مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

113-‏ھېكايە: پاۋلۇس رىم شەھىرىدە

113-‏ھېكايە: پاۋلۇس رىم شەھىرىدە

قاراڭ، پاۋلۇسنىڭ قولى زەنجىر بىلەن باغلانغان. ئۇ ياققا قارىسىڭىز، رىملىق ئەسكەر ئۇنى نازارەت قىلىپ تۇرماقتا. ھازىر، پاۋلۇس رىمدا مەھبۇس بولۇپ، رىم ھۆكۈمرانى قەيسەرنىڭ ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ گەرچە مەھبۇس بولۇپ تۇرسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئۇنى كۆرگىلى كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنغانىدى.

رىمغا كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىنى، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. پاۋلۇس ئۇلارغا ئەيسا مەسىھ ۋە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. نەتىجىدە، بەزىلىرى ئىشىنىپ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولدى، ئەمما بەزىلىرى ئىشەنمىدى.

پاۋلۇس زىنداندا

پاۋلۇس يەنە ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ئەسكەرلەرگە خۇش خەۋەر ئېيتتى. پاۋلۇس رىمدا ئىككى يىل مەھبۇس بولۇپ تۇرغىنىدا، ئىمكانلا بولسا ھەرقانداق كىشىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. نەتىجىدە، ھەتتا رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ ئوردىسىدىكىلەرمۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇشتى.

ئۇنداقتا، ئۈستەلدە خەت يېزىپ ئولتۇرغان بۇ مېھمان كىم؟ پەرەز قىلىپ بېقىڭە؟ شۇنداق، ئۇ تىموتىي. تىموتىيمۇ پادىشاھلىق ھەققىدە خۇش خەۋەر ئېيتىپ، زىندانغا چۈشكەن. بىراق، ئۇ ھازىر قايتا ئازاد بولغانىدى. ئۇ بۇ يەرگە پاۋلۇسقا ياردەم بەرگىلى كەلدى. تىموتىينىڭ نېمە يېزىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

110-‏ھېكايىدە تىلغا ئېلىنغان فىلىپى ۋە ئەفەس شەھەرلىرى يادىڭىزدا بارمۇ؟ پاۋلۇس ئاشۇ شەھەرلەردە ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەنىدى. مانا پاۋلۇس ھازىر زىندانغا قامىلىپ تۇرغاندا، شۇ شەھەرلەردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە خەت سالدى. ئۇ خەتلەر مۇقەددەس كىتابتا بار، ئۇلار بولسا ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت ۋە فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت، دەپ ئاتالغان. پاۋلۇس ھازىر فىلىپى شەھىرىدىكى ئېتىقادچى دوستلىرىغا ئەۋەتمەكچى بولغان خەتنىڭ مەزمۇنىنى، تىموتىيغا ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ.

فىلىپىلىكلەر پاۋلۇسقا كۆپ غەمخورلۇق قىلغان. ھازىر ئۇ بۇ يەردە زىنداندا بولغاندا، ئۇلار ئۇنىڭغا سوۋغات ئەۋەتكەنىدى. شۇڭا، پاۋلۇس ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىۋاتىدۇ. سوۋغاتنى ئېلىپ كەلگەن كىشى ئېپافرودىت. بىراق، ئۇ ناھايىتى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ قالايلا دېگەنىدى. ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، ئۆيىگە قايتىشقا تەييار بولدى. ئۇ فىلىپى شەھىرىگە قايتقىنىدا، پاۋلۇس بىلەن تىموتىي يازغان خەتنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى.

پاۋلۇس زىنداندا تۇرۇۋاتقاندا، يەنە ئىككى خەتنى يازدى. ئۇلارمۇ مۇقەددەس كىتابتا بار. بىرى كولوسى شەھىرىدىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە يېزىلغان. بۇ خەتنىڭ نېمە دەپ ئاتالغانلىقىنى بىلەمسىز؟ كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت. يەنە بىر پارچىسى شەخسىي خەت بولۇپ، كولوسى شەھىرىدە تۇرىدىغان فىلىمۇن ئىسىملىك يېقىن دوستىغا سېلىنغان ئىدى. بۇ خەت فىلىمۇننىڭ خىزمەتكارى ئونېسىمۇس ھەققىدە ئىدى.

ئونېسىمۇس فىلىمۇننىڭ ئۆيىدىن قېچىپ، رىمغا كەلگەنىدى. ئۇ پاۋلۇسنىڭ بۇ يەردە زىنداندا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى كۆرگىلى كەلدى. پاۋلۇس ئونېسىمۇسقا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇمۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولدى. ھازىر ئونېسىمۇس فىلىمۇننىڭ ئۆيدىن قاچقىنىغا پۇشايمان قىلدى. شۇڭا، پاۋلۇس فىلىمۇنغا نېمە دەپ خەت يازغانلىقىنى بىلەمسىز؟

پاۋلۇس فىلىمۇندىن ئونېسىمۇسنى كەچۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈندى. پاۋلۇس:‏ «مەن ئۇنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرۇپ ئەۋەتتىم، ئۇ ھازىر پەقەت سېنىڭ خىزمەتكارىڭلا ئەمەس، ھەمدە سېنىڭ ئېتىقادچى قېرىندىشىڭ»، دەپ يازدى. ئونېسىمۇس كولوسى شەھىرىگە قايتىپ ماڭغاندا، ئۇ ئىككى پارچە خەتنى بىللە ئېلىپ كەتتى. شۇلارنىڭ بىرى كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت ۋە يەنە بىرى فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت. فىلىمۇننىڭ ئۆز خىزمەتچىسىنىڭ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغانلىقىنى بىلگەندە، قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

پاۋلۇس فىلىپىلىكلەر بىلەن فىلىمۇنغا خەت يازغاندا، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەرنىمۇ تىلغا ئالغان. پاۋلۇس خېتىدە، فىلىپىلىكلەرگە:‏ «تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. بىراق، پات ئارىدا ئۆزۈممۇ يېنىڭلارغا بارىمەن»، دېگەنىدى. ھەمدە، فىلىمۇنغا:‏ «ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن»، دەپ يازغان ئىدى.

پاۋلۇس زىنداندىن ئازاد بولغاندا، ئۇ ئېتىقادچى ئاكا-‏ئۇكا ۋە ئاچا-‏سىڭىللىرىنى يوقلاپ، نۇرغۇن جايلارغا باردى. بىراق، كېيىن پاۋلۇس يەنە رىمدا مەھبۇس بولۇپ قالدى. بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. شۇڭا، تىموتىيغا خەت يېزىپ، تېز قېشىغا كېلىشنى ئېيتتى. پاۋلۇس:‏ «خۇداغا ساداقەتمەنلىكىمنى ساقلاپ كەلدىم، ئۇ مېنى چوقۇم مۇكاپاتلايدۇ»، دەپ يازدى. پاۋلۇس ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ، يېرۇسالېم يەنە خانە-‏ۋەيرانە قىلىندى. بۇ قېتىم رىملىقلار ۋەيران قىلدى.

مۇقەددەس كىتابتا يەنە نۇرغۇن ئىشلار تىلغا ئېلىنغان. ئەلچى يۇھاننا، يەھۋا خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن مۇقەددەس كىتابتىكى ئاخىرقى بىرقانچە پارچە يازمىلارنى يازغانىدى. بۇنىڭ ئارىسىدا ۋەھىيلەر كىتابىمۇ بار. بۇ يازما كەلگۈسىدىكى ئىشلار ھەققىدە سۆزلەيدۇ. ئۇنداقتا، كەلگۈسىدە زادى نېمە ئىش يۈز بېرىدىغاندۇ؟! ھازىر بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئەلچىلەر 28:‏16-‏31؛ فىلىپىلىكلەر 1:‏13؛ 2:‏19-‏30؛ 4:‏18-‏23؛ ئىبرانىيلار 13:‏23؛ فىلىمۇن 1-‏25؛ كولوسىلىقلار 4:‏7-‏9؛ 2-‏تىموتىي 4:‏7-‏9.



سوئاللار

  • پاۋلۇس رىمدا مەھبۇس بولۇپ تۇرغاندا، كىملەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى؟
  • رەسىمدە، ئۈستەلدە ئولتۇرغان پاۋلۇسنى كۆرگىلى كەلگەن كىشى كىم؟ ئۇ پاۋلۇس ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
  • ئېپافرودىت كىم؟ ئۇ فىلىپى شەھىرىگە قايتقىنىدا، نېمىنى بىللە ئېلىپ ماڭدى؟
  • پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن يېقىن دوستى فىلىمۇنغا خەت يازدى؟
  • پاۋلۇس تۈرمىدىن ئازاد بولغاندا، نېمە ئىش قىلدى؟ بىراق، كېيىن ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟
  • يەھۋا خۇدا مۇقەددەس كىتابتىكى ئاخىرقى بىرقانچە يازمىلارنى يېزىشقا كىمنى ئىشلەتتى؟ ۋەھىيلەر كىتابى قانداق ئىشلار ھەققىدە سۆزلەيدۇ؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەلچىلەر 28:‏16-‏31 ۋە فىلىپىلىكلەر 1:‏13-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    پاۋلۇس رىمدا تۈرمىدە بولغاندا، ۋاقىتنى قانداق ئىشقا سەرپ قىلدى؟ ئۇنىڭ تەۋرەنمەس ئىمان-‏ئېتىقادى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ (ئەلچىلەر 28:‏23، 30؛ فىلىپىلىكلەر 1:‏14)

  • فىلىپىلىكلەر 2:‏19-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    پاۋلۇس تىموتىي ۋە ئېپافرودىتقا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ قانداق سۆزلەرنى قىلغان؟ بىز پاۋلۇسنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (فىلىپىلىكلەر 2:‏20، 22، 25، 29، 30؛ 1-‏كورىنتلىقلار 16:‏18؛ 1-‏سالونىكالىقلار 5:‏12، 13)

  • فىلىمۇن 1-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    پاۋلۇس نېمىگە ئاساسەن فىلىمۇننى توغرا ئىش قىلىشقا ئۈندىگەن؟ بۇنىڭدىن ئاقساقاللار بۈگۈنكى كۈندە قانداق كۆرسەتمىگە ئىگە بولالايدۇ؟ (فىلىمۇن 9؛ 2-‏كورىنتلىقلار 8:‏8؛ گالاتىيالىقلار 5:‏13)

    پاۋلۇسنىڭ جامائەتتىكى باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ ۋىجدانىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى فىلىمۇن 13، 14-‏ئايەتلەردىن قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟ (1-‏كورىنتلىقلار 8:‏7، 13؛ 10:‏31-‏33)

  • 2-‏تىموتىي 4:‏7-‏9-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇددى ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش، ئەگەر ئاخىرغىچە ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىساق، يەھۋانىڭ بىزنىمۇ مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا قانداق ئىشەنچ قىلالايمىز؟ (مەتتا 24:‏13؛ ئىبرانىيلار 6:‏10)