مەتتا كىتابى 11:1—30
11 ئەيسا 12 شاگىرتىغا يوليورۇق بېرىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ، تەلىم بېرىش ۋە ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.
2 يەھيا پەيغەمبەر زىنداندا مەسىھنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز شاگىرتلىرىنى ئەۋەتىپ،
3 ئەيسادىن: «كېلىدىغان كىشى سەنمۇ ياكى باشقا بىرىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟»— دەپ سورىدى.
4 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سىلەر بېرىپ، ئاڭلىغان ۋە كۆرگىنىڭلارنى يەھياغا ئېيتىپ بېرىڭلار:
5 ‹كورلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى*، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلۈكلەر تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى›.
6 مەندىن گۇمانلانمىغان كىشى* نەقەدەر بەختلىكتۇر».
7 ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا ھەققىدە مۇنداق دېدى: «چۆل-باياۋانغا نېمىنى كۆرۈشكە باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان بىر قومۇشنىمۇ؟
8 سىلەر زادى نېمىنى كۆرۈشكە باردىڭلار؟ ئېسىل كىيىنگەن بىر ئادەمنىمۇ؟ ئېسىل كىيىنگەن ئادەملەر پادىشاھلارنىڭ سارايلىرىدا بولىدۇ.
9 ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنى كۆرۈشكە بارغان ئەمەسمىدىڭلار؟ شۇنداق، سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، يەھيا بىر پەيغەمبەر، بىراق ئۇ باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەردىن ئۇلۇغدۇر.
10 مۇقەددەس يازمىلاردا بۇ ئادەم ھەققىدە: ‹مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىۋاتىمەن، ئۇ سەن ئۈچۈن يول ھازىرلايدۇ›،— دەپ يېزىلغان.
11 سىلەرگە ھەقنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلار ئارىسىدا ئادەملەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈپ يۈرگەن يەھيادىن ئۇلۇغراق كىشى تۇغۇلمىدى، بىراق خۇدا پادىشاھلىقىدىكى* ئەڭ كىچىك بىرى ئۇنىڭدىن ئۇلۇغراقتۇر.
12 يەھيانىڭ كۈنىدىن تا بۈگۈنكى كۈنگىچە، كىشىلەر خۇدا پادىشاھلىقىغا كىرىشكە ئىنتىلىۋاتىدۇ، پەقەت پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقانلار بۇ مەقسەتكە يېتىۋاتىدۇ.
13 چۈنكى، تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە بېشارەت بەرگەن ئىدى.
14 ئەگەر سىلەر بۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىساڭلار، بۇ ئادەم كىشىلەر كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان ئىلياس پەيغەمبەر.
15 بۇ سۆزنى ئاڭلىغانلار، قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار.
16 مەن بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى كىمگە ئوخشاتسام بولار؟ ئۇلار خۇددى بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، باشقا بالىلارنى چاقىرىپ:
17 ‹سىلەرگە نەي چېلىپ بەردۇق، ئەمما ئۇسسۇلغا چۈشمىدىڭلار، سىلەرگە ماتەم كۈيىنى ئېيتىپ بەردۇق، ئەمما يىغا-زار قىلمىدىڭلار*› دەيدىغان بالىلارغا ئوخشايدۇ.
18 شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھيا كېلىپ، يە ئىچمىدى، يە يېمىدى. بىراق، ئادەملەر: ‹ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ› دېيىشتى.
19 ئىنسانئوغلى كېلىپ يېدى ۋە ئىچتى. بىراق، ئادەملەر «بۇ ئادەم ئاچكۆز ۋە ھاراقكەش، باجگىر ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشتى. بىراق، كىشىلەر نېمە دېسە دېسۇن، دانالىق ئادىل ئىشلىرى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ».
20 ئاندىن كېيىن، ئەيسا ئىلگىرى نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردىكى كىشىلەر توۋا قىلمىغاچقا، ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:
21 «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيتسايدالىقلار! چۈنكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى تىر ۋە سىدون خەلقىنىڭ ئالدىدا كۆرسەتكەن بولسام، ئۇلار ئاللىقاچان ماتەم كىيىمى كىيىپ، كۈل ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، توۋا قىلغان بولاتتى.
22 لېكىن، سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ھۆكۈم كۈنىدە سىلەرنىڭ جازايىڭلارغا قارىغاندا تىر ۋە سىدون خەلقىنىڭ جازاسى يېنىكرەك بولىدۇ.
23 ئەي كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمۇسىلەر؟ ياق، گۆرگە* چۈشىسىلەر. چۈنكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر سودوم خەلقىنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىلگەن بولسا، شۇ شەھەر بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولغان بولاتتى.
24 لېكىن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ھۆكۈم كۈنىدە سىلەرنىڭ جازايىڭلارغا قارىغاندا سودوم خەلقىنىڭ جازاسى يېنىكرەك بولىدۇ».
25 شۇ چاغدا، ئەيسا مۇنداق دېدى: «ئەي ئاتا، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى! مەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى سەن بۇ ئىشلارنى دانا ۋە بىلىملىك كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك كەمتەر كىشىلەرگە ئاشكارىلىدىڭ.
26 ئەي ئاتا! سەن شۇنداق قىلىشنى لايىق كۆردۈڭ.
27 ئاتام ھەممىنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇردى. ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم ياخشى تونۇمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاتىنى ئوغۇلدىن ۋە ئوغۇل ئۆزى ئاشكارا قىلىشنى خالىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ياخشى تونۇمايدۇ.
28 ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار ۋە مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرىمەن.
29 مەن مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن، مەن كۆتۈرگەن ئەپكەشنى* كۆتۈرۈپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلىپ جېنىڭلار ئارام تاپىدۇ.
30 چۈنكى، مېنىڭ ئەپكىشىمنى كۆتۈرۈش ئاسان ۋە يۈكۈم ئېغىر ئەمەس».
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ سۆزمۇ-سۆز: «پاكلاندى».
^ سۆزمۇ-سۆز: «پۇتلىشىپ كېتىشكە مەندىن سەۋەب ئىزدىمىگەن كىشى».
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئاسمان پادىشاھلىقىدىكى».
^ سۆزمۇ-سۆز: «مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ قاتتىق ئازابلانمىدىڭلار».