مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

116-‏ھېكايە: مەڭگۈ ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

116-‏ھېكايە: مەڭگۈ ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

بۇ كىچىك قىزچاق بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ نېمە ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇلار، مۇقەددەس كىتاب ھېكايىلىرى، دېگەن بۇ كىتابنى ئوقوۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھازىر ئوقۇۋاتقان ھېكايىسى، سىز ئوقۇۋاتقان — «مەڭگۈ ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟».

بىر ئوغۇل بالا ئوقۇۋاتىدۇ

ئۇلارنىڭ نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەگەردە مەڭگۈ ياشىماقچى بولساق، تۇنجى بولۇپ يەھۋا ۋە ئەيسانى تونۇشىمىز زۆرۈر. مۇقەددەس كىتاب:‏ «مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا _ سېنى ۋە سەن يەرگە ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر»، دەيدۇ.

يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنى قانداق تونۇيالايمىز؟ بىر ئۇسۇلى، مۇقەددەس كىتاب ھېكايىلىرى كىتابىنى بېشىدىن ئاخىرغىچە ئوقۇشتۇر. بۇ كىتاب بىزگە ياراتقۇچى يەھۋا ۋە مەسىھ ئەيسا ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ، شۇنداقمۇ؟ بۇ كىتاب يەنە ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتە قىلغان ئىشلىرىنى ۋە كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان ئىشلارنىمۇ ئېيتىپ بېرىدۇ. بىراق، بىز بۇ كىتابنى ئوقۇپ قويساقلا بولامدۇ؟ ياق، بۇ يېتەرلىك ئەمەس.

مۇقەددەس كىتاب

ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئۇ كىتابنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ مۇقەددەس كىتاب. بۇ كىتابتىكى ھەربىر ھېكايە شۇ مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرگە ئاساسلانغان. سىز ھەربىر ھېكايىنى ئوقۇغاندا، باشقىلارنى مۇقەددەس كىتابتىن ئايەتلەرنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىڭ. مۇقەددەس كىتاب، بىزگە كېرەكلىك بارلىق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق بىز يەھۋاغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئىگە بولالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابنى ھەمىشە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

ئەمما، پەقەت يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنى تونۇش يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەلىملىرى ھەققىدە نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغان بولساقمۇ، لېكىن مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشەلىشىمىز ناتايىن. بىلەمسىز، يەنە نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟

بىز يەنە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزگە مۇۋاپىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك. يەھۇدا ئىشقارىيوت يادىڭىزدا بارمۇ؟ ئۇ ئەيسا ئەلچى بولۇشقا تاللىغان 12 كىشىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يەھۋا ۋە ئەيسا ھەققىدىكى بىلىمى كۆپ ئىدى. بىراق، نېمە ئىش بولدى؟ كېيىن، ئۇ شەخسىيەتچى بولۇپ كەتتى. ھەتتا ئەيساغا خائىنلىق قىلىپ، دۈشمەنلىرىگە 30 تەڭگىگە سېتىۋەتتى. شۇڭا، يەھۇدا مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.

بىز 69-‏ھېكايىدە ئۆگەنگەن گېھاز دېگەن كىشى ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ ئۇ ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان كىيىم-‏كېچەك ۋە پۇللارغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. شۇڭا، ئۇ يالغان سۆزلىگەن ئىدى. بىراق، يەھۋا ئۇنى جازالىغان. ئەگەردە يەھۋانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمىساق، ئۇ بىزنىمۇ جازالايدۇ.

لېكىن، نۇرغۇن ياخشى ئادەملەر يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان. بىزمۇ شۇلاردەك قىلىشنى خالايمىز، شۇنداقمۇ؟! كىچىك سامۇئىل ناھايىتى ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. يادىڭىزدا بولسا، 55-‏ھېكايىدە ئۇنىڭ پەقەت تۆت-‏بەش ياشتىلا يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىدا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق. شۇڭا، يېشىڭىزنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي، سىزمۇ يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلالايسىز.

ئەلۋەتتە، ھەممىمىز ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىشنى خالايمىز! 87-‏ھېكايىدە كۆرسىتىلگەندەك، ھەتتا ئۇ كىچىك بالا ۋاقتىدا، ئىبادەتخانىدا باشقىلارغا ئاسماندىكى ياراتقۇچى يەھۋا ھەققىدە سۆزلىگەنىدى. بىز ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلۇغ خۇدايىمىز يەھۋا ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھ ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا چوقۇم بارلىق ئادەملەرگە سۆزلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا خۇدانىڭ يەر يۈزىدىكى يېڭى جەننىتىدە مەڭگۈ ياشاشقا مۇيەسسەر بولالايمىز!

يۇھاننا 17:‏3؛ زەبۇر 145:‏1-‏21.



سوئاللار

  • مەڭگۈ ياشىماقچى بولساق، نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
  • قانداق قىلىپ، يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ ھەققىدە بىلىم ئالالايمىز؟
  • رەسىمدە، يەنە قايسى كىتابنى كۆردىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن ھەمىشە مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشىمىز لازىم؟
  • يەھۋا ۋە ئەيسا ھەققىدە بىلىم ئالغاندىن باشقا، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
  • ئىلگىرى ئوقۇغان 69-‏ھېكايىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
  • كىچىك سامۇئىل قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟ 55-‏ھېكايىدىن نېمىنى كۆرۈۋالالايمىز؟
  • ئەيسا مەسىھنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ كەلگۈسىدە مەڭگۈ ياشاشقا مۇيەسسەر بولالىشىمىز ئۈچۈن چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يۇھاننا 17:‏3-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئۈچۈن پەقەت بىلىم بولسىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، مۇقەددەس كىتاب قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (مەتتا 7:‏21؛ ياقۇپ 2:‏18-‏20؛ 1-‏يۇھاننا 2:‏17)

  • زەبۇر 145:‏1-‏21-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانى مەدھىيىلىشىمىز ئۈچۈن قانداق نۇرغۇن سەۋەبلەر بار؟ (زەبۇر 145:‏8-‏11؛ ۋەھىيلەر 4:‏11)

    يەھۋا ھەممە ئىنسانغا قانداق مېھرىبانلىق قىلىدۇ؟ بۇ نېمە ئۈچۈن بىزنى يەھۋاغا يېقىنلىشىشقا ئۈندەيدۇ؟ (زەبۇر 145:‏9؛ مەتتا 5:‏43-‏45)

    ئەگەر يەھۋانى چىن دىلىمىزدىن سۆيسەك، نېمە ئىش قىلىشقا تەشنا بولىمىز؟ (زەبۇر 119:‏171، 172، 175؛ 145:‏11، 12، 21)