مەتتا كىتابى 1:1—25
1 ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابى:
2 ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسى،ئىسھاق ياقۇپنىڭ ئاتىسى،ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى،
3 يەھۇدا تاماردىن تۇغۇلغان فارەس ۋە زەراھنىڭ ئاتىسى،فارەس ھېسروننىڭ ئاتىسى،ھېسرون رامنىڭ ئاتىسى،
4 رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى،ئاممىناداب ناھشوننىڭ ئاتىسى،ناھشون سالموننىڭ ئاتىسى،
5 سالمون راھابتىن تۇغۇلغان بوئازنىڭ ئاتىسى،بوئاز رۇتتىن تۇغۇلغان ئوبېدنىڭ ئاتىسى،ئوبېد يىشاينىڭ ئاتىسى،
6 يىشاي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولدى.
داۋۇت پادىشاھ ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن تۇغۇلغان سۇلايماننىڭ ئاتىسى،
7 سۇلايمان رېھابامنىڭ ئاتىسى،رېھابام ئابىيانىڭ ئاتىسى،ئابىيا ئاسانىڭ ئاتىسى،
8 ئاسا يەھوشافاتنىڭ ئاتىسى،يەھوشافات يەھورامنىڭ ئاتىسى،يەھورام ئۇززىيانىڭ ئاتىسى،
9 ئۇززىيا يوتامنىڭ ئاتىسى،يوتام ئاھازنىڭ ئاتىسى،ئاھاز ھەزەكىيانىڭ ئاتىسى،
10 ھەزەكىيا ماناسسەنىڭ ئاتىسى،ماناسسە ئاموننىڭ ئاتىسى،ئامون يوشىيانىڭ ئاتىسى،
11 يوشىيا ئىسرائىللىقلار بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان مەزگىلدە تۇغۇلغان يەكونىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى بولدى.
12 ئىسرائىللار بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن، يەكونىيا شىئالتىئېلنىڭ ئاتىسى،شىئالتىئېل زەرۇبابىلنىڭ ئاتىسى بولدى.
13 زەرۇبابىل ئابىئودنىڭ ئاتىسى،ئابىئود ئەلىياقىمنىڭ ئاتىسى،ئەلىياقىم ئازورنىڭ ئاتىسى،
14 ئازور سادوقنىڭ ئاتىسى،سادوق ئاخىمنىڭ ئاتىسى،ئاخىم ئېلىئودنىڭ ئاتىسى،
15 ئېلىئود ئېلىئازارنىڭ ئاتىسى،ئېلىئازار ماتاننىڭ ئاتىسى،ماتان ياقۇپنىڭ ئاتىسى،
16 ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئاتىسى، يۈسۈپ بولسا مەريەمنىڭ ئېرى بولدى. مەريەمدىن مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى.
17 شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىمدىن داۋۇتقىچە 14 ئەۋلاد، داۋۇتتىن ئىسرائىللار بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغۇچە 14 ئەۋلاد ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن تاكى مەسىھ تۇغۇلغۇچە 14 ئەۋلاد ئۆتكەن.
18 ئەيسا مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشى مۇنداق بولدى. ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم بىلەن يۈسۈپ توي قىلىشقا ۋەدىلىشىپ قويغانىدى. بىراق، ئۇلار توي قىلىشتىن بۇرۇن، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى* بىلەن مەريەم ھامىلدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى.
19 ئۇنىڭ ئېرى* يۈسۈپ ئادىل ئادەم بولغاچقا، ئۇ مەريەمنىڭ كىشىلەر ئالدىدا شەرمەندە بولۇشىنى خالىمىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ ھېچكىمگە بىلدۈرمەي، مەريەمدىن جىمجىتلا ئاجرىشىپ* كەتمەكچى بولدى.
20 بىراق، يۈسۈپ مۇشۇ ئىش ھەققىدە ئويلاپ يۈرگەندە، يەھۋانىڭ* پەرىشتىسى ئۇنىڭغا چۈشىدە كۆرۈنۈپ مۇنداق دېدى: «ئەي، داۋۇتنىڭ ئەۋلادى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى توي قىلىپ، ئۆيىڭگە ئېلىپ بېرىشتىن قورقما، چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ھامىلدار بولغان.
21 ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئەيسا* دەپ قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ».
22 بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۋا ئۆز پەيغەمبىرى ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن شۇنداق بولدى:
23 «مانا، پاك قىز ھامىلدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئىممانۇئېل دەپ قويىدۇ». بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر».
24 شۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئويغىنىپ، يەھۋانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك، مەريەم بىلەن توي قىلىپ، ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى.
25 لېكىن، مەريەم بوشانغۇچە يۈسۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى*. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە، توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلەر ئەر-خوتۇن دەپ ھېسابلانغان.
^ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە، توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلەر ئاجرىشىش ئارقىلىق ۋەدىلىرىدىن ۋاز كېچەتتى.
^ بۇ ئىسىم ئىبرانىيچە «يەشۇئا» ياكى «يەھوشۇئا» دېگەن ئىسىملار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مەنىسى «يەھۋا قۇتقۇزۇلۇش».
^ سۆزمۇ-سۆز: «جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولمىدى».