مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

107-‏ھېكايە: ئىستىپاننىڭ چالما-‏كېسەك قىلىنىشى

107-‏ھېكايە: ئىستىپاننىڭ چالما-‏كېسەك قىلىنىشى

بۇ يەردە تىزلىنىپ تۇرغان كىشى ئىستىپان. ئۇ ئەيسانىڭ ساداقەتمەن شاگىرتى. بىراق، قارىڭە! ھازىر ئۇنىڭغا نېمە بولدى. ئاۋۇ كىشىلەر ئۇنىڭغا تاشلارنى ئېتىۋاتىدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئىستىپاننى شۇنچە ئۆچ كۆرىدۇ، ھەتتا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىدۇ؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئىستىپان چالما-كېسەك قىلىنىۋاتىدۇ

خۇدا ئىستىپاننىڭ ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى قىلىشىغا ياردەم بەرگەنىدى. بىراق، كىشىلەر بۇنى ياخشى كۆرمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئىستىپان بىلەن تالاش-‏تارتىش قىلىپ، ئۇنىڭ باشقىلارغا ھەقىقەتنى ئۆگىتىشىگە قارشى تۇردى. بىراق، خۇدا ئىستىپاننى ئالاھىدە ئەقىل-‏پاراسەتكە ئىگە قىلدى. ئىستىپان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆگىتىپ كەلگەنلىرىنىڭ خاتا تەلىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېخىمۇ غەزەپلەندى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنى تۇتتى، ھەمدە باشقىلارنى ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىشقا چاقىردى.

باش روھانىي ئىستىپاندىن:‏ «بۇ ئىشلار راستمۇ؟»، دەپ سورىدى. ئىستىپان مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن قايىل قىلارلىق بىر نۇتۇق سۆزلەپ جاۋاب بەردى. نۇتۇق ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئۇ ئۆتمۈشتە يەھۋانىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆچ كۆرگەنلەرنىڭ بەكمۇ رەزىل كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاندىن كېيىن، ئۇ:‏ «سىلەر ئاشۇ كىشىلەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر خۇدانىڭ خىزمەتچىسى ئەيسانى ئۆلتۈردۈڭلار. خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلمىدىڭلار»، دېدى.

بۇنى ئاڭلاپ، دىنىي يېتەكچىلەر ئىنتايىن غەزەپلەندى! چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. بىراق، ئىستىپان ئارقىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:‏ «قاراڭلار! ئەيسانىڭ ئاسماندا خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم»، دېدى. ئىستىپان بۇ گەپنى قىلىشىغا، ئۇلار قوللىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىشىپ، ئېتىلىپ بېرىپ ئىستىپاننى تۇتۇپ، تارتىپ شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقتى.

ئۇلار چاپانلىرىنى سېلىپ، سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ قاراپ قويۇشىغا تاپشۇردى. سائۇلنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىستىپانغا تاش ئېتىشقا باشلىدى. بۇ يەردە سىز كۆرۈپ تۇرغاندەك، ئىستىپان تىزلىنىپ خۇداغا دۇئا قىلىپ:‏ «ئەي يەھۋا، ئۇلارنى قىلغان يامان ئىشلىرى ئۈچۈن جازالىمىغايسەن»، دېدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەرنىڭ دىنىي يېتەكچىلەر تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى بىلەتتى. ئاندىن كېيىن، ئىستىپان جان ئۈزدى.

ئەگەر باشقىلار سىزگە يامانلىق قىلسا، ئۇلاردىن ئۆچ ئالامسىز ياكى خۇدادىن ئۇلارنى جازالاشنى تىلەمسىز؟ ئىستىپان ۋە مەسىھ ئەيسا ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمىغان. باشقىلار ئۇلارغا يامانلىق قىلسىمۇ، ئۇلار باشقىلارغا مېھرىبانلىق قىلغانىدى. بىزمۇ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىپ باقايلى!

ئەلچىلەر 6:‏8-‏15؛ 7:‏1-‏60.



سوئاللار

  • ئىستىپان كىم؟ خۇدا ئۇنىڭ نېمە قىلىشىغا ياردەم بەرگەنىدى؟
  • ئىستىپاننىڭ قايسى سۆزى دىنىي يېتەكچىلەرنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى؟
  • كىشىلەر ئىستىپاننى شەھەر سىرتىغا تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، نېمە قىلدى؟
  • رەسىمدىكى، كىشىلەرنىڭ چاپانلىرىغا قاراپ تۇرغان ياش ئادەم كىم؟
  • ئۆلۈشتىن ئىلگىرى، ئىستىپان يەھۋاغا نېمە دەپ دۇئا قىلدى؟
  • ئىستىپاننى ئۈلگە قىلساق، باشقىلار بىزگە يامانلىق قىلسا ياكى يامان مۇئامىلىدە بولسا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەلچىلەر 6:‏8-‏15-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇپ، دىنىي يېتەكچىلەر قانداق ساختىپەزلىكلەرنى قىلىدۇ؟ (ئەلچىلەر 6:‏9، 11، 13)

  • ئەلچىلەر 7:‏1-‏60-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئالىي كېڭەشمىنىڭ ئالدىدا، ئىستىپاننىڭ خۇش خەۋەرنى قەتئىي ھىمايە قىلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەنىدى؟ ئىستىپاننىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (ئەلچىلەر 7:‏51-‏53؛ رىملىقلار 15:‏4؛ 2-‏تىموتىي 3:‏14-‏17؛ 1-‏پېترۇس 3:‏15)

    ۋەز ئېيتىش خىزمىتىمىزگە قارشى تۇرغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم؟ (ئەلچىلەر 7:‏58-‏60؛ مەتتا 5:‏44؛ لۇقا 23:‏33، 34)