مە‌تتا كىتابى 13‏:1‏—58

  • پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى تە‌مسىللە‌ر ‏(‏1–‏52‏)‏

    • دېھقان ‏(‏1–‏9‏)‏

    • ئە‌يسانىڭ تە‌مسىل كە‌لتۈرۈپ تە‌لىم بېرىشىنىڭ سە‌ۋە‌بى ‏(‏10–‏17‏)‏

    • دېھقان توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌مسىلنىڭ مە‌نىسى ‏(‏18–‏23‏)‏

    • بۇ‌غداي بىلە‌ن ياۋا ئوت-‏چۆپ ‏(‏24–‏30‏)‏

    • قىچا ئۇ‌رۇ‌قى ۋە خېمىرتۇ‌رۇ‌چ ‏(‏31–‏33‏)‏

    • تە‌مسىللە‌رنى ئىشلىتىپ بېشارە‌تنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ‏(‏34،‏ 35‏)‏

    • بۇ‌غداي بىلە‌ن ياۋا ئوت-‏چۆپ توغرىسىدىكى تە‌مسىلنىڭ مە‌نىسى ‏(‏36–‏43‏)‏

    • يوشۇ‌رۇ‌ن خە‌زىنە ۋە ئېسىل مە‌رۋايىت ‏(‏44–‏46‏)‏

    • بېلىق تورى ‏(‏47–‏50‏)‏

    • يېڭى ۋە كونا خە‌زىنە ‏(‏51،‏ 52‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ ئۆز يۇ‌رتىدا رە‌ت قىلىنىشى ‏(‏53–‏58‏)‏

13  شۇ كۈنى،‏ ئە‌يسا ئۆيدىن چىقىپ،‏ دېڭىز بويىدا ئولتۇ‌راتتى.‏  بىر توپ كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئە‌تراپىغا يىغىلغاچقا،‏ ئۇ كېمىگە چىقىپ ئولتۇ‌ردى،‏ خالايىق بولسا دېڭىز بويىدا تۇ‌ردى.‏  ئە‌يسا تە‌مسىل كە‌لتۈرۈپ،‏ كىشىلە‌رگە نۇ‌رغۇ‌ن ھېكمە‌تلە‌رنى ئېيتىپ بە‌ردى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېدى:‏ «بىر دېھقان يە‌رگە ئۇ‌رۇ‌ق چاچقىلى چىقىپتۇ.‏  چاچقان ئۇ‌رۇ‌قلارنىڭ بە‌زىلىرى يول ياقىسىغا چۈشۈپتۇ ۋە قۇ‌شلار كېلىپ،‏ ئۇ‌لارنى يە‌پ كېتىپتۇ.‏  بە‌زىلىرى توپىسى ئاز،‏ تاشلىق يە‌رگە چۈشۈپتۇ.‏ توپىسى چوڭقۇ‌ر بولمىغاچ،‏ تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ.‏  لېكىن،‏ كۆكلىگە‌ن مايسا چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتمىغاچقا،‏ كۈن چىقىپ ئىسسىغاندا قۇ‌رۇ‌پ كېتىپتۇ.‏  بە‌زىلىرى تىكە‌نلە‌رنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ ۋە تىكە‌نلە‌ر ئۆسۈپ،‏ مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ.‏  يە‌نە بە‌زىلىرى بولسا مۇ‌نبە‌ت توپىغا چۈشۈپتۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى 100 ھە‌سسە،‏ بە‌زىلىرى 60 ھە‌سسە،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى 30 ھە‌سسە ھوسۇ‌ل بېرىپتۇ.‏  بۇ سۆزنى ئاڭلىغانلار،‏ قۇ‌لىقىڭلاردا چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭلار».‏ 10  شاگىرتلىرى كېلىپ،‏ ئە‌يسادىن:‏ «سىز نېمە ئۈچۈن كىشىلە‌رگە تە‌مسىل كە‌لتۈرۈپ تە‌لىم بېرىسىز؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 11  ئە‌يسا جاۋاب بېرىپ مۇ‌نداق دېدى:‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ* سىرلىرى ئۇ‌لارغا ئېچىپ بېرىلمىگە‌ن،‏ ئە‌كسىچە سىلە‌رگە ئېچىپ بېرىلگە‌ن.‏ 12  چۈنكى،‏ كىمدە ھېكمە‌ت بار بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ھېكمىتى تېخىمۇ مول بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ كىمدە ھېكمە‌ت يوق بولسا،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭدا بارىمۇ ئۇ‌نىڭدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ.‏ 13  ئۇ‌لارغا تە‌مسىل كە‌لتۈرۈپ سۆزلىشىمنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار قاراپ تۇ‌رۇ‌پمۇ كۆرمە‌يدۇ،‏ تىڭشاپ تۇ‌رۇ‌پمۇ ئاڭلىمايدۇ ۋە چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ 14  بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مۇ‌نۇ بېشارە‌ت سۆزلىرى ئۇ‌لاردا ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى:‏ ‹سىلە‌ر ئاڭلاشنىغۇ ئاڭلايسىلە‌ر،‏ ئە‌مما مە‌نىسىنى چۈشە‌نمە‌يسىلە‌ر،‏ قاراشنىغۇ قارايسىلە‌ر،‏ ئە‌مما كۆرە‌لمە‌يسىلە‌ر.‏ 15  چۈنكى،‏ بۇ خە‌لقنىڭ يۈرىكى تاشتە‌ك قېتىپ كە‌تكە‌ن.‏ سۆزلىرىمنى ئاڭلىسىمۇ،‏ جاۋاب قايتۇ‌رمايدۇ.‏ كۆرمە‌سلىك ئۈچۈن كۆزلىرىنى يۇ‌مۇ‌ۋالغان.‏ ئۇ‌نداق بولمىسا،‏ كۆزلىرى كۆرە‌تتى،‏ قۇ‌لاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى،‏ سۆزلىرىمنىڭ مە‌نىسىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ چۈشىنە‌تتى ۋە ماڭا قايتىپ كېلە‌تتى.‏ مە‌نمۇ ئۇ‌لارنى ساقايتاتتىم›.‏ 16  لېكىن،‏ سىلە‌ر بە‌ختلىكسىلە‌ر!‏ چۈنكى كۆزلىرىڭلار كۆرىدۇ،‏ قۇ‌لاقلىرىڭلار ئاڭلايدۇ.‏ 17  سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىمە‌نكى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ۋە ئادىل كىشىلە‌ر سىلە‌ر كۆرگە‌ننى كۆرۈشنى خالىغانىدى،‏ ئە‌مما كۆرە‌لمىدى ۋە ئاڭلىغانلارنى ئاڭلاشنى خالىغانىدى،‏ ئە‌مما ئاڭلىيالمىدى.‏ 18  ئە‌مدى ئۇ‌رۇ‌ق چاچقان دېھقان ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلنىڭ مە‌نىسىنى ئاڭلاڭلار.‏ 19  كىمكى پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ ئۇ‌نى چۈشە‌نمىسە،‏ رە‌زىل شە‌يتان كېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ قە‌لبىگە چۈشكە‌ن ئۇ‌رۇ‌قنى ئېلىپ كېتىدۇ.‏ بۇ دە‌ل يول ئۈستىگە چۈشكە‌ن ئۇ‌رۇ‌قتۇ‌ر.‏ 20  توپىسى ئاز تاشلىق يە‌رگە چۈشكە‌ن ئۇ‌رۇ‌ق بولسا،‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى سۆزنى ئاڭلاپلا،‏ ئۇ‌نى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن دە‌رھال قوبۇ‌ل قىلغان ئادە‌مدۇ‌ر.‏ 21  لېكىن،‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى سۆز ئۇ‌نىڭ قە‌لبىدە يىلتىز تارتمىغاچقا،‏ ئۇ پە‌قە‌ت قىسقا ۋاقىتقا بە‌رداشلىق بېرىدۇ.‏ شۇ سۆز سە‌ۋە‌بلىك قىيىنچىلىق ياكى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىسا،‏ بۇ سۆزلە‌رگە ئىشىنىشتىن دە‌رھال ۋاز كېچىدۇ.‏ 22  تىكە‌نلە‌رنىڭ ئارىسىغا چۈشكە‌ن ئۇ‌رۇ‌ق بولسا،‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى سۆزنى ئاڭلىغان،‏ ئە‌مما بۇ دۇ‌نيانىڭ* غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئازدۇ‌رۇ‌شى شۇ سۆزنى بوغۇ‌پ قويۇ‌شقا يول قويۇ‌پ،‏ ھوسۇ‌لسىز قالغان ئادە‌مدۇ‌ر 23  لېكىن،‏ مۇ‌نبە‌ت يە‌رگە چۈشكە‌ن ئۇ‌رۇ‌ق بولسا،‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ چۈشە‌نگە‌ن ئادە‌مدۇ‌ر.‏ بۇ‌نداق ئادە‌منىڭ بىرى 100 ھە‌سسە،‏ باشقا بىرى 60 ھە‌سسە ۋە يە‌نە باشقىسى 30 ھە‌سسە كۆپ ھوسۇ‌ل بېرىدۇ».‏ 24  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا يە‌نە بىر تە‌مسىلنى ئېيتىپ بە‌ردى:‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۆز ئېتىزىغا ياخشى ئۇ‌رۇ‌ق چاچقان ئادە‌مگە ئوخشايدۇ.‏ 25  ئە‌مما،‏ كۆپچىلىك ئۇ‌خلاۋاتقاندا،‏ بۇ ئادە‌منىڭ دۈشمىنى كېلىپ،‏ بۇ‌غداي ئارىسىغا ياۋا ئوت-‏چۆپ ئۇ‌رۇ‌قىنى چېچىۋېتىپ كېتىپتۇ.‏ 26  مايسىلار ئۆسۈپ باشاق چىقارغاندا،‏ ياۋا ئوت-‏چۆپلە‌رمۇ كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ.‏ 27  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۆي ئىگىسىنىڭ چاكارلىرى كېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا:‏ ‹خوجايىن،‏ سىز ئېتىزىڭىزغا ياخشى ئۇ‌رۇ‌ق چاچمىغانمىدىڭىز،‏ بۇ ياۋا ئوت-‏چۆپلە‌ر قە‌يە‌ردىن پە‌يدا بولدى؟‏›،‏—‏ دە‌پ سوراپتۇ.‏ 28  يە‌ر ئىگىسى چاكارلىرىغا جاۋاب بېرىپ:‏ ‹بۇ بىر دۈشمە‌ننىڭ ئىشى›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ چاكارلار:‏ ‹بىز بېرىپ ياۋا ئوت-‏چۆپلە‌رنى يۇ‌لۇ‌پ تاشلىۋېتە‌يلىمۇ؟‏›،‏—‏ دە‌پ سوراپتۇ.‏ 29  خوجايىن ئۇ‌لارغا:‏ ‹ياق!‏ سىلە‌ر ياۋا ئوت-‏چۆپلە‌رنى يۇ‌لىمىز دە‌پ،‏ بۇ‌غدايلارنىمۇ يۇ‌لۇ‌ۋېتىشىڭلار مۇ‌مكىن.‏ 30  ئۇ‌لارنى ئورما ۋاقتىغىچە بىللە ئۆسۈشكە قويۇ‌ۋېتىڭلار.‏ ئورما ۋاقتى كە‌لگە‌ندە مە‌ن ئورمىچىلارغا:‏ ‹ئاۋۋال ياۋا ئوت-‏چۆپلە‌رنى يىغىپ،‏ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن باغلاپ قويۇ‌ڭلار،‏ ئاندىن بۇ‌غدايلارنى يىغىپ ئامبارغا ئېلىپ كىرىڭلار› دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلىمە‌ن›،‏—‏ دە‌پتۇ».‏ 31  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا يە‌نە بىر تە‌مسىلنى سۆزلە‌پ بە‌ردى:‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى خۇ‌ددى بىر ئادە‌م ئۆز ئېتىزىغا چاچقان قىچا ئۇ‌رۇ‌قىغا ئوخشايدۇ.‏ 32  گە‌رچە قىچا ئۇ‌رۇ‌قى باشقا بارلىق ئۇ‌رۇ‌قلارنىڭ ئىچىدىكى ئە‌ڭ كىچىكى بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆسكە‌ندە باغدىكى ئۆسۈملۈكلە‌رنىڭ ئە‌ڭ چوڭى بولۇ‌پ،‏ دە‌رە‌خكە ئوخشاش ئېگىز ئۆسىدۇ ۋە قۇ‌شلار كېلىپ ئۇ‌نىڭ شاخلىرىغا قونىدۇ».‏ 33  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا يە‌نە باشقا بىر تە‌مسىلنى ئېيتىپ بە‌ردى:‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى خېمىرتۇ‌رۇ‌چقا ئوخشايدۇ.‏ بىر ئايال خېمىرتۇ‌رۇ‌چنى ئون كىلوگرام ئۇ‌نغا ئارىلاشتۇ‌رۇ‌پ خېمىر يۇ‌غۇ‌رۇ‌پتۇ،‏ بۇ خېمىرتۇ‌رۇ‌چ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇ‌رۇ‌پتۇ».‏ 34  ئە‌يسا بۇ ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسىنى تە‌مسىللە‌ر بىلە‌ن بايان قىلدى.‏ ئۇ تە‌مسىل كە‌لتۈرمە‌ي ئۇ‌لارغا سۆز قىلمايتتى.‏ 35  بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بىر پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىلغان مۇ‌نۇ سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى:‏ «ئېغىزىمنى تە‌مسىل سۆزلە‌ش بىلە‌ن ئاچىمە‌ن،‏ دۇ‌نيا يارىتىلغاندىن بېرى سىر بولۇ‌پ كە‌لگە‌ن ئىشلارنى بايان قىلىمە‌ن».‏ 36  ئاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا خالايىقنى تارقىتىۋېتىپ،‏ ئۆيگە كىردى.‏ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭ يېنىغا كېلىپ:‏ «ئېتىزدىكى ياۋا ئوتلار توغرىسىدىكى تە‌مسىلنى چۈشە‌ندۈرۈپ قويسىڭىز»،‏—‏ دېدى.‏ 37  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېدى:‏ «ياخشى ئۇ‌رۇ‌قنى چاچقان ئىنسانئوغلىدۇ‌ر.‏ 38  ئېتىز بولسا دۇ‌نيادۇ‌ر،‏ ياخشى ئۇ‌رۇ‌ق پادىشاھلىقنىڭ ئوغۇ‌للىرىدۇ‌ر.‏ ياۋايى ئوت-‏چۆپلە‌ر بولسا رە‌زىل شە‌يتاننىڭ ئوغۇ‌للىرىدۇ‌ر.‏ 39  ياۋا ئوت-‏چۆپ ئۇ‌رۇ‌قلىرىنى چاچقان دۈشمە‌ن شە‌يتاندۇ‌ر.‏ ئورما ۋاقتى زامان ئاخىرىدۇ‌ر،‏ ئورمىچىلار بولسا پە‌رىشتىلە‌ردۇ‌ر.‏ 40  خۇ‌ددى ياۋا ئوت-‏چۆپلە‌رنى يىغىپ،‏ ئوتتا كۆيدۈرگە‌ندە‌ك،‏ بۇ زاماننىڭ ئاخىرىدا ھە‌م شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ 41  ئىنسانئوغلى ئۆز پە‌رىشتىلىرىنى ئە‌ۋە‌تىدۇ ۋە شۇ پە‌رىشتىلە‌ر ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىدىن باشقىلارغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولىدىغانلارنى ۋە يامانلىق قىلغۇ‌چىلارنى يىغىپ،‏ 42  ئۇ‌لارنى لاۋۇ‌لداپ كۆيۈۋاتقان ئوچاققا تاشلايدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۇ يە‌ردە يىغلاپ،‏ چىشلىرىنى غۇ‌چۇ‌رلىتىدۇ.‏ 43  شۇ چاغدا،‏ ئادىل ئادە‌ملە‌ر ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا قۇ‌ياشتە‌ك چاقنايدۇ.‏ بۇ سۆزلە‌رنى قۇ‌لىقىڭلاردا چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭلار!‏ 44  خۇ‌دا پادىشاھلىقى خۇ‌ددى ئېتىزدا يوشۇ‌رۇ‌لغان خە‌زىنىگە ئوخشايدۇ.‏ بىر ئادە‌م ئۇ‌نى تېپىۋېلىپ،‏ قايتا يوشۇ‌رۇ‌پ كۆمۈپ قويىدۇ-‏دە،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام قايتىپ بېرىپ بارچە مال-‏مۈلكىنى سېتىپ،‏ شۇ ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ.‏ 45  خۇ‌دا پادىشاھلىقى يە‌نە چىرايلىق ئۈنچە-‏مە‌رۋايىتلارنى ئىزدە‌پ،‏ سە‌پە‌ر قىلىپ يۈرگە‌ن سودىگە‌رگە ئوخشايدۇ.‏ 46  سودىگە‌ر قىممە‌ت-‏باھا بىر مە‌رۋايىتنى تاپقاندا،‏ دە‌رھال بېرىپ بارچە مال-‏مۈلكىنى سېتىپ،‏ ئاشۇ مە‌رۋايىتنى سېتىۋالىدۇ.‏ 47  خۇ‌دا پادىشاھلىقى يە‌نە دېڭىزغا سېلىنىپ ھە‌رخىل بېلىقلارنى تۇ‌تىدىغان بىر تورغا ئوخشايدۇ.‏ 48  تور توشقاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ.‏ ئاندىن ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ياخشى بېلىقلارنى ئىلغاپ سېۋە‌تلە‌رگە يىغىدۇ،‏ لېكىن يارىماسلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ.‏ 49  بۇ زاماننىڭ ئاخىرىدىمۇ شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ پە‌رىشتىلە‌ر كېلىپ يامان كىشىلە‌رنى ئادىل كىشىلە‌ردىن ئايرىيدۇ 50  ۋە ئۇ‌لارنى لاۋۇ‌لداپ كۆيۈۋاتقان ئوچاققا تاشلايدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۇ يە‌ردە يىغلاپ،‏ چىشلىرىنى غۇ‌چۇ‌رلىتىدۇ».‏ 51  ئە‌يسا ئۇ‌لاردىن:‏ «بۇ سۆزلىرىمنى چۈشە‌ندىڭلارمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ شاگىرتلار ئۇ‌نىڭغا:‏ «چۈشە‌ندۇ‌ق»،‏ —‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردى.‏ 52  ئاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېدى:‏ «دېمە‌ك،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم ئالغان ھە‌رقانداق كىشى خۇ‌ددى ئۆز خە‌زىنىسىدىن كونا ۋە يېڭى نە‌رسىلە‌رنى چىقىرىۋاتقان ئۆي ئىگىسىگە ئوخشايدۇ».‏ 53  ئە‌يسا بۇ تە‌مسىللە‌رنى سۆزلە‌پ بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ شۇ يە‌ردىن كە‌تتى.‏ 54  ئۇ يۇ‌رتىغا قايتىپ كېلىپ،‏ سىناگوگتا كىشىلە‌رگە تە‌لىم بېرىشكە باشلىدى.‏ كۆپچىلىك ھە‌يران بولۇ‌شۇ‌پ:‏ «بۇ ئادە‌منىڭ بۇ‌نداق ئە‌قىل-‏پاراسىتى ۋە مۆجىزىلە‌رنى قىلىش كۈچى قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ندۇ؟‏ 55  ئۇ ياغاچچىنىڭ ئوغلىغۇ؟‏ ئانىسىنىڭ ئىسىمى مە‌ريە‌م،‏ ئىنىلىرى ياقۇ‌پ،‏ يۈسۈپ،‏ سىمۇ‌ن ۋە يە‌ھۇ‌دا ئە‌مە‌سمۇ؟‏ 56  سىڭىللىرىنىڭ ھە‌ممىسى ئارىمىزدىغۇ؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭغا قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ندۇ؟‏»،‏—‏ دېيىشە‌تتى.‏ 57  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ كۆپچىلىكنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگۈسى كە‌لمە‌ي،‏ ئۇ‌نى رە‌ت قىلدى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېدى:‏ «بىر پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆز يۇ‌رتى ۋە ئۆيىدە ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر بولمايدۇ».‏ 58  خە‌لق ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نمىگە‌چ،‏ ئە‌يسا ئۇ يە‌ردە كۆپ مۆجىزىلە‌رنى كۆرسە‌تمىدى.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئاسمان پادىشاھلىقىنىڭ».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «زاماننىڭ».‏