مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

114-‏ھېكايە: بارلىق يامانلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى

114-‏ھېكايە: بارلىق يامانلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى

بۇ رەسىمدە نېمىنى كۆردىڭىز؟ شۇنداق، بىر ئاق ئاتلىق قوشۇن. بىراق، ئۇلارنىڭ قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. بۇ ئاق ئاتلار ئاسماندا بۇلۇتلار ئۈستىدىن ئۇچقاندەك چېپىپ كېلىۋاتىدۇ! ئاسماندا راستىنلا ئات بارمۇ؟

ئاسماندىكى پادىشاھ ئەيسا

ياق، ئۇلار ھەقىقىي ئات ئەمەس. چۈنكى، ئاتلار ھەرگىزمۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە يۈگۈرەلمەيدۇ، توغرىمۇ؟ بىراق، مۇقەددەس كىتاب ئاسماندىكى ئاتلار ھەققىدە سۆزلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب شۇنداق دەيدۇ، بىلەمسىز؟

سەۋەبى، ئۆتمۈشتە جەڭلەردە ئاتلار كۆپ ئىشلىتىلگەن. شۇڭا، مۇقەددەس كىتاب ئاسماندىن ئاتلارنى چاپتۇرۇپ چۈشۈۋاتقان كىشىلەر ھەققىدە سۆزلەش ئارقىلىق، يەر يۈزىدىكى كىشىلەر بىلەن خۇدانىڭ بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇ ئۇرۇش بولىدىغان جەڭ مەيدانىنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئارماگېدون! بۇ ئۇرۇشتا يەر يۈزىدىكى بارلىق يامانلىق يوق قىلىنىدۇ.

ئارماگېدون ئۇرۇشىدا، ئەيسا مەسىھ قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. يادىڭىزدا بارمۇ، يەھۋا ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ پادىشاھى بولۇشقا ئاللىقاچان ئەيسانى تاللىغانىدى. شۇڭا، ئەيسا بېشىغا پادىشاھلىق تاجى كىيگەن. ئۇنىڭ قولىدىكى قىلىچ، ئۇنىڭ بارلىق خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكۈچىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ. خۇدا بارلىق يامان ئادەملەرنى يوق قىلسا، بۇنىڭغا چوقۇم ھەيران قالىمىزمۇ؟!

ئىلگىرى كۆرگەن 10-‏ھېكايىگە قاراڭ. ئۇ يەردە نېمىنى كۆردىڭىز؟ شۇنداق، غايەت زور كەلكۈن سۈيى يامان كىشىلەرنى سۇغا غەرق قىلغانىدى. كىم شۇ كەلكۈن سۈيىنى پەيدا قىلغان؟ يەھۋا خۇدا. ئۇنداقتا 15-‏ھېكايىگە قاراڭ. ئۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ خۇدا ئاسماندىن چۈشۈرگەن ئوتتا سودوم ۋە گومورا شەھەرلىرى ۋەيران بولۇۋاتىدۇ.

33-‏ھېكايىنى ئېچىپ قارىڭە! مىسىرلىقلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرىغا نېمە بولغانلىقىنى كۆرۈڭ. كىم دېڭىز سۈيى ئارقىلىق ئۇلارنى غەرق قىلغان؟ يەھۋا. ئۇ ئۆز خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى. 36 ۋە 76-‏ھېكايىلەرگە قاراڭ. سىز بۇ يەردە، يەھۋانىڭ ھەتتا ئۆز خەلقى ئىسرائىللارنىڭ رەزىل ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ۋەيران قىلغانلىقىنى كۆرىسىز!

شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋا يەر يۈزىدىكى بارلىق يامانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قوشۇنلىرىنى ئەۋەتسە، ھەرگىز ھەيران قالماسلىقىمىز لازىم. بىراق، ئىشلار يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بولسا، ئويلاپ كۆرۈڭ! نەتىجىسى قانداق بولار؟ كېيىنكى بەتنى ئېچىپ، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ۋەھىيلەر 16:‏16؛ 19:‏11-‏16.



سوئاللار

  • مۇقەددەس كىتاب نېمە ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاتلار ھەققىدە سۆزلەيدۇ؟
  • خۇدا يەر يۈزىدىكى يامان كىشىلەر بىلەن قىلىدىغان بىر مەيدان ئۇرۇشنى نېمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇرۇش بولىدۇ؟
  • كىم قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ ئۇرۇشنى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى رەسىمدىن كۆرۈۋالالايمىز؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن تاج كىيىدۇ؟ ئۇنىڭ قولىدىكى قىلىچ نېمىنى ئاشكارا قىلىدۇ؟
  • 10، 15 ۋە 33-‏ھېكايىلەرگە قاراڭ، خۇدا يامان كىشىلەرنى يوق قىلسا، نېمە ئۈچۈن ھەيران بولماسلىقىمىز كېرەك؟
  • يامان كىشىلەر ھەتتا ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچى دەپ جاكارلىسىمۇ، خۇدانىڭ ئۇلارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى، 36 ۋە 76-‏ھېكايىلەردىن قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ۋەھىيلەر 19:‏11-‏16-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئاق ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكى، مۇقەددەس كىتابتا قانداق ئېنىق كۆرسىتىلگەن؟ (ۋەھىيلەر 1:‏5؛ 3:‏14؛ 19:‏11؛ يەشايا 11:‏4)

    نېمە ئۈچۈن، ئەيسانىڭ قانغا مىلەنگەن تونى، چوقۇم ئۇنىڭ پۈتۈنلەي غەلبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەيمىز؟ (ۋەھىيلەر 14:‏18-‏20؛ 19:‏13)

    ئاق ئاتقا مىنىپ ئەيساغا ئەگىشىپ كېلىۋاتقان قوشۇن، كىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ (ۋەھىيلەر 12:‏7؛ 19:‏14؛ مەتتا 25:‏31، 32)