مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

106-‏ھېكايە: زىنداندىن ئازاد بولۇش

106-‏ھېكايە: زىنداندىن ئازاد بولۇش

قاراڭ، بىر پەرىشتە زىنداننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ تۇرۇۋاتىدۇ. پەرىشتە زىنداندىن ئازاد قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەر بولسا مەسىھ ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن زىندانغا قامالغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

بىر پەرىشتە ئەلچىلەرنى زىنداندىن ئازاد قىلىۋاتىدۇ

مۇقەددەس روھ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلگەندىن كېيىن، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، پېترۇس بىلەن يۇھاننا يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ئىبادەتخانا ئىشىكىنىڭ يېنىدا، تۇغۇلۇشىدىن مېيىپ بىر كىشى بار ئىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا ماڭغانلاردىن سەدىقە تىلەپ جان باقسۇن، دەپ شۇ يەرگە ئەكېلىپ قۇياتتى. ئۇ پېترۇس بىلەن يۇھاننانى كۆرگەندە، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. ئەلچىلەر نېمە ئىش قىلدى؟

ئۇلار توختاپ، بۇ بىچارە كىشىگە قارىدى. ئەلچى پېترۇس:‏ «مەندە پۇل يوق. بىراق مەن، مەندە بارىنى ساڭا بېرەي. ئەيسانىڭ ئىسمى بىلەن، ئورنىڭدىن تۇرۇپ ماڭ!»، دېدى. ئاندىن كېيىن، پېترۇس ئۇ كىشىنى ئوڭ قولىدىن تارتتى. ئۇ كىشى دەرھال ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ، مېڭىشقا باشلىدى. كۆپچىلىك بۇنى كۆرگەندە، ناھايىتى ھەيران بولۇپ، بۇ ئاجايىپ مۆجىزە ئۈچۈن خۇشال بولۇشتى.

ئەلچى پېترۇس:‏ «بىز مۆجىزىنى، ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ كۈچ-‏قۇدرىتىگە تايىنىپ قىلدۇق»، دېدى. پېترۇس بىلەن يۇھاننا سۆزلەۋاتقاندا، بەزى دىنىي يېتەكچىلەر كېلىپ قالدى. ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ كۆپچىلىككە ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلدى، دەپ سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئاچچىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن، دىنىي يېتەكچىلەر ئۇلارنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى.

ئەتىسى، دىنىي يېتەكچىلەر ئالىي كېڭەشمىدە يىغىلىشتى. پېترۇس بىلەن يۇھاننا ۋە ئۇلار ساقايتقان ھېلىقى كىشى دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار:‏ «كىمنىڭ كۈچ-‏قۇدرىتىگە تايىنىپ بۇ مۆجىزىنى قىلدىڭلار؟»، دەپ سورىدى.

پېترۇس ئۇلارغا، بۇ مۆجىزىنى ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ كۈچ-‏قۇدرىتىگە تايىنىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. روھانىيلار نېمە قىلىشنى بىلمىدى. چۈنكى، ئۇلار بۇ ئاجايىپ مۆجىزىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايتتى. شۇڭا، ئۇلار ئەلچىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن ئەيسا توغرىسىدا سۆزلىمەڭلار، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇپ بەردى.

كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئەلچىلەر داۋاملىق ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا ۋەز ئېيتىپ، كېسەللەرنى ساقايتتى. بۇ مۆجىزىلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى. شۇڭا، كىشىلەر ھەتتا كېسەللەرنى ئەلچىلەرنىڭ ساقايتىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن ئېلىپ كېلىشتى. بۇنى كۆرۈپ، دىنىي يېتەكچىلەر ھەسەت قىلىشتى. شۇڭا، ئۇلار ئەلچىلەرنى تۇتۇپ زىندانغا تاشلىدى. ئەمما، ئۇلار زىنداندا ئۇزۇن تۇرمىدى.

سىز بۇ رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغاندەك، خۇدانىڭ پەرىشتىسى كېچىدە زىنداننىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. پەرىشتە ئۇلارغا:‏ «بېرىپ، ئىبادەتخانىدا كىشىلەرگە داۋاملىق خۇش خەۋەر ئېيتىڭلار»، دېدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، دىنىي يېتەكچىلەر ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىشكە زىندانغا ئادەم ئەۋەتتى. بىراق، ئۇلار زىنداندا يوق ئىدى. كېيىن، بەزى كىشىلەر ئەلچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ كەلدى.

دىنىي يېتەكچىلەر:‏ «بىز سىلەرگە ئەيسا ھەققىدە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلغان ئىدۇق، لېكىن سىلەر شۇ تەلىمىڭلارنى پۈتۈن يېرۇسالېمغا يايدىڭلار»، دېدى. ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ:‏ «بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك!»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار داۋاملىق كىشىلەرگە «خۇش خەۋەر» يەتكۈزدى. بۇ بىزلەر ئۈچۈن ياخشى بىر ئۈلگە ئەمەسمۇ؟!

ئەلچىلەر 3-‏بابتىن 5-‏بابغىچە.



سوئاللار

  • بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، پېترۇس بىلەن يۇھاننا يېرۇسالېمىدىكى ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • پېترۇس مېيىپ كىشىگە نېمە دېدى؟ پېترۇس ئۇ كىشىگە پۇلدىن بەك قىممەتلىك قانداق نەرسىنى بەردى؟
  • دىنىي يېتەكچىلەر نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلاندى؟ ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى نېمە قىلدى؟
  • پېترۇس دىنىي يېتەكچىلەرگە نېمە دېدى؟ ئۇلار ئەلچىلەرنى نېمە دەپ ئاگاھلاندۇردى؟
  • دىنىي يېتەكچىلەر نېمە ئۈچۈن ھەسەت قىلىشتى؟ ئەلچىلەر ئىككىنچى قېتىم زىندانغا تاشلانغاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • ئەلچىلەر ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئۇلار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەلچىلەر 3:‏1-‏10-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    گەرچە بۈگۈنكى كۈندە بىزدە مۆجىزە كۆرسىتىش قابىلىيىتى بولمىسىمۇ، ئەلچىلەر 3:‏6-‏ئايەتتىكى سۆزلەر، پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنىڭ قەدىر-‏ قىممىتىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (يۇھاننا 17:‏3؛ 2-‏كورىنتلىقلار 5:‏18-‏20؛ فىلىپىلىكلەر 3:‏8)

  • ئەلچىلەر 4:‏1-‏31-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بىز ۋەز ئېيتىش خىزمىتىدە قارشىلىققا دۇچ كەلسەك، بىرىنچى ئەسىردىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى قانداق ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك؟ (ئەلچىلەر 4:‏29، 31؛ ئەفەسلىكلەر 6:‏18-‏20؛ 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏2)

  • ئەلچىلەر 5:‏17-‏42-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قەدىمدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەمەس بەزى غەرەز ئۇقىدىغان كىشىلەر، ۋەز ئېيتىش خىزمىتىمىزگە نىسبەتەن قانداق كۆزقاراشنى ساقلاپ كەلمەكتە؟ (ئەلچىلەر 5:‏34-‏39)