مەتتا كىتابى 16:1—28
16 بۇ يەردە پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى سىناش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئاسماندىن بىر ئالامەت كۆرسىتىشنى سورىدى.
2 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «كەچ كىرگەندە سىلەر: ‹ئاسمان قىزىل تۇرىدۇ، ئەتە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ›،
3 ياكى ئەتىسى ئەتىگەندە: ‹بۈگۈن ئاسماننىڭ رەڭگى قىزىل، ئەمما تۇتۇق تۇرىدۇ، ئەتە شامال چىقىپ يامغۇر ياغىدۇ› دەيسىلەر. سىلەر ئاسمانغا قاراپ، ھاۋا-رايىنىڭ قانداق بولۇشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيسىلەر. لېكىن، بۇ زاماننىڭ ئالامەتلىرىنى چۈشەندۈرەلمەيسىلەر.
4 بۇ رەزىل ۋە ۋاپاسىز ئەۋلاد ئالامەت كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ، بىراق ئۇلارغا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭكىدىن باشقا ھېچقانداق ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ». ئاندىن، ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى.
5 شاگىرتلار ئۇ قىرغاققا ئۆتتى، بىراق نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى.
6 ئەيسا ئۇلارغا: «ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ خېمىرتۇرۇچىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار»،— دېدى.
7 ئۇلار ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن: «ئۆزىمىز بىلەن نان ئېلىۋالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك»،— دېيىشتى.
8 ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا مۇنداق دېدى: «ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمىشقا ئۆزئارا نان ئېلىۋالمىغىنىڭلار توغرۇلۇق سۆزلىشىسىلەر؟
9 تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن 5000 كىشىنى تويدۇرۇپ، قانچە سېۋەت يېمەكلىك يىغىۋالغىنىڭلار يادىڭلاردا يوقمۇ؟
10 يەنە يەتتە نان بىلەن 4000 كىشىنى تويدۇرۇپ، قانچە يوغان سېۋەت يېمەكلىك يىغىۋالغىنىڭلار يادىڭلاردا يوقمۇ؟
11 سىلەر نېمىشقا مېنىڭ نان توغرۇلۇق سۆز قىلمىغانلىقىمنى چۈشەنمەيسىلەر؟ لېكىن، سىلەر پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ خېمىرتۇرۇچىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار»،— دېدى.
12 شاگىرتلار شۇ چاغدىلا ئەيسانىڭ ناندىكى خېمىرتۇرۇچتىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ تەلىملىرىدىن ئېھتىيات قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.
13 ئەيسا فىلىپ قەيسەرىيىسى رايونىغا كەلگەندە، شاگىرتلىرىدىن: «ئادەملەر ئىنسانئوغلىنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟»،— دەپ سورىدى.
14 ئۇلار: «بەزىلەر ئادەملەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈپ يۈرگەن يەھيا، يەنە بەزىلەر ئىلياس، يەنە بەزىلىرى يەرەمىيا ياكى باشقا پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىشىدىكەن»،— دەپ جاۋاب بەردى.
15 ئەيسا ئۇلاردىن: «سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟»،— دەپ سورىدى.
16 سىمۇن پېترۇس: «سەن مەسىھ، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوغلى»،— دەپ جاۋاب بەردى.
17 ئەيسا ئۇنىڭغا: «ئەي يۇنۇس ئوغلى سىمۇن، سەن ھەقىقەتەن بەختلىكسەن! بۇنى ساڭا ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئاسماندىكى ئاتام ئاشكارا قىلدى.
18 يەنە شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، سەن پېترۇس، بۇ قورام تاش ئۈستىگە مەن ئۆز جامائىتىمنى قۇرىمەن. ئۆلۈمنىڭ كۈچى* بۇ جامائەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمايدۇ.
19 مەن ساڭا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ* ئاچقۇچلىرىنى بېرىمەن. سەن يەر يۈزىدە باغلىغانلىرىڭ، ئاسماندا ئاللىقاچان باغلانغان بولىدۇ ۋە سەن يەر يۈزىدە يەشكەنلىرىڭ، ئاسماندا ئاللىقاچان يېشىلگەن بولىدۇ»،— دېدى.
20 بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى بۇيرىدى.
21 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا ئۆزىنىڭ چوقۇم يېرۇسالېمغا بېرىپ ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلۈشى ھەققىدە شاگىرتلىرىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
22 بۇ گەپنى ئاڭلاپ، پېترۇس ئەيسانى بىر چەتكە تارتىپ: «ھەزرىتىم، خۇدا سىزنى ساقلاپ، بۇ ئىشلار بېشىڭىزغا ئەسلا كەلمىسۇن»،— دەپ توسقۇنلۇق قىلىشقا باشلىدى.
23 لېكىن، ئەيسا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا: «كۆزۈمدىن يوقال، شەيتان! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭ تاش. چۈنكى، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىدۇر»،— دېدى.
24 ئاندىن كېيىن، ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: «كىمكى مېنىڭ ئارقامدىن ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كەچسۇن ۋە ئۆزىنىڭ ئازاب تۈۋرۈكىنى* كۆتۈرۈپ داۋاملىق كەينىمدىن ئەگەشسۇن.
25 كىمكى ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەمما، كىمكى مەن ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلسا، ئۇ ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
26 ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، جېنىدىن ئايرىلىپ قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ياكى ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن نېمىنى تۆلەپ بېرەلەيدۇ؟
27 ئىنسانئوغلى ئۆز ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىپ، ھەممە ئادەمگە ئۆز ئىشلىرىغا لايىق جاۋاب قايتۇرىدۇ.
28 سىلەرگە ھەقنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىنسانئوغلى ئۆز پادىشاھلىقىدا كەلگەنلىكىنى كۆرمىگۈچە، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىمايدۇ».
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئاسمان پادىشاھلىقىنىڭ».