتلىقلار 15:‏3-‏8؛ ۋەھىيلەر 21:‏3، 4؛ ئەلچىلەر 1:‏1-‏11.



سوئاللار

  • بىر نۆۋەت، قانچە شاگىرت ئەيسانى كۆرگەنىدى؟ ئۇ ئۇلارغا نېمە ھەققىدە سۆز قىلغانىدى؟
  • خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟ ئەيسا مىڭ يىل پادىشاھلىق يۈرگۈزگەندە، يەر يۈزىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟
  • ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتلىرىغا قانچە كۈنگىچە كۆرۈنگەنىدى؟ ھازىر ئەيسانىڭ نېمە ئىش قىلىدىغان ۋاقىت-‏سائىتى كەلدى؟
  • ئەيسا پەيغەمبەر ئاسمانغا چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى، شاگىرتلىرىغا نېمە دېدى؟
  • رەسىمدە، نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ ئەيسا كۆزدىن قانداق غايىب بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏3-‏8

    ئەلچى پېترۇس نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە ئىشەنچ بىلەن سۆز قىلالىدى؟ بۈگۈنكى كۈندە خۇدا خىزمەتچىلىرى قايسى ئىشلار ھەققىدە ئىشەنچ بىلەن سۆز قىلالايدۇ؟ (1-‏كورىنتلىقلار 15:‏4، 7، 8؛ يەشايا 2:‏2، 3؛ مەتتا 24:‏14؛ 2-‏تىموتىي 3:‏1-‏5)

  • ئەلچىلەر 1:‏1-‏11-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇددى ئەلچىلەر 1:‏8-‏ئايەتتە بېشارەت بېرىلگەندەك، ۋەز ئېيتىش خىزمىتى قانداق كەڭ تارقالدى؟ (ئەلچىلەر 6:‏7؛ 9:‏31؛ 11:‏19-‏21؛ كولوسىلىقلار 1:‏23)