مەتتا كىتابى 15:1—39
15 شۇ چاغدا، يېرۇسالېمدىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
2 «نېمە ئۈچۈن سېنىڭ شاگىرتلىرىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىدۇ؟ مەسىلەن، ئۇلار تاماق يېيىشتىن بۇرۇن قوللىرىنى يۇيمايدۇ»،— دېدى.
3 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سىلەر ئۆزۈڭلارچۇ؟ نېمىشقا ئەنئەنىمىز دەپ خۇدانىڭ بۇيرۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىسىلەر؟
4 مەسىلەن، خۇدا ‹ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل› ۋە ‹ئاتا ياكى ئانىسىنى ھاقارەت قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن› دەپ بۇيرۇق قىلغان.
5 لېكىن سىلەر: ‹كىمكى ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ‹سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بېرىدىغان ياردىمىمنى خۇداغا ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتىۋەتتىم› دېسە،
6 ئۇ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلمىسا بولىۋېرىدۇ›،*— دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر ئۆز ئەنئەنىلىرىڭلارنى دەپ خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى يوققا چىقىرىسىلەر.
7 ئەي ساختىپەزلەر، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سىلەر توغرۇلۇق يازغان بېشارەت سۆزلىرى ناھايىتى توغرا! ئۇ مۇنداق دېگەن:
8 ‹بۇ خەلق ئېغىزىدىلا مېنى ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن كۆڭلى مەندىن يىراقتۇر.
9 ئۇلارنىڭ ماڭا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىبادىتى ئەھمىيەتسىز. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۆگىتىدىغان تەلىملىرى ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇقلىرىدۇر›».
10 ئەيسا خەلقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنى چۈشىنىڭلار:
11 ئىنساننى ئۇنىڭ ئېغىزىغا كىرگەن نەرسە ئەمەس، بەلكى ئېغىزىدىن چىققان نەرسە ناپاك قىلىدۇ»،— دېدى.
12 ئاندىن، شاگىرتلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: «سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز پەرىسىيلەرنىڭ چىشىغا تەگكەنلىكىنى* بىلدىڭىزمۇ؟»،— دەپ سورىدى.
13 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئاسماندىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ تاشلىنىدۇ.
14 ئۇلارغا پەرۋا قىلماڭلار، ئۇلار قارىغۇ يولباشچىلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ».
15 شۇ چاغدا، پېترۇس: «بايا ئېيتقان تەمسىلنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز؟»،— دېدى.
16 ئەيسا مۇنداق دېدى: «سىلەر تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟
17 ئېغىزغا كىرگەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئاشقازانغا بېرىپ، تاشقىرىغا چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟
18 لېكىن، ئېغىزدىن چىققان ھەرقانداق نەرسە كۆڭۈلدىن چىقىدۇ، ئەنە شۇلار ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ
19 مەسىلەن، يامان نىيەتلەر، قاتىللىقلار، زىنالار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقلار، ئوغرىلىقلار، يالغان گۇۋاھلىقلار ۋە كۇپۇرلۇق سۆزلەر كۆڭۈلدىن چىقىدۇ.
20 مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تاماق يېيىش ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ».
21 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا باردى.
22 شۇ جايدا ياشايدىغان فىنىكىيەلىك بىر ئايال ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، نالە قىلىپ: «ئەي ھەزرىتىم، داۋۇتنىڭ ئەۋلادى. ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلغايسىز، قىزىمغا جىن چاپلىشىۋېلىپ، ئۇ قاتتىق قىينىلىۋاتىدۇ»،— دەپ يالۋۇردى.
23 لېكىن، ئەيسا شۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. شۇڭا، شاگىرتلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: «بۇ ئايالنى كەتكۈزۈۋەتسىڭىز، چۈنكى ئارقىمىزدىن ئەگىشىۋېلىپ يول بويى ۋارقىراپ كېلىۋاتىدۇ»،— دېيىشتى.
24 ئەيسا جاۋابەن: «مەن باشقىلارغا ئەمەس، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئادىشىپ قالغان قويلىرىغا ئەۋەتىلدىم»،— دېدى.
25 ئاشۇ ئايال ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھەزرىتىم، ماڭا ياردەم بەرگەيسىز»،— دەپ تىزلاندى.
26 ئەيسا ئۇنىڭغا: «بالىلارنىڭ نېنىنى كۈچۈكلەرگە تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس»،— دېدى
27 لېكىن، ئايال ئەيساغا: «شۇنداق، ھەزرىتىم. ئەمما، ئىتلارمۇ ئۆز خوجايىنلىرىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدۇ»،— دېدى.
28 شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا: «ئەي ئايال، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! سەن خالىغاندەك بولسۇن»،— دېدى. دەل شۇ چاغدا ئايالنىڭ قىزى ساقىيىپ كەتتى.
29 ئەيسا شۇ يەردىن كېتىپ، جەلىلىيە دېڭىزىنىڭ بويىغا كەلدى. ئۇ بىر تاققا چىقىپ، شۇ يەردە ئولتۇردى.
30 نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن توكۇر، مېيىپ، قارىغۇ، تىلى تۇتۇلغان ۋە باشقا ھەر خىل كېسەل كىشىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا قويۇشتى ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.
31 خالايىق تىلى تۇتۇلغانلارنىڭ سۆزلىيەلەيدىغان، مېيىپلارنىڭ ساغلام، توكۇرلارنىڭ ماڭالايدىغان، قارىغۇلارنىڭ كۆرەلەيدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى مەدھىيىلەشتى.
32 ئەيسا شاگىرتلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «بۇ كىشىلەرگە ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى ماڭا ئەگىشىپ يۈرىدۇ. يەيدىغان نەرسىلىرىمۇ قالمىدى، مەن ئۇلارنىڭ ئاچ قورساق قايتىشىنى خالىمايمەن. چۈنكى، يولدا ھالسىزلىنىپ، يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن»،— دېدى.
33 شاگىرتلار ئۇنىڭغا: «ئادەم ياشىمايدىغان بۇ چەت جايدا بۇنچىۋالا كۆپ كىشىلەرنى تويغۇزۇش ئۈچۈن نەدىن نان تاپىمىز؟»،— دېيىشتى.
34 ئەيسا: «قانچە نېنىڭلار بار؟»،— دەپ سورىدى. ئۇلار: «يەتتە نان بىلەن بىرقانچە كىچىك بېلىقىمىز بار»،— دېدى.
35 شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى.
36 ئاندىن، ئۇ يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. شاگىرتلار كۆپچىلىككە تارقاتتى.
37 ھەممىسى يەپ تويدى ۋە شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچە نانلارنى يىغقاندا، يەتتە چوڭ سېۋەت لىق تولدى.
38 تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا 4000 كىشى ئىدى.
39 ئەيسا خەلقنى قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، كېمىدە ماگادان رايونىغا باردى.
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ ياكى «ئاتا-ئانسىغا ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ».
^ سۆزمۇ-سۆز: «پەرىسىيلەرگە پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقىنى».