مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

109-‏ھېكايە: پېترۇسنىڭ كورنىلىي بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىشى

109-‏ھېكايە: پېترۇسنىڭ كورنىلىي بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىشى

ئاۋۇ ئەلچى پېترۇس ۋە ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان ئىككى دوستىغا قاراڭ. نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشى پېترۇسقا تىزلىنىپ سەجدە قىلىدۇ؟ ئۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەكمۇ؟ بىلەمسىز، ئۇ كىشى كىم؟

پېترۇسنىڭ كورنىلىي بىلەن كۆرۈشىشى

ئۇ كىشى كورنىلىي، رىم قوشۇندىكى بىر ئەمەلدار. كورنىلىي پېترۇسنى تونۇمايتتى. بىراق، خۇدا كورنىلىينى، پېترۇسنى ئۆيىگە چاقىرىشقا بۇيرۇغانىدى. بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى كۆرۈپ باقايلى.

دەسلەپتە ئەيساغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلار ئىدى. ئەمما، كورنىلىي يەھۇدىي ئەمەس بولسىمۇ، ئۇ خۇدانى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ دائىم يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىپ، باشقىلارغا ياخشىلىقلارنى قىلاتتى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:‏ «خۇدا سەندىن خۇرسەن بولدى. ئۇ سېنىڭ دۇئايىڭغا جاۋاب بەرمەكچى. ھازىر پېترۇس ئىسىملىك بىر كىشىنى چاقىرتىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكىن. ئۇ جاففادا، دېڭىز بويىدىكى شىمون دېگەن بىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتىدۇ»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، كورنىلىي دەرھال پېترۇسنى تېپىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئىككىنچى كۈنى، ئەۋەتىلگەن كىشىلەر جاففاغا يېقىنلاشقاندا، پېترۇس شىموننىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە ئىدى. خۇدا پېترۇسقا، ئاسماندىن چوڭ بىر داستىخان چۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرۈۋاتقاندەك خىيال قىلدۈردى. داستىخاندا ھەر خىل جان-‏جانىۋارلار بار ئىدى. خۇدانىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، بۇ جان-‏جانىۋارلار ناپاك، ھارام بولۇپ، يېيىشكە بولمايتتى. بىراق، بىر ئاۋاز:‏ «ئورنىڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ يە!»، دېدى.

پېترۇس جاۋاب بېرىپ:‏ «ياق! مەن ھېچقاچان ناپاك، ھارام نەرسىنى يەپ باققان ئەمەس»، دېدى. لېكىن، ھېلىقى ئاۋاز پېترۇسقا:‏ «خۇدا ھازىر پاك، ھالال دېگەننى، سەن ناپاك، ھارام دېيىشنى توختات»، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم يۈز بەردى. پېترۇس بۇ ئىشنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرغاندا، كورنىلىي ئەۋەتكەن ئادەملەر ئۆينى تېپىپ كېلىپ، پېترۇسنى سورىدى.

پېترۇس پەسكە چۈشۈپ:‏ «سىلەر ئىزدىگەن كىشى مەن بولىمەن. كېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى نېمىكىن؟» دەپ سورىدى. ئۇلار چۈشەندۈرۈپ، بىر پەرىشتىنىڭ كورنىلىينى، پېترۇسنى ئۆيىگە چاقىرىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتتى. پېترۇس ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىشقا ماقۇل بولدى. ئەتىسى، پېترۇس ۋە دوستلىرى كورنىلىي بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.

كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن دوست-‏بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە يىغدى. پېترۇس ئۆيگە كىرىپ كەلگەندە، كورنىلىي قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. خۇددى بۇ رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، ئۇ پېترۇسنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ سەجدە قىلدى. بىراق، پېترۇس:‏ «ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، مەنمۇ بىر ئادەم خالاس»، دېدى. مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ئىنسانغا سەجدە قىلىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇش خاتا. بىز پەقەت يەھۋاغا سەجدە قىلىپ، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن، پېترۇس يىغىلغانلارغا ۋەز ئېيتتى. ئەلچى پېترۇس:‏ «خۇدانىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم»، دېدى. ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، خۇدا مۇقەددەس روھىنى ئەۋەتتى. كىشىلەر ئۆزىگە نامەلۇم ھەرخىل تىللاردا سۆزلەشكە باشلىدى. پېترۇس بىلەن بىرگە كەلگەن يەھۇدىي ئېتىقادچىلار بۇنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى. چۈنكى، ئۇلار خۇدا پەقەت يەھۇدىيلارنى قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. شۇڭا، ئۇلار بۇ ئىشتىن، خۇدانىڭ بىر ئىرق يەنە بىر ئىرقتىن ياخشى ياكى بىر مىللەت يەنە باشقا مىللەتلەردىن مۇھىم، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. ھەممىمىز بۇنى ئەستە مەھكەم ساقلىشىمىز كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!

ئەلچىلەر 10:‏1-‏48؛ 11:‏1-‏18؛ ۋەھىيلەر 19:‏10.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى، يەردە تىزلىنىپ تۇرغان كىشى كىم؟
  • بىر پەرىشتە كورنىلىيغا نېمە دېدى؟
  • پېترۇس جاففادا شىموننىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرغاندا، خۇدا ئۇنىڭغا قانداق كۆرۈنۈشنى كۆرۈۋاتقاندەك خىيال قىلدۈردى؟
  • پېترۇس نېمە ئۈچۈن كورنىلىيغا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ چوقۇنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى؟
  • پېترۇس بىلەن بىرگە كەلگەن يەھۇدىي ئېتىقادچىلار نېمە ئىش ئۈچۈن ھەيران بولۇشتى؟
  • پېترۇسنىڭ كورنىلىينى كۆرگىلى بېرىشىدىن، قانداق مۇھىم ساۋاققا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەلچىلەر 10:‏1-‏48-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز ئېيتىش ھەققىدە، ئەلچىلەر 10:‏42-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن پېترۇسنىڭ سۆزىدىن نېمىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؟ (مەتتا 28:‏19؛ ماركۇس 13:‏10؛ ئەلچىلەر 1:‏8)

  • ئەلچىلەر 11:‏1-‏18-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ھەققىدە بەرگەن كۆرسەتمىسىنى ئېنىق چۈشەنگەندىن كېيىن، پېترۇس قانداق مۇئامىلىدە بولدى؟ بىز ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (ئەلچىلەر 11:‏17، 18؛ 2-‏كورىنتلىقلار 10:‏5؛ ئەفەسلىكلەر 5:‏17)