مەتتا كىتابى 12:1—50
-
ئەيسا — «دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» (1–8)
-
قولى قۇرۇپ كەتكەن كىشىنىڭ ساقايتىلىشى (9–14)
-
خۇدانىڭ سۆيۈملۈك خىزمەتكارى (15–21)
-
مۇقەددەس روھ بىلەن جىنلارنى قوغلاپ چىقىرىش (22–30)
-
كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان گۇناھ (31، 32)
-
دەرەخنى مېۋىلىرىدىن تونۇش (33–37)
-
يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىسى (38–42)
-
جىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن (43–45)
-
ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى (46–50)
12 شۇ كۈنلەردە بىر دەم ئېلىش كۈنى*، ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن شاگىرتلىرى بۇغداي باشاقلىرىنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىشكە باشلىدى.
2 بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئەيساغا: «قارا، شاگىرتلىرىڭ دەم ئېلىش كۈنى قانۇندا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ»،— دېيىشتى.
3 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەر ئاچ قالغاندا، داۋۇتنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئوقۇمىغانمۇ؟
4 داۋۇت خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرگەن، ئۇلار قۇربانلىققا ئاتالغان ناننى يېگەن، قانۇن بويىچە بۇ نانلارنى داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئەمەس، پەقەت روھانىيلار يېيىشى كېرەك ئىدى.
5 يەنە ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلار دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن قائىدىلەرنى بۇزسا، ئۇلارنىڭ گۇناھكار سانالمىغانلىقىنى تەۋراتتىن ئوقۇمىغانمۇ؟
6 لېكىن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە ئىبادەتخانىدىنمۇ ئۇلۇغراق بىرى بار.
7 ئەگەر سىلەر ‹مەن قۇربانلىقنى ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەتنى خالايمەن› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن بولساڭلار، سىلەر گۇناھسىز كىشىلەرنى ھۆكۈم قىلمىغان بولاتتىڭلار.
8 چۈنكى، ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر».
9 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، سىناگوگقا كىردى.
10 شۇ يەردە قولى پالەچ بىر ئادەم بار ئىدى. پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا باھانە ئىزدەپ، ئۇنىڭدىن: «دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىش قانۇنغا زىت ئەمەسمۇ؟»،— دەپ سورىدى.
11 ئەيسا ئۇلارغا: «ئاراڭلاردا بىر كىشىنىڭ قويى دەم ئېلىش كۈنى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، بېرىپ ئۇنى تارتىپ چىقىرىۋالمامدۇ؟
12 ئادەم قويدىن كۆپ قەدىر-قىممەتلىكتۇر. دېمەك، دەم ئېلىش كۈنى ياخشى ئىش قىلىش قانۇنغا زىت ئەمەس»،— دېدى.
13 ئاندىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمگە: «قولۇڭنى سوز»،— دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى سوزىشىغا، قولى ساقىيىپ يەنە بىر قولىغا ئوخشاش ساغلام بولدى.
14 پەرىسىيلەر سىرتقا چىقىپ، ئەيسانى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
15 ئەيسا بۇنى بىلىپ، شۇ يەردىن كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى،
16 بىراق، ئۇلارغا ئۆزى قىلغان ئىشلارنى باشقىلارغا ئېيتىپ يۈرمەسلىكنى بۇيرىدى.
17 بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:
18 «مانا، مەن تاللىغان سۆيۈملۈك خىزمەتكارىم، ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. مەن روھۇمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكىمەن ۋە ئۇ ئادالەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى دۇنياغا* بىلدۈرىدۇ.
19 ئۇ تالاش-تارتىش قىلمايدۇ، ۋارقىراپ توۋلىمايدۇ، چوڭ كوچىلاردا ھېچكىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ.
20 تاكى ئۇ ئادالەتنى ئورناتمىغۇچە، ئېزىلگەن قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ ۋە ئۆچەي دەپ قالغان چىراغنى ئۆچۈرمەيدۇ.
21 پۈتكۈل مىللەتلەر ئۇنىڭ ئىسىمىغا ئۈمىد باغلايدۇ».
22 شۇ چاغدا، كىشىلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان قارىغۇ ۋە تىلى تۇتۇلغان كىشىنى ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇنى ساقايتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان بولدى.
23 پۈتۈن خالايىق ھەيران بولۇپ: «ئەجەبا، بۇ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىمىدۇ؟»— دېيىشىشكە باشلىدى.
24 بۇ گەپنى ئاڭلىغان پەرىسىيلەر: «بۇ كىشى جىنلارنىڭ باشلىقى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ جىنلارنى قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ»،— دېيىشتى.
25 ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا مۇنداق دېدى: «بىر پادىشاھلىق ئىككىگە بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ گۇمران بولىدۇ. بىر شەھەر ياكى ئائىلە ئۆزئارا ئۇرۇش-جېدەل قىلىشسا، ئۇلارمۇ ۋەيران بولىدۇ.
26 ئەگەر شەيتان شەيتاننى قوغلاپ چىقارسا، ئۇ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ؟
27 ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلاپ چىقارسام، سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار كىمگە تايىنىپ قوغلاپ چىقىرىدۇ؟ دېمەك، ئەگەشكۈچىلىرىڭلار سۆزلىرىڭلارنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
28 لېكىن، ئەگەر مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى قوغلاپ چىقىرىۋاتقان بولسام، ئەمەلىيەتتە بۇ خۇدا پادىشاھلىقى ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
29 بىر كىشى قاۋۇل بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-دۇنياسىنى بۇلاپ كېتەلەمدۇ؟ ئۇ شۇ قاۋۇل كىشىنى باغلىيالىغان چاغدىلا، ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.
30 كىمكى مەن تەرەپتە تۇرمىسا، ماڭا قارشى چىققۇچىدۇر، مەن بىلەن بىللە يىغمىسا، چېچىۋەتكۈچىدۇر.
31 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرى ۋە كۇپۇرلۇق سۆزلىرى كەچۈرۈلىدۇ، لېكىن مۇقەددەس روھقا قىلىنغان كۇپۇرلۇق كەچۈرۈلمەيدۇ.
32 مەسىلەن، كىمكى ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلسا، ئۇ كەچۈرۈلىدۇ. لېكىن، كىمكى مۇقەددەس روھقا قارشى سۆز قىلسا، ئۇ ھازىرمۇ* ۋە كەلگۈسىدىمۇ كەچۈرۈلمەيدۇ.
33 ئەگەر دەرەخ ياخشى بولسا، ياخشى مېۋە بېرىدۇ، ئەمما دەرەخ يامان بولسا، مېۋىسىمۇ يامان بولىدۇ. چۈنكى، دەرەخ بەرگەن مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ.
34 ئەي زەھەرلىك يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى! سىلەر يامان بولۇپ تۇرۇپ، قانداقمۇ ئېغىزىڭلاردىن ياخشى گەپ چىقسۇن؟ چۈنكى، ئادەمنىڭ كۆڭلىدە نېمە بولسا، ئېغىزىدىن شۇ چىقىدۇ.
35 ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىققا تولغان كۆڭلىدىن* ياخشىلىق چىقىدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىققا تولغان كۆڭلىدىن يامانلىق چىقىدۇ.
36 شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئادەملەر ھەربىر ئېغىز قۇرۇق گېپى ئۈچۈن ھۆكۈم كۈنىدە ھېساب بېرىدۇ.
37 چۈنكى، ئېيتقان سۆزلىرىڭلار بىلەن يا ھەققانىي دەپ جاكارلىنىسىلەر، يا گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىسىلەر».
38 شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئەيساغا: «ئۇستاز، بىزگە بىر مۆجىزە كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى خالايمىز»،— دېيىشتى.
39 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ بىر ئەۋلاد رەزىل ۋە ۋاپاسىز كىشىلەر مۆجىزە كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ. لېكىن، ئۇلارغا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭكىدىن باشقا مۆجىزە كۆرسىتىلمەيدۇ.
40 يۇنۇس ئۈچ كېچە-كۈندۈز يوغان بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا بولغاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا بولىدۇ.
41 نىنەۋى شەھىرىنىڭ خەلقى ھۆكۈم كۈنىدە بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر بىلەن تىرىلىپ، ئۇلارنى ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇسنىڭ ۋەز-نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، توۋا قىلغان ئىدى. لېكىن، مانا ئالدىڭلاردا يۇنۇستىنمۇ ئۇلۇغراق بىرى تۇرىدۇ.
42 جەنۇبتىكى بىر يۇرتنىڭ ئايال پادىشاھى ھۆكۈم كۈنىدە بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر بىلەن بىللە تىرىلىپ، ئۇلارنى ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ يەنە بىر چېتىدىن كەلگەن ئىدى. لېكىن، مانا قاراڭلار، ئالدىڭلاردا پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغراق بىرى تۇرىدۇ.
43 جىن بىر ئادەمنىڭ تېنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سۇسىز، قۇرۇق جايلارنى ئارىلاپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ ۋە تاپالمايدۇ.
44 ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ‹مەن تېنىدىن چىقىرىلغان شۇ ئادەمگە قايتىپ كېتەي›،— دەيدۇ. جىن قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قەلبى خۇددى پاكىز تازىلىنىپ، رەتلىك تۇتۇلغان ئۆيدەك يەنىلا بوش تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ.
45 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بېرىپ ئۆزىدىنمۇ رەزىلرەك يەتتە جىننى باشلاپ كېلىپ بىللە تۇرىدۇ ۋە ھېلىقى ئادەمنىڭ ھازىرقى ھالى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەتتەر بولۇپ كېتىدۇ. بۇ بىر ئەۋلاد رەزىل كىشىلەرنىڭ ھالىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
46 ئەيسا خالايىققا سۆز قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ سىرتتا كۈتۈپ تۇراتتى.
47 بىرى ئەيساغا: «ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن سىرتتا كۈتۈپ تۇرىدۇ»،— دېدى.
48 ئەيسا شۇ كىشىگە جاۋابەن: «كىم مېنىڭ ئانام ۋە كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟»— دېدى.
49 ئاندىن ئۇ قولى بىلەن شاگىرتلىرىنى كۆرسىتىپ: «مانا ئانام، مانا قېرىنداشلىرىم!
50 كىمكى ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىسا، ئۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر»،— دېدى.