مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

110-‏ھېكايە: پاۋلۇسنىڭ يېڭى ياردەمچىسى — تىموتىي

110-‏ھېكايە: پاۋلۇسنىڭ يېڭى ياردەمچىسى — تىموتىي

بۇ رەسىمدە، ئەلچى پاۋلۇس بىلەن بىللە تۇرغان بۇ ياش يىگىت، تىموتىي. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە لىسترا شەھىرىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىسمى ئەۋنىكى، ۋە مومىسىنىڭ بولسا لوئى ئىدى.

بۇ پاۋلۇسنىڭ لىستراغا ئۈچىنچى قېتىم كېلىشى ئىدى. ئېھتىمال بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ يەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تۇنجى قېتىم كەلگەنىدى. بۇ قېتىم پاۋلۇس دوستى سىلاس بىلەن بىرگە بۇ يەرگە قايتا كەلدى.

تىموتىي ۋە پاۋلۇس

پاۋلۇسنىڭ تىموتىيغا نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇ تىموتىيدىن:‏ «سەن بىزنىڭ ياردەمچىمىز بولۇپ، يىراقلاردىكى خەلقلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن سىلاس بىلەن ماڭا قوشۇلۇشنى خالامسەن؟» دەپ سوراۋاتىدۇ.

تىموتىي:‏ «ماقۇل، بېرىشنى خالايمەن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇزۇن ئۆتمەي تىموتىي ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، پاۋلۇس ۋە سىلاس بىلەن سەپەرگە چىقتى. بىراق، ئۇلارنىڭ سەپىرى توغرىسىدا ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال، پاۋلۇسقا نېمە ئىش بولغان، كۆرۈپ باقايلى. پاۋلۇس دەمەشققە سەپەر قىلىپ ماڭغاندا، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭغا كۆرۈنگەن، شۇ ۋاقىتتىن تاكى ھازىرغىچە 17 يىل ئۆتۈپ كەتكەنىدى.

ئېسىڭىزدە بارمۇ، پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن دەمەشققە ماڭغانىدى. مانا ئەمدى ئۇ ئۆزى ئەيسانىڭ شاگىرتى بولدى! كېيىن، بەزى دۈشمەنلەر پاۋلۇسنىڭ ئەيسا ھەققىدە بەرگەن تەلىملىرىنى ئۆچ كۆرگەچ، پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. لېكىن، شاگىرتلار پاۋلۇسنىڭ قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەردى. ئۇلار پاۋلۇسنى بىر سېۋەتكە سېلىپ، شەھەر سېپىل تېمىنىڭ سىرتىغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ئاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئانتاكياغا بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. بۇ تۇنجى بولۇپ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى «مەسىھ مۇرىتلىرى»، دەپ ئاتالغان جاي ئىدى. ئارقىدىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئانتاكيادىن باشقا يىراق جايلاردىكى دۆلەتلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىلدى. ئۇلار بارغان شەھەرلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى، تىموتىينىڭ يۇرتى لىسترا ئىدى.

بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر پاۋلۇس ئىككىنچى قېتىملىق خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش سەپىرىدە قايتا لىستراغا كەلدى. تىموتىي پاۋلۇس ۋە سىلاس بىلەن بىرگە ماڭدى، ئۇلارنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ خەرىتىگە قاراڭ، بىرلىكتە بىرنەچچە جاي بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.

ئاۋۋال، ئۇلار يېقىن قوشنا شەھەر كونياغا، كېيىن ئىككىنچى بىر ئانتاكيا ئاتالغان شەھەرگە باردى. ئاندىن كېيىن، ئۇلار تروئاسقا بېرىپ، ئاندىن فىلىپى، سالونىكا ۋە بېرىياغا باردى. خەرىتىدىن ئافىنانى كۆردىڭىزمۇ؟ پاۋلۇس ئۇ يەردە خۇش خەۋەر تارقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار كورىنت شەھىرىدە بىر يېرىم يىل تۇرۇپ، خۇش خەۋەر ئېيتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇلار ئەفەس شەھىرىدە ئازراقلا توختاپ، ئاندىن كېمە ئارقىلىق قەيسەرىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇ يەردىن قايتا ئانتاكياغا باردى. پاۋلۇس ئۇ جايدا تۇرۇپ قالدى.

تىموتىي نەچچە مىڭ چاقىرىم سەپەر قىلىپ، پاۋلۇسقا ياردەملىشىپ «خۇش خەۋەر» تارقاتتى ۋە نۇرغۇن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى قۇردى. سىز چوڭ بولغاندا، تىموتىيغا ئوخشاش خۇدانىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىسى بولامسىز؟

ئەلچىلەر 9:‏19-‏30؛ 11:‏19-‏26؛ 13-‏بابتىن 17-‏بابغىچە؛ 18:‏1-‏22.

خەرىتە

1.‏ رىم؛‏ 2.‏ مالتا؛‏ 3.‏ بېرىيا؛‏ 4.‏ سالونىكا؛‏ 5.‏ كورىنت؛‏ 6.‏ فىلىپى؛‏ 7.‏ ئافىنا؛‏ 8.‏ كرىت؛‏ 9.‏ تروئاس؛‏ 10.‏ ئەفەس؛‏ 11.‏ مىلېت؛‏ 12.‏ كولوسى؛‏ 13.‏ ئانتاكيا؛‏ 14.‏ كونيا؛‏ 15.‏ لىسترا؛‏ 16.‏ سىپرۇس؛‏ 17.‏ ئانتاكيا؛‏ 18.‏ قەيسەرىيە؛‏ 19.‏ جاففا؛‏ 20.‏ دەمەشق؛‏ 21.‏ يېرۇسالېم؛‏ 22.‏ چوڭ دېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز)



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ياش يىگىت كىم؟ ئۇ قەيەردە تۇراتتى؟ ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىسمى نېمە؟ مومىسىنىڭچۇ؟
  • پاۋلۇس تىموتىينى، يىراقلاردىكى خەلقلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن سىلاس بىلەن ئۆزىگە قوشۇلۇشقا تەكلىپ قىلغاندا، تىموتىي قانداق جاۋاب قايتۇردى؟
  • ئەيساغا ئەگەشكەنلەرنى «مەسىھ مۇرىتلىرى»، دەپ ئاتاش تۇنجى بولۇپ قەيەردىن باشلانغان؟
  • پاۋلۇس بىلەن سىلاس ۋە تىموتىي لىسترادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قايسى باشقا شەھەرلەرگە باردى؟
  • تىموتىي پاۋلۇسقا ياردەملىشىپ نېمە ئىش قىلدى؟ بۈگۈنكى كۈندە، ياشلار ئۆز-‏ئۆزىدىن قايسى سوئالنى سوراپ كۆرۈشى كېرەك؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەلچىلەر 9:‏19-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەلچى پاۋلۇس خۇش خەۋەر ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ قارشىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن قانداق ئىش كۆردى؟ (ئەلچىلەر 9:‏22-‏25، 29، 30؛ مەتتا 10:‏16)

  • ئەلچىلەر 11:‏19-‏26-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ روھىنىڭ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش خىزمىتىگە ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەلچىلەر 11:‏19-‏21، 26-‏ئايەتلەردىن قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟

  • ئەلچىلەر 13:‏13-‏16، 42-‏52-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قارشىلىق سەۋەبلىك شاگىرتلارنىڭ روھى چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى، ئەلچىلەر 13:‏51، 52-‏ئايەتلەردىن قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟ (مەتتا 10:‏14؛ ئەلچىلەر 18:‏6؛ 1-‏پېترۇس 4:‏14)

  • ئەلچىلەر 14:‏1-‏6، 19-‏28-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشكە قىزىققۇچىلار ۋە يېڭى ئېتىقادچىلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىشتە، ئارتۇقچە غەم-‏ئەندىشە قىلىشتىن خالىي بولۇشىمىزغا، «ئۇلارنى ئۇلار ئىشەنگەن خۇداۋەندە [يەھۋاغا] تاپشۇردىلەر»، دېگەن بىر جۈملە سۆز قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (ئەلچىلەر 14:‏21-‏23، ب ج ؛ 20:‏32؛ يۇھاننا 6:‏44)

  • ئەلچىلەر 16:‏1-‏5-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    تىموتىينىڭ ئۆزى خالاپ، خەتنە قىلدۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى، «ھەممىسىنى [خۇش خەۋەر] ئۈچۈن قىلۇرمەن»، دېگەن سۆزلەرنىڭ مۇھىملىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (ئەلچىلەر 16:‏3؛ 1-‏كورىنتلىقلار 9:‏23، ب ج؛ 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏8)

  • ئەلچىلەر 18:‏1-‏11، 18-‏22-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەيسانىڭ شەخسەن ئۆزى ئارلىشىدىغانلىقىنى، ئەلچىلەر 18:‏9، 10-‏ئايەتلەردىن قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟ بۈگۈنكى كۈندەچۇ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە نېمىگە قەتئىي ئىشەنچ قىلالايمىز؟ (مەتتا 28:‏20)