مە‌تتا كىتابى 21‏:1‏—46

  • ئە‌يسانىڭ يېرۇ‌سالېمغا شان-‏شە‌رە‌پ بىلە‌ن كىرىشى ‏(‏1–‏11‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ ئىبادە‌تخانىنى تازىلىشى ‏(‏12–‏17‏)‏

  • ئە‌نجۈر دە‌رىخىنىڭ لە‌نە‌تكە ئۇ‌چرىشى ‏(‏18–‏22‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ ھوقۇ‌قىدىن گۇ‌مانلىنىش ‏(‏23–‏27‏)‏

  • ئىككى ئوغۇ‌ل توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌مسىل ‏(‏28–‏32‏)‏

  • رە‌زىل ئىجارىكە‌شلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌مسىل ‏(‏33–‏46‏)‏

    • بۇ‌رجە‌ك تاشنى رە‌ت قىلىش ‏(‏42‏)‏

21  ئۇ‌لار يېرۇ‌سالېمغا يېقىنلىشىپ،‏ زە‌يتۇ‌ن تېغىدىكى بە‌يتپاجىغا كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌يسا ئىككى شاگىرتىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏  ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېدى:‏ «سىلە‌ر ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇ‌رغان يېزىغا بېرىڭلار،‏ شۇ يە‌ردە باغلاقلىق بىر ئېشە‌ك بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ يېنىدىكى تە‌خە‌ينى كۆرىسىلە‌ر.‏ ئۇ‌لارنى يېشىپ،‏ ئالدىمغا يېتىلە‌پ كېلىڭلار.‏  ئە‌گە‌ر بىرى سىلە‌رگە بىر نېمە دېسە:‏ ‹ئۇ‌ستازىمىزنىڭ بۇ‌لارغا ئېھتىياجى چۈشتى› دە‌ڭلار.‏ شۇ‌ندا ئۇ دە‌رھال ئۇ‌لارنى تۇ‌تۇ‌پ قالماي،‏ قويۇ‌پ بېرىدۇ».‏  ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بۇ ۋە‌قە پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردى:‏  ‏«سىئون قىزىغا مۇ‌نداق دە‌ڭلار:‏ ‹مانا،‏ پادىشاھىڭلار مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ئېشە‌ككە،‏ يە‌نى يۈك توشۇ‌يدىغان جانىۋارنىڭ بالىسىغا مىنىپ يېنىڭلارغا كېلىۋاتىدۇ›».‏  شاگىرتلار بېرىپ،‏ ئە‌يسانىڭ بۇ‌يرۇ‌غىنىدە‌ك قىلدى.‏  ئۇ‌لار ئېشە‌ك بىلە‌ن تە‌خە‌ينى يېتىلە‌پ كېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە ئۆز كىيىملىرىنى سالدى ۋە ئە‌يسا تە‌خە‌يگە مىندى.‏  نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر كىيىملىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى،‏ بە‌زىلىرى دە‌رە‌خ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا يايدى.‏  ئۇ‌نىڭ ئالدىدا ماڭغان ۋە كە‌ينىدىن ئە‌گە‌شكە‌ن خالايىق:‏ «ئە‌ي خۇ‌دا،‏ داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادىنى قۇ‌تقۇ‌زغايسە‌ن!‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن كە‌لگە‌ن كىشىگە مۇ‌بارە‌ك بولسۇ‌ن!‏ ئاسماندىكى خۇ‌دا،‏ ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زغايسە‌ن!‏»،‏—‏ دە‌پ ۋارقىراشتى.‏ 10  ئە‌يسا يېرۇ‌سالېمغا كىرگە‌ندە،‏ پۈتۈن شە‌ھە‌ر خە‌لقى تە‌ۋرىنىپ كە‌تتى.‏ كىشىلە‌ر:‏ «بۇ كىمدۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىشاتتى.‏ 11  خالايىق:‏ «بۇ جە‌لىلىيە‌نىڭ ناسىرە شە‌ھىرىدىن بولغان ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىشە‌تتى.‏ 12  ئە‌يسا ئىبادە‌تخانىغا كىرىپ،‏ شۇ يە‌ردە ئېلىم-‏سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھە‌ممىسىنى قوغلاپ چىقاردى.‏ ئۇ پۇ‌ل تېگىشىدىغانلارنىڭ ئۈستە‌للىرىنى ۋە كە‌پتە‌ر ساتقۇ‌چىلارنىڭ ئورۇ‌ندۇ‌قلىرىنى ئۆرۈپ تاشلىۋە‌تتى.‏ 13  ئۇ‌لارغا:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ ‹مېنىڭ ئۆيۈم دۇ‌ئا-‏تىلاۋە‌تخانا دە‌پ ئاتىلىدۇ› دېگە‌ن سۆزلە‌ر يېزىلغان.‏ لېكىن،‏ سىلە‌ر ئۇ‌نى بۇ‌لاڭچىلارنىڭ ئۇ‌ۋىسىغا ئايلاندۇ‌رۇ‌ۋاتىسىلە‌ر»،‏—‏ دېدى.‏ 14  ئىبادە‌تخانىدا قارىغۇ ۋە توكۇ‌رلار ئە‌يسانىڭ ئالدىغا كە‌لدى ۋە ئۇ ئۇ‌لارنى ساقايتتى.‏ 15  ئالىي روھانىيلار ۋە تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ئۇ‌نىڭ قىلغان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە ئىبادە‌تخانىدا بالىلارنىڭ:‏ «ئە‌ي خۇ‌دا،‏ داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادىنى قۇ‌تقۇ‌زغايسە‌ن!‏»،‏—‏ دە‌پ ۋارقىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ غە‌زە‌پلە‌ندى.‏ 16  ئۇ‌لار ئە‌يساغا:‏ «بۇ بالىلارنىڭ نېمە دە‌ۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسە‌ن؟‏»،‏—‏ دېدى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «ئاڭلاۋاتىمە‌ن،‏ سىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ‹كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ ئېغىزىدىن ئۆزۈڭگە مە‌دھىيىلە‌ر ئوقۇ‌تتۇ‌ڭ› دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ئوقۇ‌مىغانمۇ؟‏»،‏—‏ دېدى.‏ 17  ئاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لاردىن ئايرىلىپ،‏ شە‌ھە‌ردىن چىقىپ بە‌يتانىياغا باردى ۋە كېچىنى شۇ يە‌ردە ئۆتكۈزدى.‏ 18  ئە‌تىسى ئە‌تىگە‌ندە ئە‌يسا شە‌ھە‌رگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا،‏ قورسىقى ئاچتى.‏ 19  ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئە‌نجۈر دە‌رىخىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ يېنىغا باردى.‏ دە‌رە‌ختە يوپۇ‌رماقتىن باشقا ھېچ نە‌رسىنى تاپالماي،‏ دە‌رە‌خكە قاراپ:‏ «بۇ‌نىڭدىن كېيىن مە‌ڭگۈ مېۋە بە‌رمىگە‌يسە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ ئە‌نجۈر دە‌رىخى شۇ‌ئان قۇ‌رۇ‌پ كە‌تتى.‏ 20  بۇ‌نى كۆرگە‌ن شاگىرتلار ھاڭ-‏تاڭ بولۇ‌پ:‏ «ئە‌نجۈر دە‌رىخى قانداقلارچە تېزلا قۇ‌رۇ‌پ كە‌تتى؟‏»،‏—‏ دە‌پ سوراشتى.‏ 21  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق جاۋاب قايتۇ‌ردى:‏ «سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىپ قويايكى،‏ ئە‌گە‌ر ئىشە‌نچىڭلار بولسا ۋە گۇ‌مان قىلمىساڭلار،‏ مە‌ن ئە‌نجۈر دە‌رىخىگە قىلغاننى سىلە‌رمۇ قىلىپلا قالماي،‏ ھە‌تتا بۇ تاغقا:‏ ‹قوزغال،‏ دېڭىزغا تاشلان!‏› دېسە‌ڭلار،‏ دېگىنىڭلاردە‌ك بولىدۇ.‏ 22  ئىشە‌نچ بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىڭلار،‏ تىلىگە‌نلىرىڭلارنىڭ ھە‌ممىسىگە ئېرىشىسىلە‌ر».‏ 23  ئە‌يسا ئىبادە‌تخانىغا كىرىپ،‏ كىشىلە‌رگە تە‌لىم بېرىۋاتاتتى.‏ ئالىي روھانىيلار ۋە خە‌لق ئاقساقاللىرى ئۇ‌نىڭ ئالدىغا كېلىپ:‏ «سە‌ن بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇ‌ققا تايىنىپ قىلىۋاتىسە‌ن؟‏ ساڭا بۇ ھوقۇ‌قنى كىم بە‌ردى؟‏»،‏—‏ دە‌پ سوراشتى.‏ 24  ئە‌يسا جاۋاب بېرىپ مۇ‌نداق دېدى:‏ «مە‌نمۇ سىلە‌ردىن بىر ئىشنى سوراپ باقاي،‏ ئە‌گە‌ر ماڭا ئېيتىپ بە‌رسە‌ڭلار،‏ مە‌نمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇ‌ققا تايىنىپ قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمە‌ن.‏ 25  يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌رگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇ‌قىنى كىم بە‌رگە‌ن؟‏ ئاسماندىكى خۇ‌دامۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟‏» ئۇ‌لار ئۆزئارا مە‌سلىھە‌تلىشىپ:‏ «ئە‌گە‌ر خۇ‌دا بە‌رگە‌ن دېسە‌ك،‏ ئۇ بىزگە:‏ ‹ئۇ‌نداقتا،‏ سىلە‌ر نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نمىدىڭلار؟‏›،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ 26  بىراق،‏ ‹ئىنسانلار بە‌رگە‌ن› دېسە‌ك،‏ بىز خە‌لقتىن قورقىمىز،‏ چۈنكى ئۇ‌لار يە‌ھيانى پە‌يغە‌مبە‌ر دە‌پ قارايدۇ»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 27  بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئە‌يساغا:‏ «بىلمە‌يمىز»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىشتى.‏ ئە‌يسامۇ ئۇ‌لارغا:‏ «ئۇ‌نداقتا،‏ مە‌نمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇ‌ققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ 28  ‏«سىلە‌ر بۇ‌نىڭغا قانداق قارايسىلە‌ر؟‏ بىر ئادە‌منىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكە‌ن.‏ ئۇ بىرىنچىسىگە:‏ ‹ئوغلۇ‌م،‏ بۈگۈن سە‌ن ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ ئىشلىگىن›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 29  بۇ ئوغۇ‌ل:‏ ‹بارمايمە‌ن›،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىپتۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ كېيىنرە‌ك پۇ‌شايمان قىپتۇ ۋە بېرىپتۇ.‏ 30  ئۇ ئادە‌م ئىككىنچى ئوغلىغىمۇ شۇ‌نداق دە‌پتۇ،‏ بۇ ئوغلى:‏ ‹ماقۇ‌ل دادا،‏ مە‌ن باراي›،‏—‏ دە‌پتۇ‌يۇ،‏ لېكىن بارماپتۇ.‏ 31  بۇ ئىككىسىدىن قايسىسى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلدى؟‏».‏ ئۇ‌لار:‏ «بىرىنچى ئوغلى»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىپ قويايكى،‏ باجگىرلار ۋە پاھىشىلە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا سىلە‌ردىن ئاۋۋال كىرىدۇ.‏ 32  چۈنكى،‏ يە‌ھيا كېلىپ،‏ سىلە‌رگە ھە‌ققانىيە‌ت يولىنى كۆرسە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ سىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نمىدىڭلار.‏ لېكىن،‏ باجگىرلار بىلە‌ن پاھىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌ندى.‏ ھە‌تتا سىلە‌ر بۇ‌نى كۆرۈپ تۇ‌رۇ‌پمۇ توۋا قىلمىدىڭلار ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نمىدىڭلار»،‏—‏ دېدى.‏ 33  ‏«يە‌نە بىر تە‌مسىلنى ئاڭلاڭلار:‏ بىر يە‌ر ئىگىسى بار ئىكە‌ن.‏ ئۇ ئۈزۈمزارلىق بە‌رپا قىلىپ،‏ ئە‌تراپىنى قورشاپتۇ.‏ ئۈزۈمزارلىققا شاراب كۆلچىكى قازدۇ‌رۇ‌پتۇ ۋە بىر مۇ‌نار ياسىتىپتۇ.‏ كېيىن،‏ ئاشۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋە‌نلە‌رگە ئىجارىگە بېرىپ،‏ ئۆزى يىراق بىر يۇ‌رتقا كېتىپتۇ.‏ 34  ھوسۇ‌ل يىغىش پە‌يتى كە‌لگە‌ندە،‏ مېۋىلە‌رنى ئۈزۈپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز قۇ‌للىرىنى ئىجارىكە‌شلە‌رنىڭ ئالدىغا ئە‌ۋە‌تىپتۇ.‏ 35  لېكىن،‏ ئىجارىكە‌شلە‌ر ئۇ‌نىڭ قۇ‌للىرىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ،‏ بىرىنى ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقۇ‌پتۇ،‏ بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ،‏ يە‌نە بىرىنى چالما-‏كېسە‌ك قىلىپتۇ.‏ 36  ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى بۇ قېتىم ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپرە‌ك قۇ‌للىرىنى ئە‌ۋە‌تىپتۇ،‏ بىراق ئىجارىكە‌شلە‌ر ئۇ‌لارغىمۇ شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىپتۇ.‏ 37  ئاخىرىدا،‏ ئۇ:‏ ‹ئۇ‌لار ئوغلۇ‌منى ھۆرمە‌ت قىلار› دە‌پ،‏ ئۆز ئوغلىنى ئىجارىكە‌شلە‌رنىڭ ئالدىغا ئە‌ۋە‌تىپتۇ.‏ 38  لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئوغلىنى كۆرگە‌ن ئىجارىكە‌شلە‌ر ئۆزئارا مە‌سلىھە‌تلىشىپ:‏ ‹بۇ مىراسخور؛‏ كېلىڭلار،‏ ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈۋېتىپ،‏ مىراسىنى ئېلىۋالايلى›،‏—‏ دېيىشىپتۇ.‏ 39  ئۇ‌لار ئۇ‌نى تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرە‌پ چىقىپ،‏ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.‏ 40  بۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ ئىجارىكە‌شلە‌رنى نېمە قىلىدۇ؟‏» 41  ئۇ‌لار ئە‌يساغا:‏ «بۇ ئىجارىكە‌شلە‌ر رە‌زىل بولغاچقا،‏ ئۇ‌لار پۈتۈنلە‌ي يوقىتىلىدۇ ۋە ئۈزۈمزارلىقنى ئۆز ۋاقتىدا مېۋىلىرىنى تاپشۇ‌رىدىغان باشقا كىشىلە‌رگە ئىجارىگە بېرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىشتى.‏ 42  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېدى:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى ئوقۇ‌مىغانمۇ؟‏ ‹قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچىلار تاشلاۋە‌تكە‌ن تاش قۇ‌رۇ‌لۇ‌شنىڭ بۇ‌رجە‌ك تېشى بولۇ‌پ قالدى.‏ بۇ بىزنىڭ كۆزىمىزدە ھە‌قىقە‌تە‌ن ئاجايىپ بىر مۆجىزىدۇ‌ر.‏ بۇ‌نى قىلغان يە‌ھۋادۇ‌ر›.‏ 43  شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ سىلە‌رگە ئېيتىپ قويايكى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى سىلە‌ردىن تارتىۋېلىنىپ،‏ مېۋە بېرىدىغان باشقا خە‌لققە بېرىلىدۇ.‏ 44  بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ تاشنىڭ ئۈستىگە يىقىلغان كىشى پارچە-‏پارچە بولۇ‌پ كېتىدۇ.‏ تاش كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە،‏ ئۇ‌نى ئېزىپ تاشلايدۇ».‏ 45  ئالىي روھانىيلار ۋە پە‌رىسىيلە‌ر تە‌مسىللە‌رنى ئاڭلاپ،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقانلىقىنى چۈشە‌ندى.‏ 46  گە‌رچە ئۇ‌لار ئە‌يسانى تۇ‌تۇ‌شنى ئويلىغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار خە‌لقتىن قورقاتتى،‏ چۈنكى خە‌لق ئە‌يسانى پە‌يغە‌مبە‌ر دە‌پ قارايتتى.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى