مە‌تتا كىتابى 19‏:1‏—30

  • توي قىلىش ۋە ئاجرىشىش ‏(‏1–‏9‏)‏

  • توي قىلماي ياشاش سوۋغىسى ‏(‏10–‏12‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ بالىلارنى بە‌رىكە‌تلىشى ‏(‏13–‏15‏)‏

  • باي يىگىتنىڭ سوئالى ‏(‏16–‏24‏)‏

  • پادىشاھلىق ئۈچۈن قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىش ‏(‏25–‏30‏)‏

19  ئە‌يسا بۇ سۆزلە‌رنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن،‏ جە‌لىلىيە ئۆلكىسىدىن كېتىپ،‏ ئىئوردان دە‌رياسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ،‏ يە‌ھۇ‌دىيە ئۆلكىسىنىڭ چېگرىلىرىغا كە‌لدى.‏  نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىپ كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌يسا شۇ يە‌ردە كېسە‌للە‌رنى ساقايتتى.‏  پە‌رىسىيلە‌ر ئە‌يسانى سىناش مە‌قسىتىدە ئۇ‌نىڭ يېنىغا كېلىپ:‏ «بىر ئادە‌منىڭ ھە‌رقانداق بىر ئىشنى سە‌ۋە‌ب قىلىپ ئايالىدىن ئاجرىشىشى قانۇ‌نغا ئۇ‌يغۇ‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏  ئە‌يسا مۇ‌نداق جاۋاب بە‌ردى:‏ «ياراتقۇ‌چى دە‌سلە‌پتە ئۇ‌لارنى ئە‌ر ۋە ئايال قىلىپ ياراتقانلىقىنى ئوقۇ‌مىدىڭلارمۇ؟‏  ئۇ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‹شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئە‌ر كىشى ئاتا-‏ئانىسىدىن ئايرىلىپ،‏ ئۆز ئايالى بىلە‌ن باغلىنىدۇ ۋە ئىككىسى بىر تە‌ن بولىدۇ›.‏  دېمە‌ك،‏ ئە‌مدى ئۇ‌لار ئىككى ئە‌مە‌س،‏ بىر تە‌ندۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق ئاستىدا قوشقاننى،‏ ئىنسان ئايرىمىسۇ‌ن».‏  ئۇ‌لار ئە‌يسادىن:‏ «ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر نېمە ئۈچۈن ئاجراشماقچى بولغان كىشى ئايالىغا ئاجرىشىش خېتىنى بە‌رسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «سىلە‌رنىڭ باغرىڭلار تاشتە‌ك بولغاچقا،‏ مۇ‌سا ئاياللىرىڭلاردىن ئاجرىشىشقا رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ بىراق،‏ دە‌سلە‌پتە ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س ئىدى.‏  سىلە‌رگە ئېيتىپ قويايكى،‏ كىمكى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقتىن باشقا ھە‌رقانداق بىر ئىشنى سە‌ۋە‌ب قىلىپ،‏ ئايالىدىن ئاجرىشىپ،‏ باشقا بىرى بىلە‌ن توي قىلسا،‏ ئۇ زىنا قىلغان بولىدۇ»،‏—‏ دېدى.‏ 10  شاگىرتلىرى ئە‌يساغا:‏ «ئە‌گە‌ر ئە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئايالى ئوتتۇ‌رىسىدىكى مۇ‌ناسىۋە‌ت شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا توي قىلماسلىق ياخشى ئىكە‌ن»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 11  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «بۇ سۆزنى ھە‌ممىلا ئادە‌م ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دادىن بۇ سوۋغىغا ئېرىشكە‌نلە‌رلا قوبۇ‌ل قىلالايدۇ.‏ 12  كىشىلە‌رنىڭ توي قىلماسلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى خىلمۇ-‏خىلدۇ‌ر:‏ بە‌زىلە‌ر تۇ‌غما جىنسىي ئاجىزلار،‏ بە‌زىلە‌ر باشقىلار تە‌رىپىدىن ئاختا قىلىنغانلار*‏،‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقى* ئۈچۈن توي قىلىشتىن ۋاز كە‌چكە‌نلە‌ردۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ توي قىلماي ياشاشنى قوبۇ‌ل قىلالايدىغانلار قوبۇ‌ل قىلسۇ‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ 13  شۇ چاغدا،‏ بالىلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلسۇ‌ن دە‌پ كىشىلە‌ر كىچىك بالىلارنى ئە‌يسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كە‌لدى.‏ لېكىن،‏ شاگىرتلار ئاشۇ كىشىلە‌رنى ئە‌يىبلىدى.‏ 14  ئە‌يسا:‏ «بالىلار ئالدىمغا كە‌لسۇ‌ن،‏ ئۇ‌لارنى توسماڭلار.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى دە‌ل مۇ‌شۇ‌لارغا ئوخشاشلارغا مە‌نسۇ‌پتۇ‌ر»،‏—‏ دېدى.‏ 15  ئە‌يسا قوللىرىنى بالىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ شۇ يە‌ردىن كېتىپ قالدى.‏ 16  شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ بىر يىگىت ئە‌يسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:‏ «ئۇ‌ستاز،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشىم كېرە‌ك؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 17  ئە‌يسا يىگىتكە:‏ «نېمە ئۈچۈن مېنىڭدىن ياخشىلىق توغرۇ‌لۇ‌ق سورايسە‌ن؟‏ پە‌قە‌ت بىرلا خۇ‌دا ياخشىدۇ‌ر.‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمە‌كچى بولساڭ،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرىگە بويسۇ‌نغىن»،‏—‏ دېدى.‏ 18  يىگىت:‏ «قايسى ئە‌مرلە‌رنى دە‌يسىز؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېدى:‏ «قاتىللىق قىلما،‏ زىنا قىلما،‏ ئوغرىلىق قىلما،‏ يالغان گۇ‌ۋاھلىق بە‌رمە،‏ 19  ئاتا-‏ئاناڭنى ھۆرمە‌ت قىل ۋە باشقىلارنى* ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆي».‏ 20  يىگىت:‏ «بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىگە ئە‌مە‌ل قىلىپ كېلىۋاتىمە‌ن،‏ يە‌نە نېمە قىلىشىم كېرە‌ك؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 21  ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا:‏ «ئە‌گە‌ر قىلىۋاتقانلىرىڭنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىنى خالىساڭ،‏ بېرىپ بارلىق مال-‏مۈلكىڭنى سېتىپ،‏ پۇ‌لۇ‌ڭنى كە‌مبە‌غە‌للە‌رگە بە‌رگىن.‏ شۇ‌ندىلا ئاسماندا خە‌زىنە‌ڭ بولىدۇ،‏ ئاندىن كېلىپ ماڭا ئە‌گە‌شكىن»،‏—‏ دېدى.‏ 22  يىگىت بۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلاپ،‏ قاتتىق قايغۇ‌رۇ‌پ شۇ يە‌ردىن كېتىپ قالدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭ مال-‏دۇ‌نياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.‏ 23  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا:‏ «سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىپ قويايكى،‏ باي كىشىنىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا كىرىشى تە‌س بولىدۇ.‏ 24  يە‌نە سىلە‌رگە ئېيتىمە‌نكى،‏ باينىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا كىرىشىگە قارىغاندا،‏ تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشى ئاسانراق»،‏—‏ دېدى.‏ 25  بۇ‌نى ئاڭلىغان شاگىرتلار ئىنتايىن ھە‌يران بولۇ‌پ:‏ «ئۇ‌نداقتا،‏ كىم قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 26  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا قاراپ:‏ «بۇ ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كە‌لمە‌يدۇ،‏ ئە‌مما خۇ‌دانىڭ قولىدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىش يوقتۇ‌ر»،‏—‏ دېدى.‏ 27  بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پېترۇ‌س:‏ «مانا،‏ بىز ھە‌ممە نە‌رسىلىرىمىزنى تاشلاپ،‏ سىزگە ئە‌گە‌شتۇ‌ق،‏ بىز نېمىگە ئېرىشىمىز؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 28  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق جاۋاب بە‌ردى:‏ «سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتسام،‏ بارچە نە‌رسىلە‌ر يېڭىلانغان ۋاقىتتا،‏ ئىنسانئوغلى شان-‏شە‌رە‌پ تە‌ختىدە ئولتۇ‌رىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ ماڭا ئە‌گە‌شكە‌ن سىلە‌رمۇ 12 تە‌ختتە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئىسرائىللارنىڭ 12 قە‌بىلىسىنى ھۆكۈم قىلىسىلە‌ر.‏ 29  مېنىڭ ئىسىمىم ئۈچۈن ئۆيلىرى،‏ ئاكا-‏ئىنىلىرى،‏ ھە‌دە-‏سىڭىللىرى،‏ ئاتا-‏ئانىلىرى،‏ بالا-‏چاقىلىرى ياكى يە‌ر-‏زېمىنلىرىدىن ۋاز كە‌چكە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۆزلىرى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھە‌سسە ئارتۇ‌قراققا ئېرىشىپ،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتنى مىراس ئالىدۇ.‏ 30  لېكىن،‏ ئالدىنقىلىرى بولغان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئاخىرقىلىرى بولىدۇ ۋە ئاخىرقىلىرى بولغانلار ئالدىنقىلىرى بولىدۇ.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

لۇ‌غە‌تكە قاراڭ.‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئاسمان پادىشاھلىقى».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «قوشناڭنى».‏