مە‌تتا كىتابى 20‏:1‏—34

  • ئۈزۈمزارلىقتىكى ئىشچىلار ۋە ئوخشاش ئىش ھە‌ققى ‏(‏1–‏16‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌كرار ئالدىن ئېيتىشى ‏(‏17–‏19‏)‏

  • پادىشاھلىقتا يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىگە ئېرىشىشنى سوراش ‏(‏20–‏28‏)‏

    • ئە‌يسانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۈچۈن تۆلە‌م بېرىشى ‏(‏28‏)‏

  • ئىككى قارىغۇ‌نىڭ ساقايتىلىشى ‏(‏29–‏34‏)‏

20  ‏«خۇ‌دا پادىشاھلىقى* تاڭ سە‌ھە‌ردە ئۈزۈمزارلىقىغا ئىشلە‌شكە ئادە‌ملە‌رنى ياللاشقا چىققان بىر يە‌ر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ.‏  ئۇ ئىشچىلارنى كۈنىگە بىر كۈمۈش تە‌ڭگە* بېرىشكە كېلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئە‌ۋە‌تىپتۇ.‏  سائە‌ت توققۇ‌ز* ئە‌تراپىدا ئۇ يە‌نە سىرتقا چىقىپ،‏ بازاردا بىكار تۇ‌رغان باشقا كىشىلە‌رنى كۆرۈپتۇ.‏  ئۇ‌لارغا:‏ ‹سىلە‌رمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلە‌ڭلار،‏ تېگىشلىك ھە‌ققىڭلارنى بېرىمە‌ن›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏  ئۇ‌لار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ.‏ سائە‌ت ئون ئىككىدە* ۋە چۈشتىن كېيىن سائە‌ت ئۈچلە‌ردە* ئۇ يە‌نە چىقىپ،‏ بىرنە‌چچە ئىشچىلارنى ياللاپتۇ.‏  سائە‌ت بە‌شلە‌ردە* ئۇ يە‌نە چىقىپ،‏ بىكار تۇ‌رغان يە‌نە باشقىلارنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لاردىن:‏ ‹نېمە ئۈچۈن بۇ يە‌ردە كۈن بويى بىكار تۇ‌رىسىلە‌ر؟‏›،‏—‏ دە‌پ سوراپتۇ.‏  ئۇ‌لار:‏ ‹بىزنى ھېچكىم ئىشقا ياللىمىدى›،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىپتۇ.‏ يە‌ر ئىگىسى ئۇ‌لارغا:‏ ‹ئۇ‌نداقتا،‏ سىلە‌رمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلە‌ڭلار›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏  كە‌چ كىرگە‌ندە،‏ ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى قول ئاستىدىكى باشقۇ‌رغۇ‌چىغا:‏ ‹ئىشچىلارنى چاقىرىپ،‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا كە‌لگە‌نلە‌ردىن باشلاپ،‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال كە‌لگە‌نلە‌رگىچە ھە‌ممىسىنىڭ ئىش ھە‌ققىنى بە‌رگىن›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏  چۈشتىن كېيىن سائە‌ت بە‌شتە* كېلىپ ئىشلىگە‌نلە‌ر بىر كۈمۈش تە‌ڭگىدىن* ئاپتۇ.‏ 10  ئە‌ڭ ئاۋۋال ئىشقا ياللانغانلارغا نۆۋە‌ت كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار كۆڭلىدە كۆپرە‌ك ئىش ھە‌ققى ئالىمىز دە‌پ ئويلاپتۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ربىرى بىر كۈمۈش تە‌ڭگە ئاپتۇ.‏ 11  ئۇ‌لار ئىش ھە‌ققىنى قولىغا ئالغاندا،‏ ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسىدىن رە‌نجىپ:‏ 12  ‏‹ئاخىرىدا كە‌لگە‌نلە‌ر پە‌قە‌ت بىر سائە‌ت ئىشلىدى.‏ بىز بولساق،‏ كۈن بويى قاتتىق ئىسسىقتا جاپا چېكىپ ئىشلىدۇ‌ق،‏ بىراق،‏ سىز بىزگە ئۇ‌لارغا ئوخشاش ئىش ھە‌ققى بە‌ردىڭىز›،‏—‏ دېيىشىپتۇ.‏ 13  ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى ئۇ‌لارنىڭ بىرىگە مۇ‌نداق جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌پتۇ:‏ ‹دوستۇ‌م،‏ ساڭا ناھە‌قلىق قىلمىدىم.‏ سە‌ن بىلە‌ن بىر كۈمۈش تە‌ڭگىگە* كېلىشمىگە‌نمىدۇ‌ق؟‏ 14  سە‌ن ئىش ھە‌ققىڭنى ئېلىپ كېتىۋە‌ر،‏ ساڭا قانچىلىك بە‌رگە‌ن بولسام،‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا كە‌لگە‌نلە‌رگىمۇ شۇ‌نچىلىك بېرىشنى خالايمە‌ن.‏ 15  ئۆز پۇ‌لۇ‌منى ئۆزۈم خالىغانچە ئىشلىتىش ھوقۇ‌قۇ‌م يوقمۇ؟‏ ياكى ياخشىلىق قىلغانلىقىمنى كۆرە‌لمە‌يۋاتامسە‌ن؟‏›.‏ 16  شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئاخىرقىلار ئالدىنقىلار بولۇ‌پ،‏ ئالدىنقىلار ئاخىرقىلار بولىدۇ».‏ 17  يېرۇ‌سالېمغا كېتىپ بارغىنىدا،‏ ئە‌يسا 12 شاگىرتىنى ئايرىم يېنىغا چاقىرىپ يولدا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېدى:‏ 18  ‏«مانا بىز ھازىر يېرۇ‌سالېمغا كېتىۋاتىمىز،‏ شۇ يە‌ردە ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ 19  ئۇ‌لار ئۇ‌نى يات خە‌لق كىشىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ بېرىدۇ.‏ يات خە‌لقلە‌ر ئۇ‌نى مە‌سخىرە قىلىپ،‏ قامچىلاپ،‏ تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدۇ».‏ 20  شۇ چاغدا،‏ زە‌بە‌دىينىڭ ئايالى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ،‏ ئە‌يسانىڭ ئالدىغا كە‌لدى ۋە ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈپ*‏،‏ بىر نە‌رسىنى سورىماقچى بولدى.‏ 21  ئە‌يسا ئايالدىن:‏ «نېمىنى خالايسىز؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ ئايال ئۇ‌نىڭغا:‏ «ماڭا ۋە‌دە بېرىڭ،‏ پادىشاھلىقىڭىزدا بۇ ئىككى ئوغلۇ‌منىڭ بىرى ئوڭ يېنىڭىزدا،‏ بىرى سول يېنىڭىزدا ئولتۇ‌رسۇ‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ 22  ئە‌مما،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «سىلە‌ر ئۆزۈڭلارنىڭ نېمە سوراۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمە‌يۋاتىسىلە‌ر.‏ مە‌ن ئىچىدىغان قە‌دە‌ھتىن ئىچە‌لە‌مسىلە‌ر؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ ئۇ‌لار:‏ «ئىچە‌لە‌يمىز»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىشتى.‏ 23  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «سىلە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن مە‌ن ئىچىدىغان قە‌دە‌ھتىن ئىچىسىلە‌ر،‏ بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا كىمنىڭ ئولتۇ‌رۇ‌شىنى تاللاش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئە‌مە‌س،‏ ئاتام بۇ ئورۇ‌نلارنى كىم ئۈچۈن تە‌ييارلاپ قويغان بولسا،‏ شۇ‌لار ئولتۇ‌رىدۇ»،‏—‏ دېدى.‏ 24  باشقا ئون شاگىرت بۇ‌نى ئاڭلىغاندا،‏ بۇ ئاكا-‏ئۇ‌كا ئىككىسىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى.‏ 25  ئە‌يسا ئۇ‌لارنى ئالدىغا چاقىرىپ،‏ مۇ‌نداق دېدى:‏ «سىلە‌ر دۇ‌نيادا ھۆكۈمرانلار ئۆز پۇ‌قرالىرى ئۈستىدىن ئۆزلىرى خالىغانچە ھۆكۈمرانلىق قىلدىغانلىقىنى ۋە ھوقۇ‌قدارلار كۈچىدىن پايدىلىنىپ ناھە‌ق ھوقۇ‌ق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلىسىلە‌ر.‏ 26  سىلە‌رنىڭ ئاراڭلاردا بۇ‌نداق ئىش ئە‌سلا بولمىسۇ‌ن.‏ ئاراڭلاردا كىم يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك بولۇ‌شنى خالىسا،‏ ئۇ باشقىلارغا خىزمە‌تكار بولسۇ‌ن.‏ 27  ئاراڭلاردا كىم بىرىنچى بولۇ‌شنى خالىسا،‏ سىلە‌رگە قۇ‌ل بولسۇ‌ن.‏ 28  چۈنكى،‏ ئىنسانئوغلى باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمە‌ت قىلدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆزى خىزمە‌ت قىلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى تۆلە‌م سۈپىتىدە بېرىشكە كە‌لدى».‏ 29  ئۇ‌لار ئېرىخا شە‌ھىرىدىن چىققاندا،‏ توپ-‏توپ كىشىلە‌ر ئە‌يساغا ئە‌گىشىپ ماڭدى.‏ 30  يول بويىدا ئولتۇ‌رغان ئىككى قارىغۇ كىشى ئە‌يسانىڭ ئۇ يە‌ردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ:‏ «ئى ھە‌زرىتىم،‏ پادىشاھ داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادى،‏ بىزگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت قىلغايسىز!‏»،‏—‏ دە‌پ ۋارقىراشتى.‏ 31  خالايىق ئۇ‌لارنى ئە‌يىبلە‌پ،‏ ۋارقىرىماسلىقنى ئېيتتى.‏ لېكىن ئۇ‌لار:‏ «ھە‌زرىتىم،‏ پادىشاھ داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادى،‏ بىزگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت قىلغايسىز!‏»،‏—‏ دە‌پ تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى.‏ 32  ئە‌يسا توختاپ،‏ ئۇ‌لارنى چاقىرىپ:‏ «سىلە‌رگە نېمە ئىش قىلىپ بېرە‌ي؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 33  ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا:‏ «ھە‌زرىتىم،‏ كۆزلىرىمىزنى ئاچقايسىز!‏»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 34  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا ئىچ ئاغرىتىپ،‏ قولىنى ئۇ‌لارنىڭ كۆزلىرىگە تە‌گكۈزگە‌نىدى،‏ كۆزلىرى شۇ ھامان ئېچىلىپ كە‌تتى ۋە ئۇ‌لار ئە‌يساغا ئە‌گىشىپ ماڭدى.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئاسمان پادىشاھلىقى».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «بىر دىنار».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئۈچىنچى سائە‌ت».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئالتىنچى سائە‌تتە».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «توققۇ‌زىنچى سائە‌تتە».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئون بىرىنچى سائە‌تتە».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئون بىرىنچى سائە‌تتە».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «بىر دىنار».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «بىر دىنار».‏
ياكى «تازىم قىلىپ».‏