مە‌تتا كىتابى 2‏:1‏—23

  • مۇ‌نە‌ججىملە‌رنىڭ كېلىشى ‏(‏1–‏12‏)‏

  • مىسىرغا قېچىش ‏(‏13–‏15‏)‏

  • ھىرودنىڭ ئوغۇ‌ل بالىلارنى ئۆلتۈرۈشى ‏(‏16–‏18‏)‏

  • ناسىرە‌گە قايتىش ‏(‏19–‏23‏)‏

2  ھىرود* پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە يە‌ھۇ‌دىيە ئۆلكىسىنىڭ بە‌يتلە‌ھە‌م دېگە‌ن يېزىسىدا ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لدى.‏ شۇ چاغدا،‏ شە‌رقتىن يېرۇ‌سالېمغا مۇ‌نە‌ججىملە‌ر* كېلىپ:‏  يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ يېڭى تۇ‌غۇ‌لغان پادىشاھى قە‌يە‌ردە؟‏ بىز شە‌رقتە ئۇ‌نىڭ يۇ‌لتۇ‌زىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە* كە‌لدۇ‌ق»،‏—‏ دېيىشتى.‏  بۇ‌نى ئاڭلاپ،‏ پادىشاھ ھىرود ۋە پۈتكۈل يېرۇ‌سالېم خە‌لقى ئالاقزادە بولۇ‌پ كە‌تتى.‏  ھىرود بارلىق ئالىي روھانىيلار ۋە تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرىنى يىغىپ،‏ ئۇ‌لاردىن مە‌سىھ* قە‌يە‌ردە تۇ‌غۇ‌لىدىغانلىقىنى سورىدى.‏  ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا:‏ «يە‌ھۇ‌دىيە‌دىكى بە‌يتلە‌ھە‌مدە،‏ چۈنكى بۇ توغرىسىدا پە‌يغە‌مبە‌ر مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏  ‏‹ئە‌ي،‏ يە‌ھۇ‌دا زېمىنىدىكى بە‌يتلە‌ھە‌م،‏ سە‌ن يە‌ھۇ‌دا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نە‌زىرىدە ئە‌سلا كىچىك شە‌ھە‌ر ئە‌مە‌سسە‌ن،‏ چۈنكى سە‌ندىن بىر ھۆكۈمران چىقىدۇ،‏ ئۇ خە‌لقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولىدۇ›»،‏—‏ دېدى.‏  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ھىرود مۇ‌نە‌ججىملە‌رنى مە‌خپىي چاقىرتىپ،‏ ئۇ‌لاردىن يۇ‌لتۇ‌زنىڭ قاچان پە‌يدا بولغانلىقىنى سوراپ،‏ ئېنىق ۋاقتىنى بىلىۋالدى.‏  ئاندىن،‏ ئۇ‌لارنى بە‌يتلە‌ھە‌مگە ئە‌ۋە‌تىپ،‏ شۇ‌نداق دېدى:‏ «سىلە‌ر بېرىڭلار،‏ كۆڭۈل قويۇ‌پ بالىنى ئىزدە‌ڭلار.‏ تاپقان ھامان ماڭا خە‌ۋە‌ر قىلىڭلار،‏ مە‌نمۇ بېرىپ ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرە‌ي».‏  ئۇ‌لار پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يولغا چىقىشتى.‏ شە‌رقتە كۆرۈنگە‌ن ئاشۇ يۇ‌لتۇ‌ز ئۇ‌لارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ،‏ بالا تۇ‌رغان جاينىڭ ئۈستىگە كېلىپ توختىدى.‏ 10  ئۇ‌لار ئاشۇ يۇ‌لتۇ‌زنىڭ توختىغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئىنتايىن خۇ‌شال بولۇ‌شتى.‏ 11  مۇ‌نە‌ججىملە‌ر ئۆيگە كىرىپ،‏ بالا بىلە‌ن ئانىسى مە‌ريە‌منى كۆرۈپ،‏ يە‌رگە تىزلىنىپ بالىغا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام* بىلدۈرۈشتى.‏ ئاندىن،‏ ئۇ‌لار خە‌زىنە ساندۇ‌قچىلىرىنى ئېچىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئالتۇ‌ن،‏ مە‌ستىكى*‏،‏ مۇ‌رمە‌ككى* قاتارلىق سوۋغىلارنى تە‌غدىم قىلدى.‏ 12  ئە‌مما،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى چۈشىدە ھىرود پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇ‌رغاچقا،‏ ئۇ‌لار باشقا يول بىلە‌ن ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ كېتىشتى.‏ 13  مۇ‌نە‌ججىملە‌ر كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋانىڭ بىر پە‌رىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ:‏ «ئورنۇ‌ڭدىن تۇ‌ر!‏ بالىنى ۋە ئانىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچقىن.‏ مە‌ن ساڭا خە‌ۋە‌ر بە‌رگۈچە شۇ يە‌ردە تۇ‌رغىن.‏ چۈنكى،‏ ھىرود بالىنى ئىزدە‌پ تېپىپ ئۆلتۈرمە‌كچى»،‏—‏ دېدى.‏ 14  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يۈسۈپ ئورنىدىن تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئانا-‏بالا ئىككىسىنى ئېلىپ،‏ شۇ كېچىدىلا مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى.‏ 15  ئۇ‌لار ھىرود ئۆلگۈچە شۇ يە‌ردە تۇ‌ردى.‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز پە‌يغە‌مبىرى ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان «مە‌ن ئوغلۇ‌منى مىسىردىن چاقىردىم» دېگە‌ن سۆزى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى.‏ 16  ھىرود ئۆزىنىڭ مۇ‌نە‌ججىملە‌ر تە‌رىپىدىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ،‏ قاتتىق غە‌زە‌پلە‌ندى.‏ ئۇ مۇ‌نە‌ججىملە‌رنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ،‏ بە‌يتلە‌ھە‌م ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌تراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇ‌نىڭدىن تۆۋە‌ن ياشتىكى ئوغۇ‌ل بالىلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئۆلتۈرۈش ھە‌ققىدە بۇ‌يرۇ‌ق چۈشۈردى.‏ 17  بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇ‌نۇ سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى:‏ 18  ‏«راما شە‌ھىرىدە يىغا-‏زار،‏ نالە-‏پە‌رياد ئاۋازى ئاڭلاندى،‏ راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن قان يىغلىدى.‏ ئۇ ھېچكىمنىڭ تە‌سە‌للىسىگە قۇ‌لاق سالمىدى،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭ بالىلىرى يوق ئە‌مدى».‏ 19  ھىرود ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ مىسىردا يە‌ھۋانىڭ بىر پە‌رىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ:‏ 20  ‏«ئورنۇ‌ڭدىن تۇ‌ر!‏ بالا بىلە‌ن ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل يۇ‌رتىغا قايتقىن.‏ چۈنكى،‏ بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى»،‏—‏ دېدى.‏ 21  بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يۈسۈپ ئورنىدىن تۇ‌رۇ‌پ،‏ بالا بىلە‌ن ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل يۇ‌رتىغا قايتتى.‏ 22  بىراق،‏ يۈسۈپ ھىرودنىڭ ئوغلى ئارخېلائۇ‌سنىڭ يە‌ھۇ‌دىيە ئۆلكىسىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،‏ قايتىشتىن قورقتى.‏ ئۇ يە‌نە چۈشىدە خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بويىچە جە‌لىلىيە ئۆلكىسىگە كېتىپ قالدى.‏ 23  ئۇ ناسىرە دېگە‌ن شە‌ھە‌رگە بېرىپ،‏ شۇ يە‌رگە جايلاشتى.‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ «ئۇ ناسىرە‌لىك دە‌پ ئاتىلىدۇ» دېگە‌ن سۆزلىرى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

ياكى تازىم قىلىشقا
ياكى «تازىم قىلىشتى».‏