مە‌تتا كىتابى 10‏:1‏—42

  • ئون ئىككى ئە‌لچى ‏(‏1–‏4‏)‏

  • ۋە‌ز قىلىش يوليۇ‌رۇ‌قى ‏(‏5–‏15‏)‏

  • شاگىرتلار زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدۇ ‏(‏16–‏25‏)‏

  • ئىنساندىن ئە‌مە‌س،‏ ۇ‌دادىن قورقۇ‌ش ‏(‏26–‏31‏)‏

  • تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ ‏(‏32–‏39‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىش ‏(‏40–‏42‏)‏

10  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌يسا 12 شاگىرتىنى چاقىرىپ،‏ ئۇ‌لارغا جىنلارنى قوغلاش ۋە ھە‌رخىل ئاغرىق-‏سىلاقلارنى ساقايتىش ھوقۇ‌قىنى بە‌ردى.‏  بۇ 12 ئە‌لچىنىڭ ئىسىملىرى مۇ‌نداق:‏ پېترۇ‌س دە‌پمۇ ئاتالغان سىمۇ‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ ئىنىسى ئە‌ندە‌ر،‏ زە‌بە‌دىينىڭ ئوغۇ‌للىرى ياقۇ‌پ ۋە ئىنىسى يۇ‌ھاننا.‏  فىلىپ ۋە بارتولوماي،‏ توماس ۋە باجگىر مە‌تتا،‏ ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇ‌پ ۋە تاداي،‏  قانانلىق سىمۇ‌ن ۋە كېيىنرە‌ك ئە‌يساغا ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلغان يە‌ھۇ‌دا ئىشقارىيوت.‏  ئە‌يسا بۇ 12 كىشىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق يول-‏يورۇ‌قلارنى بە‌ردى:‏ «يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌سلە‌رنىڭ يۇ‌رتلىرىغا بارماڭلار،‏ سامارىيىلىكلە‌رنىڭ شە‌ھە‌رلىرىگىمۇ كىرمە‌ڭلار.‏  ئە‌كسىچە،‏ ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئاداشقان قوي پادىلىرىغا بېرىڭلار.‏  بارغىنىڭلاردا:‏ ‹خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى* يېقىنلاشتى›،‏—‏ دە‌پ ۋە‌ز قىلىڭلار.‏  كېسە‌للە‌رنى ساقايتىڭلار،‏ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈڭلار،‏ ماخاۋ كېسە‌للىرىنى ساقايتىڭلار،‏ جىنلارنى قوغلاپ چىقىرىڭلار.‏ ھە‌قسىز ئالدىڭلار،‏ ھە‌قسىز بېرىڭلار.‏  بە‌ل بېغىڭلارغا ئالتۇ‌ن،‏ كۈمۈش ۋە مىس پۇ‌للارنى ئېلىپ يۈرمە‌ڭلار.‏ 10  سە‌پىرىڭلاردا نە خۇ‌رجۇ‌ن،‏ نە ئىككى ئىچ كىيىم،‏ نە ئاياق،‏ نە ھاسا تاياق ئېلىۋالماڭلار.‏ چۈنكى،‏ ئىشچى قورسىقىنى تويغۇ‌زۇ‌شقا ھە‌قلىقتۇ‌ر.‏ 11  قايسى شە‌ھە‌ر ياكى يېزىغا كىرسە‌ڭلار،‏ بۇ خە‌ۋە‌رگە لايىق كىشىنى ئىزدە‌پ تېپىڭلار ۋە ئۇ يە‌ردىن كە‌تكۈچە،‏ شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇ‌رۇ‌ڭلار.‏ 12  بىر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا،‏ شۇ ئۆيدىكى كىشىلە‌رگە سالام بېرىپ،‏ ئامان-‏ئېسە‌نلىك تىلە‌ڭلار.‏ 13  ئە‌گە‌ر ئۇ ئۆيدىكى كىشىلە‌ر سىلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلسا،‏ تىلىگە‌ن ئامان-‏ئېسە‌نلىكىڭلار ئۇ‌لارغا يار بولسۇ‌ن.‏ ئە‌گە‌ر قوبۇ‌ل قىلمىسا،‏ تىلىگە‌ن ئامان-‏ئېسە‌نلىك ئۆزۈڭلارغا قايتسۇ‌ن.‏ 14  قە‌يە‌ردىدۇ بىرى سىلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلمىسا ياكى سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىمىسا،‏ شۇ ئۆيدىن ياكى شە‌ھە‌ردىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا،‏ ئايىغىڭلاردىكى توپا-‏چاڭنى قېقىۋېتىڭلار.‏ 15  سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتسام،‏ ھۆكۈم كۈنى بۇ شە‌ھە‌رنىڭ جازاسىغا قارىغاندا سودوم ۋە گومورا يۇ‌رتلىرىنىڭ جازاسى يېنىكرە‌ك بولىدۇ.‏ 16  مانا،‏ مە‌ن ئە‌مدى سىلە‌رنى خۇ‌ددى قويلارنى بۆرىلە‌رنىڭ ئارىسىغا ئە‌ۋە‌تكە‌ندە‌ك ئە‌ۋە‌تىۋاتىمە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىلە‌ر يىلانلاردە‌ك سە‌زگۈر ۋە كە‌پتە‌رلە‌ردە‌ك ساددا بولۇ‌ڭلار.‏ 17  ئادە‌ملە‌ردىن ئېھتىيات قىلىڭلار،‏ چۈنكى ئۇ‌لار سىلە‌رنى سوتقا تاپشۇ‌رۇ‌پ بېرىدۇ ۋە سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ.‏ 18  ماڭا ئە‌گە‌شكىنىڭلار ئۈچۈن سىلە‌ر ئە‌مە‌لدارلار ۋە پادىشاھلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىسىلە‌ر.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارغا ۋە باشقا خە‌لقلە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بېرىسىلە‌ر.‏ 19  بىراق،‏ سىلە‌رنى ئۇ‌لارنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رغاندا،‏ نېمە دېيىش ۋە قانداق دېيىش ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماڭلار.‏ چۈنكى،‏ شۇ پە‌يتتە نېمە دېيىش كېرە‌كلىكى سىلە‌رگە بىلدۈرۈلىدۇ.‏ 20  يە‌نى سىلە‌ر ئۆزۈڭلار سۆزلىمە‌يسىلە‌ر،‏ بە‌لكى ئاتاڭلارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمىدە سۆزلە‌يسىلە‌ر.‏ 21  ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ قېرىنداش قېرىندىشىنى،‏ ئاتا ئۆز بالىسىنى ئۆلۈمگە تۇ‌تۇ‌پ بېرىدۇ،‏ بالىلارمۇ ئاتا-‏ئانىسىغا قارشى چىقىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۆلتۈرىدۇ.‏ 22  مېنىڭ ئىسىمىم ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانلار سىلە‌رنى ئۆچ كۆرىدۇ،‏ لېكىن كىمكى ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بە‌رسە قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدۇ.‏ 23  ئۇ‌لار سىلە‌رگە بىر شە‌ھە‌ردە زىيانكە‌شلىك قىلسا،‏ يە‌نە بىر شە‌ھە‌رگە قېچىپ بېرىڭلار.‏ سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتسام،‏ ئىنسانئوغلى قايتىپ كە‌لگۈچە،‏ سىلە‌ر ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن شە‌ھە‌ر،‏ يېزا-‏قىشلاقلىرىنى ئارىلاپ چىقىپ بولالمايسىلە‌ر.‏ 24  شاگىرت ئۇ‌ستازىدىن،‏ قۇ‌ل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇ‌رمايدۇ.‏ 25  شاگىرت ئۇ‌ستازىدە‌ك ۋە قۇ‌ل خوجايىنىدە‌ك بولسا،‏ قانائە‌ت تاپىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر كىشىلە‌ر ئۆي ئىگىسىنى بە‌ئە‌لزىبۇ‌ل* دە‌پ ئاتىسا،‏ شۇ ئۆيدىكى كىشىلە‌رنى ھە‌م شۇ‌نداق ئاتىشى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏ 26  ئە‌مما،‏ سىلە‌ر ئۇ‌لاردىن قورقماڭلار،‏ چۈنكى ئاشكارا بولمايدىغان ھېچنە‌رسە،‏ ئېچىلمايدىغان سىر يوقتۇ‌ر.‏ 27  سىلە‌رگە قاراڭغۇ‌لۇ‌قتا ئېيتقان سۆزلىرىمنى سىلە‌ر يورۇ‌قلۇ‌قتا ئېيتىڭلار ۋە قۇ‌لاقلىرىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتىلغان سۆزلە‌رنى ئۆگزىگە چىقىپ جاكارلاڭلار.‏ 28  تە‌ننى ئۆلتۈرسىمۇ،‏ جاننى ئۆلتۈرە‌لمە‌يدىغانلاردىن قورقماڭلار.‏ ئە‌كسىچە،‏ ھە‌م تە‌ننى،‏ ھە‌م جاننى گە‌ھە‌ننادا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇ‌چىدىن قورقۇ‌ڭلار.‏ 29  ئىككى قۇ‌شقاچنى بىر تە‌ڭگىگە* سېتىۋالغىلى بولىدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ بىراق ئاسماندىكى ئاتاڭلاردىن بىخە‌ۋە‌ر ئۇ‌لارنىڭ ھېچبىرى يە‌رگە چۈشۈپ كە‌تمە‌يدۇ.‏ 30  سىلە‌رگە كە‌لسە‌ك،‏ ھە‌تتا سىلە‌رنىڭ بېشىڭلاردىكى چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار.‏ 31  شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ قورقماڭلار.‏ چۈنكى،‏ سىلە‌ر نۇ‌رغۇ‌نلىغان قۇ‌شقاچلاردىن قە‌دىرلىكسىلە‌ر.‏ 32  كىمكى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلسا،‏ مە‌نمۇ شۇ كىشىنى ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمە‌ن.‏ 33  لېكىن،‏ كىمكى مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا رە‌ت قىلسا،‏ مە‌نمۇ ئۇ كىشىنى ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا رە‌ت قىلىمە‌ن.‏ 34  مېنى يە‌ر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كە‌لدى دە‌پ ئويلىماڭلار.‏ مە‌ن تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ ئېلىپ كە‌لدىم.‏ 35  چۈنكى،‏ مە‌ن ئوغۇ‌لنى ئۆز ئاتىسىغا،‏ قىزنى ئۆز ئانىسىغا ۋە كېلىننى ئۆز قېيىنانىسىغا قارشى چىقىرىپ،‏ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالغىلى كە‌لدىم.‏ 36  دېمە‌ك،‏ ئادە‌منىڭ دۈشمە‌نلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلە‌ر بولىدۇ.‏ 37  كىمكى ئاتىسى ياكى ئانىسىنى مېنىڭدىنمۇ ئارتۇ‌قراق سۆيسە،‏ مېنىڭ شاگىرتىم بولۇ‌شقا لايىق ئە‌مە‌س.‏ كىمكى ئوغلى ياكى قىزىنى مېنىڭدىنمۇ ئارتۇ‌قراق سۆيسە،‏ مېنىڭ شاگىرتىم بولۇ‌شقا لايىق ئە‌مە‌س.‏ 38  كىمكى ئۆزىنىڭ ئازاب تۈۋرۈكىنى كۆتۈرۈپ،‏ مېنىڭ ئارقامدىن ئە‌گە‌شمىسە،‏ شاگىرتىم بولۇ‌شقا لايىق ئە‌مە‌س.‏ 39  كىمكى ئۆز جېنىنى ئايىسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن مە‌ھرۇ‌م بولىدۇ.‏ كىمكى مە‌ن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن ئايرىلسا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئېرىشىدۇ.‏ 40  كىمكى سىلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلسا،‏ مېنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ كىمكى مېنى قوبۇ‌ل قىلسا،‏ مېنى ئە‌ۋە‌تكۈچىنى ھە‌م قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ 41  كىمكى بىر پە‌يغە‌مبە‌رنى پە‌يغە‌مبە‌ر بولغىنى ئۈچۈن قوبۇ‌ل قىلسا،‏ ئۇ پە‌يغە‌مبە‌رگە تېگىشلىك مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىدۇ.‏ كىمكى ھە‌ققانىي كىشىنى ھە‌ققانىي بولغىنى ئۈچۈن قوبۇ‌ل قىلسا،‏ ئۇ ھە‌ققانىي كىشىگە تېگىشلىك مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىدۇ.‏ 42  سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىپ قويايكى،‏ كىمكى بۇ ئاددىي كىشىلە‌ردىن بىرىگە مېنىڭ شاگىرتىم بولغىنى ئۈچۈن بىر پىيالە سوغۇ‌ق سۇ بە‌رسە،‏ بۇ كىشى ئۆز مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشمە‌ي قالمايدۇ».‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

سۆزمۇ-‏سۆز:‏«ئاسمان پادىشاھلىقى».‏
جىنلارنىڭ باشلىقى شە‌يتان شۇ‌نداق ئاتالغان؛‏ لۇ‌غە‌تكە قاراڭ.‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئاسارىئونغا».‏