مەتتا كىتابى 14:1—36
14 شۇ چاغلاردا، جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ھىرود* ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ،
2 ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: «بۇ ئادەملەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈپ يۈرگەن يەھيا. ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ، ئۇنىڭ مۆجىزىلىك ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى مانا شۇ»،— دېدى.
3 ئەسلىدە ھىرود ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھىرودىيە ئۈچۈن يەھيا پەيغەمبەرنى زىندانغا تاشلىغان ئىدى.
4 چۈنكى، يەھيا ھىرودقا: «بۇ ئايالنى نىكاھىڭغا ئېلىش قانۇنغا خىلاپتۇر»،— دېگەنىدى.
5 شۇ سەۋەبتىن، ھىرود يەھيانى ئۆلتۈرۈشنى خالىغان،بىراق خەلقتىن قورققان ئىدى، چۈنكى خەلق يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قاراتتى.
6 ھىرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا، ھىرودىيەنىڭ قىزى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان ھىرود
7 قىز نېمە سورىسا، شۇنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
8 قىز ئانىسىنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشى بىلەن: «يەھيانىڭ بېشىنى ماڭا بىر تاۋاققا سېلىپ ئەكېلىپ بېرىڭ»،— دېدى.
9 ھىرود خان بۇنىڭغا قايغۇرغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا بەرگەن قەسىمى سەۋەبلىك، قىزنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشقا بۇيرۇق قىلدى.
10 ئۇ زىندانغا ئادەم ئەۋەتىپ، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بېشىنى چاپتۇردى.
11 چېپىلغان باشنى تاۋاققا قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە قىز ئۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.
12 شۇنىڭدىن كېيىن، يەھيانىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، جەسەتنى يەرلىككە قويدى. ئاندىن كېيىن، بېرىپ بۇنى ئەيساغا خەۋەر قىلدى.
13 بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەيسا جىمجىت بىر جايدا يالغۇز قېلىش ئۈچۈن كېمىگە ئولتۇرۇپ، شۇ يەردىن كەتتى. لېكىن، بۇنى ئاڭلىغان خەلق ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن پىيادە ئەگەشتى.
14 ئەيسا قىرغاققا چىققاندا، چوڭ بىر توپ خالايىقنى كۆردى ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتتى.
15 لېكىن، كەچ كىرىپ قالغاندا شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «بۇ ئادەم ياشىمايدىغان چەت بىر جاي ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى ئەۋەتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، ئۆزلىرىگە تاماق سېتىۋالسۇن»،— دېدى.
16 ئەمما، ئەيسا شاگىرتلىرىغا: «ئۇلارنىڭ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭلار ئۇلارغا تاماق بېرىڭلار»،— دېدى.
17 شاگىرتلار: «بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا ھېچنەرسە يوق»،— دېيىشتى.
18 ئەيسا: «ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار»،— دېدى.
19 ئۇ خالايىقنى چىملىقنىڭ ئۈستىدە يانپاشلاپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ، قولىغا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ شۈكۈر ئېيتىپ دۇئا قىلدى، ئاندىن نانلارنى ئۇشتۇپ، شاگىرتلىرىغا بەردى ۋە شاگىرتلار كۆپچىلىككە تارقاتتى.
20 ھەممىسى يەپ تويدى، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچە نانلارنى يىغىۋېدى، 12 سېۋەت لىق تولدى.
21 تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا 5000چە كىشى ئىدى.
22 ئاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال شاگىرتلىرىغا كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۆزىدىن ئاۋۋال ئۇ قىرغاققا ئۆتۈشكە بۇيرىدى. ئۆزى بولسا، خالايىقنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن شۇ يەردە قالدى.
23 خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئەيسا يالغۇز قېلىپ دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. كەچ كىرگەندە ئۇ شۇ يەردە يالغۇز قالدى.
24 بۇ چاغدا، كېمە قىرغاقتىن خېلىلا* يىراقلىشىپ كەتكەن ئىدى. قارشى تەرەپتىن شامال چىقىپ، كېمە دولقۇنلاردا چايقىلىپ، تەستە ئىلگىرىلەۋاتاتتى.
25 تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا*، ئەيسا سۇ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كېلىۋاتاتتى.
26 شاگىرتلار ئۇنىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، قورقۇپ: «بۇ ئەرۋاھ!»— دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى.
27 بىراق، ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: «قورقماڭلار، بۇ مەن!»— دېدى.
28 پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن: «ئۇستاز، ئەگەر بۇ سىز بولسىڭىز، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭىزغا بېرىشىمغا بۇيرۇق قىلىڭ»،— دېدى.
29 ئەيسا ئۇنىڭغا: «كەل»،— دېدى. پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ سۇ ئۈستىدە ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى.
30 لېكىن، كۈچلۈك بوران-چاپقۇننى كۆرۈپ قورقۇپ، چۆكۈشكە باشلىغاندا: «ئۇستاز، مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ!»،— دەپ ۋارقىرىدى.
31 ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: «ئەي، ئىشەنچى ئاجىز، نېمە ئۈچۈن گۇمان قىلدىڭ؟»،— دېدى.
32 ئۇلار كېمىگە چىققاندا، بوران-چاپقۇن توختىدى.
33 كېمىدىكىلەر ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ: «سىز ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسىز»،— دېيىشتى.
34 ئۇلار ئۇ قىرغاققا ئۆتۈپ، گېنىسارەت دېگەن جايغا كەلدى.
35 شۇ يەردىكى خەلق ئەيسانى تونۇپ، ئەتراپتىكى ھەممە جايلارغا خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئادەملەر ھەممە كېسەل كىشىلەرنى ئېلىپ كېلىشتى.
36 ئۇلار ئەيسادىن ھېچ بولمىغاندا كېسەل كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇردى. قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ سۆزمۇ-سۆز: «كۆپ سىتادىيا»؛ بىر سىتادىيە 185 مېتىر.
^ سۆزمۇ-سۆز: «تۆتىنچى قاراۋۇللۇقتا، يەنى تەخمىنەن ئەتىگەن سائەت ئۈچتىن ئالتىگىچە ئارىلىقتا».