مە‌تتا كىتابى 17‏:1‏—27

  • ئە‌يسانىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ ئۆزگۈرۈشى ‏(‏1–‏13‏)‏

  • قىچا ئۇ‌رۇ‌قىدە‌ك كىچىككىنە ئىشە‌نچ ‏(‏14–‏21‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌كرار ئالدىن ئېيتىشى ‏(‏22،‏ 23‏)‏

  • بېلىقنىڭ ئېغىزىدىن چىققان كۈمۈش تە‌ڭگە بىلە‌ن باج تۆلە‌ش ‏(‏24–‏27‏)‏

17  ئالتە كۈندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا پە‌قە‌ت پېترۇ‌س،‏ ياقۇ‌پ ۋە ياقۇ‌پنىڭ ئىنىسى يۇ‌ھاننانى ئېلىپ،‏ ئېگىز بىر تاققا چىقتى.‏  ئۇ‌لارنىڭ ئالدىدا ئە‌يسانىڭ قىياپىتى ئۆزگىرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ يۈزى قۇ‌ياشتە‌ك پارلىدى ۋە كىيىملىرى نۇ‌ردە‌ك ئاپپاق يورۇ‌دى.‏  تۇ‌يۇ‌قسىز،‏ مۇ‌سا ۋە ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ ئالدىدا پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن سۆزلە‌شتى.‏  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پېترۇ‌س ئە‌يساغا:‏ «ئە‌ي ھە‌زرىتىم،‏ بۇ يە‌ردە بولغىنىمىز نېمە دېگە‌ن ياخشى!‏ خالىسىڭىز،‏ بىرىنى سىزگە،‏ بىرىنى مۇ‌ساغا،‏ يە‌نە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ،‏ بۇ يە‌رگە ئۈچ چېدىر تىكە‌ي»،‏—‏ دېدى.‏  پېترۇ‌س تېخى سۆزلە‌ۋاتقاندا،‏ ئۇ‌لارنى قويۇ‌ق بۇ‌لۇ‌ت قاپلىدى.‏ بۇ‌لۇ‌ت ئىچىدىن:‏ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌نمە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن ئاۋاز ئاڭلاندى.‏  شاگىرتلار بۇ‌نى ئاڭلاپ،‏ ئىنتايىن قورقۇ‌شۇ‌پ يە‌رگە دۈم يىقىلدى.‏  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ يېنىغا كېلىپ،‏ ئۇ‌لارغا قولىنى تە‌گكۈزۈپ:‏ «ئورنىڭلاردىن تۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ قورقماڭلار!‏»،‏—‏ دېدى.‏  ئۇ‌لار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى،‏ ئە‌يسادىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدى.‏  ئۇ‌لار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە،‏ كۆرگە‌نلىرىڭلارنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلدى.‏ 10  بىراق،‏ شاگىرتلار ئە‌يسادىن:‏ «نېمە ئۈچۈن تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ئاۋۋال ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر كېلىشى كېرە‌ك دە‌يدۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 11  ئە‌يسا جاۋاب بېرىپ مۇ‌نداق دېدى:‏ «شۇ‌نداق،‏ ئىلياس ئاۋۋال كېلىپ،‏ ھە‌ممە نە‌رسىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرىدۇ.‏ 12  ئە‌مما سىلە‌رگە ئېيتىپ قويايكى،‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر ئاللىقاچان كە‌لدى،‏ لېكىن كىشىلە‌ر ئۇ‌نى تونۇ‌مىدى ۋە ئۇ‌نىڭغا نېمە قىلىشنى خالىسا،‏ شۇ‌نى قىلدى.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئىنسانئوغلىمۇ ئۇ‌لارنىڭ قولىدا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىدۇ».‏ 13  شۇ چاغدا،‏ شاگىرتلار ئە‌يسانىڭ ئادە‌ملە‌رنى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈپ يۈرگە‌ن يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌ققىدە سۆز قىلغانلىقىنى چۈشە‌ندى.‏ 14  ئۇ‌لار خالايىق توپلاشقان يە‌رگە كە‌لگە‌ندە،‏ بىر كىشى ئە‌يسانىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ،‏ مۇ‌نداق دېدى:‏ 15  ‏«ھە‌زرىتىم،‏ ئوغلۇ‌مغا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت قىلغايسىز،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭ تۇ‌تقاقلىق كېسىلى بار.‏ ئۇ ئىنتايىن قىينىلىپ كە‌تتى.‏ دائىم ئوتقا ۋە سۇ‌غا چۈشۈپ كېتىدۇ.‏ 16  مە‌ن ئۇ‌نى شاگىرتلىرىڭىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كە‌لدىم،‏ بىراق ئۇ‌لار ئۇ‌نى ساقايتالمىدى».‏ 17  ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا جاۋابە‌ن:‏ «ئە‌ي ئىشە‌نچى ئاجىز ئە‌ۋلاد!‏ قاچانغىچە مە‌ن سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولۇ‌شۇ‌م كېرە‌ك؟‏ قاچانغىچە چىداپ تۇ‌رۇ‌شۇ‌م كېرە‌ك؟‏ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار»،‏—‏ دېدى.‏ 18  ئە‌يسا جىنغا بۇ‌يرۇ‌ق قىلدى،‏ جىن بالىدىن چىقىپ كە‌تتى.‏ بالىمۇ شۇ ھامان ساقايدى.‏ 19  ئاندىن،‏ شاگىرتلار ئە‌يسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:‏ «نېمە ئۈچۈن بىز جىننى قوغلاپ چىقىرالمىدۇ‌ق؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 20  ئۇ شاگىرتلىرىغا:‏ «ئىشە‌نچىڭلار ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن.‏ سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىپ قويايكى،‏ ئە‌گە‌ر سىلە‌ردە قىچا ئۇ‌رۇ‌قىدە‌ك كىچىككىنە ئىمان بولسا،‏ بۇ تاغقا:‏ ‹بۇ يە‌ردىن ئۇ يە‌رگە كۆچكىن› دېسە‌ڭلار،‏ ئۇ كۆچىدۇ ۋە قولۇ‌ڭلاردىن كە‌لمە‌يدىغان ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ»،‏—‏ دېدى.‏ 21  ‏—‏ —‏ 22  شاگىرتلار جە‌لىلىيىدە جە‌م بولغاندا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «ئىنسانئوغلىغا ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلىنىپ،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ قولىغا تۇ‌تۇ‌پ بېرىلىدۇ 23  ۋە ئۇ‌لار ئۇ‌نى ئۆلتۈرىدۇ.‏ ئۈچىنچى كۈنى ئۇ تىرىلىدۇ»،‏—‏ دېدى.‏ بۇ‌نى ئاڭلاپ،‏ شاگىرتلار غە‌م-‏قايغۇ‌غا پاتتى.‏ 24  ئۇ‌لار كە‌پە‌رناھۇ‌مغا كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ ئىككى دراخما* باجنى يىغقۇ‌چىلار پېترۇ‌سنىڭ ئالدىغا كېلىپ:‏ «ئۇ‌ستازىڭلار ئىككى دراخما باجنى تاپشۇ‌رامدۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 25  پېترۇ‌س:‏ «تاپشۇ‌رىدۇ»،‏—‏ دېدى.‏ ئۇ ئۆيگە كىرگە‌ندە،‏ ئە‌يسا ئاۋۋال ئۇ‌نىڭدىن:‏ «سىمۇ‌ن،‏ سېنىڭچە بۇ دۇ‌نيادىكى پادىشاھلار كىملە‌ردىن باج ئالىدۇ؟‏ ئۆز ئوغۇ‌للىرىدىنمۇ ياكى باشقىلاردىنمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 26  پېترۇ‌س:‏ «باشقىلاردىن»،‏—‏ دېدى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا:‏ «دېمە‌ك،‏ ئوغۇ‌للار باج تاپشۇ‌رمايدۇ.‏ 27  بىراق،‏ باجگىرلارنىڭ چىشىغا تە‌گمە‌يلى*‏،‏ سە‌ن دېڭىزغا بېرىپ،‏ قارماقنى تاشلا،‏ بىرىنچى بولۇ‌پ تۇ‌تقان بېلىقنىڭ ئاغزىنى ئاچساڭ،‏ بىر كۈمۈش تە‌ڭگە* چىقىدۇ،‏ ئۇ‌نى ئېلىپ ئىككىمىز ئۈچۈن ئۇ‌لارغا بە‌رگىن»،‏—‏ دېدى.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «باجگىرلارغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولمايلى».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «سىتاتىر»؛‏ تېترا دراخما دە‌پمۇ ئاتالغان.‏