مە‌تتا كىتابى 22‏:1‏—46

  • توي زىياپىتى ھە‌ققىدە تە‌مسىل ‏(‏1–‏14‏)‏

  • خۇ‌دا ۋە قە‌يسە‌ر ‏(‏15–‏22‏)‏

  • تىرىلىش ھە‌ققىدە سوئال ‏(‏23–‏33‏)‏

  • ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىككى ئە‌مر ‏(‏34–‏40‏)‏

  • مە‌سىھ داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادىمۇ؟‏ ‏(‏41–‏46‏)‏

22  ئە‌يسا يە‌نە تە‌مسىللە‌رنى كە‌لتۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارغا سۆز قىلدى:‏  ‏«خۇ‌دا پادىشاھلىقى* خۇ‌ددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تە‌ييارلىغان پادىشاھقا ئوخشايدۇ.‏  پادىشاھ توي زىياپىتىگە مېھمانلارنى تە‌كلىپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز چاكارلىرىنى ئە‌ۋە‌تىپتۇ،‏ لېكىن تە‌كلىپ قىلىنغانلار كېلىشنى خالىماپتۇ.‏  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پادىشاھ يە‌نە باشقا چاكارلىرىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ مېھمانلارغا مۇ‌نداق دېيىشنى بۇ‌يرۇ‌پتۇ:‏ ‹مانا،‏ زىياپە‌ت تە‌ييار بولدى،‏ ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇ‌لدى،‏ ھە‌ممە نە‌رسە تە‌ييار،‏ توي زىياپىتىگە كېلىڭلار›.‏  بىراق،‏ مېھمانلار چاكارلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېتىبار بە‌رمە‌ي،‏ بىرى ئېتىزىغا،‏ يە‌نە بىرى ئۆز تىجارىتىنى قىلىشقا كېتىپتۇ.‏  قالغانلىرى بولسا پادىشاھنىڭ چاكارلىرىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ،‏ ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقۇ‌پ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.‏  قاتتىق غە‌زە‌پكە تولغان پادىشاھ لە‌شكە‌رلىرىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئاشۇ قاتىللارنى ئۆلتۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ شە‌ھە‌رلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ.‏  ئاندىن پادىشاھ چاكارلىرىغا مۇ‌نداق دە‌پتۇ:‏ ‹توي زىياپىتى تە‌ييار،‏ لېكىن تە‌كلىپ قىلىنغانلار ئۇ‌نىڭغا لايىق بولمىدى.‏  شۇ‌ڭا،‏ سىلە‌ر شە‌ھە‌ردىن چىقىپ،‏ چوڭ يوللارغا بېرىپ،‏ ئۇ‌چراتقان كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى توي زىياپىتىگە تە‌كلىپ قىلىڭلار›.‏ 10  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ چاكارلار چىقىپ،‏ چوڭ يوللاردا ئۇ‌چراتقان ياخشى-‏يامان ھە‌ممە كىشىلە‌رنى چاقىرىپتۇ.‏ توي مە‌رىكىسى ئۆتكۈزۈلگە‌ن ساراي مېھمانلار بىلە‌ن تولۇ‌پتۇ.‏ 11  پادىشاھ مېھمانلار بىلە‌ن كۆرۈشكىلى كىرگە‌ندە،‏ توي كىيىمىنى كىيمىگە‌ن بىر كىشىنى كۆرۈپ قاپتۇ.‏ 12  پادىشاھ ئۇ‌نىڭدىن:‏ ‹ئە‌ي دوستۇ‌م،‏ توي كىيىمىنى كىيمە‌ي بۇ يە‌رگە قانداق كىردىڭ؟‏› دە‌پ سوراپتۇ.‏ ئۇ كىشى ئۈندىمە‌ي تۇ‌رۇ‌پتۇ.‏ 13  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پادىشاھ ئۆز چاكارلىرىغا:‏ ‹ئۇ‌نىڭ پۇ‌ت-‏قوللىرىنى باغلاپ،‏ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ قاراڭغۇ‌لۇ‌ققا تاشلاڭلار.‏ ئۇ يە‌ردە ئۇ يىغلاپ،‏ چىشلىرىنى غۇ‌چۇ‌رلىتىدۇ›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 14  چۈنكى تە‌كلىپ قىلىنغانلار كۆپ،‏ لېكىن تاللانغانلار ئاز».‏ 15  شۇ چاغدا،‏ پە‌رىسىيلە‌ر ئۇ يە‌ردىن كېتىپ،‏ ئە‌يسانى ئۆز سۆزلىرى بىلە‌ن تۇ‌زاققا چۈشۈرۈش ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌تلە‌شتى.‏ 16  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئۆز شاگىرتلىرىنى ھىرود تە‌رە‌پدارلىرى بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ يېنىغا ئە‌ۋە‌تىپ:‏ «ئە‌ي ئۇ‌ستاز،‏ سىزنىڭ ھە‌قنى سۆزلە‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز.‏ سىز ھېچكىمگە يۈز خاتىرە قىلمايسىز.‏ چۈنكى،‏ سىز ئىنساننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلە‌ن ھېسابلىشىپ ئولتۇ‌رمايسىز.‏ 17  ئە‌مدى بىزگە ئېيتىڭا،‏ سىزنىڭچە قە‌يسە‌رگە باج تۆلە‌ش قانۇ‌نغا ئۇ‌يغۇ‌نمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 18  لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا:‏ «ئە‌ي ساختىپە‌زلە‌ر،‏ نېمىشقا مېنى سىنىماقچى بولۇ‌ۋاتىسىلە‌ر؟‏ 19  ماڭا باجغا تۆلە‌يدىغان كۈمۈش تە‌ڭگىنى كۆرسىتىڭلار»،‏—‏ دېدى.‏ ئۇ‌لار بىر دىنارنى* ئېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بە‌ردى.‏ 20  ئە‌يسا ئۇ‌لاردىن:‏ «بۇ سۈرە‌ت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 21  ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا:‏ «قە‌يسە‌رنىڭكى»،‏—‏ دېدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «ئۇ‌نداق بولسا،‏ قە‌يسە‌رنىڭ ھە‌ققىنى قە‌يسە‌رگە،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ققىنى خۇ‌داغا بېرىڭلار»،‏—‏ دېدى.‏ 22  ئۇ‌لار بۇ‌نى ئاڭلاپ ھە‌يران قېلىشتى ۋە ئە‌يسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى.‏ 23  شۇ كۈنى تىرىلىشكە ئىشە‌نمە‌يدىغان سادۇ‌قىيلار ئە‌يسانىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇ‌نداق سورىدى:‏ 24  ‏«ئە‌ي ئۇ‌ستاز،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ ‹ئە‌گە‌ر بىر كىشى پە‌رزە‌نت كۆرمە‌ي ئۆلۈپ كە‌تسە،‏ ئىنىسى ئۇ‌نىڭ ئايالىنى ئېلىپ،‏ ئۆز ئاكىسى ئۈچۈن ئە‌ۋلاد قالدۇ‌رسۇ‌ن› دېگە‌نىدى.‏ 25  ئىلگىرى ئارىمىزدا يە‌تتە ئاكا-‏ئۇ‌كا بار ئىدى.‏ بىرىنچىسى ئۆيلىنىپ،‏ پە‌رزە‌نت كۆرمە‌ي ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئىنىسى يە‌ڭگىسىنى ئە‌مرىگە ئالغان.‏ 26  ئىككىنچى،‏ ئۈچىنچى تاكى يە‌تتىنچى ئىنسىغىچە ئوخشاش ئىش داۋام قىلغان.‏ 27  ئە‌ڭ ئاخىرىدا شۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ 28  ئۆلگە‌نلە‌ر تىرىلگە‌ندە،‏ بۇ ئايال يە‌تتە ئاكا-‏ئۇ‌كىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولۇ‌پ ھېسابلىنىدۇ؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى بۇ ئايالغا ئۆيلە‌نگە‌ن ئىدى».‏ 29  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق جاۋاب بە‌ردى:‏ «سىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ۋە خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى بىلمىگە‌نلىكىڭلار ئۈچۈن خاتالىشىسىلە‌ر.‏ 30  چۈنكى،‏ ئادە‌ملە‌ر تىرىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار ئۆيلە‌نمە‌يدۇ ياكى تۇ‌رمۇ‌شقا چىقمايدۇ،‏ بىراق ئۇ‌لار ئاسماندىكى پە‌رىشتىلە‌ردە‌ك بولىدۇ.‏ 31  ئۆلۈكلە‌رنىڭ تىرىلىشى ھە‌ققىدە خۇ‌دانىڭ نېمە دېگە‌نلىكىنى ئوقۇ‌مىغانمۇ؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ 32  ‏‹مە‌ن ئىبراھىمنىڭ خۇ‌داسى،‏ ئىسھاقنىڭ خۇ‌داسى ۋە ياقۇ‌پنىڭ خۇ‌داسى›.‏ ئۇ ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى تىرىكلە‌رنىڭ خۇ‌داسىدۇ‌ر».‏ 33  بۇ‌نى ئاڭلىغان خالايىق ئۇ‌نىڭ بە‌رگە‌ن تە‌لىمىگە ھە‌يران بولۇ‌پ قېلىشتى.‏ 34  ئە‌يسانىڭ سادۇ‌قىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇ‌ۋاقلاپ قويغانلىقىنى ئاڭلىغان پە‌رىسىيلە‌ر بىر يە‌رگە جە‌م بولۇ‌شتى.‏ 35  ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىن بىر تە‌ۋرات ئۇ‌ستازى ئە‌يسانى سىناپ مۇ‌نداق سورىدى:‏ 36  ‏«ئۇ‌ستاز،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نىدىكى قايسى ئە‌مر ئە‌ڭ مۇ‌ھىم؟‏» 37  ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا مۇ‌نداق جاۋاب بە‌ردى:‏ «‹خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋانى پۈتۈن قە‌لبىڭ،‏ پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلە‌ن سۆيگىن›.‏ 38  مانا بۇ بىرىنچى ۋە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئە‌مر.‏ 39  شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئىككىنچى ئە‌مر:‏ ‹باشقىلارنى* ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆي›.‏ 40  بارچە تە‌ۋرات قانۇ‌نى ۋە پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ يازمىلىرى بۇ ئىككى ئە‌مرگە ئاساسلانغان».‏ 41  پە‌رىسىيلە‌ر توپلىشىپ تۇ‌رغاندا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لاردىن:‏ 42  ‏«مە‌سىھ توغرىسىدا نېمە ئويلايسىلە‌ر؟‏ ئۇ كىمنىڭ ئە‌ۋلادى؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ ئۇ‌لار:‏ «داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادى»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 43  ئە‌يسا ئۇ‌لاردىن مۇ‌نداق سورىدى:‏ «ئۇ‌نداقتا،‏ داۋۇ‌ت قانداقمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ئىلھامى بىلە‌ن ئۇ‌نى ‹ھە‌زرىتىم› دە‌پ ئاتايدۇ؟‏ ئۇ شۇ‌نداق دېگە‌نغۇ:‏ 44  ‏‹يە‌ھۋا ھە‌زرىتىمگە:‏ ‹دۈشمە‌نلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا قويمىغۇ‌چە،‏ مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇ‌رغىن›،‏—‏ دېدى.‏ 45  ئە‌گە‌ر داۋۇ‌ت ئۇ‌نى ھە‌زرىتىم دە‌پ ئاتىسا،‏ قانداقمۇ مە‌سىھ ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادى بولىدۇ؟‏» 46  ھېچكىم ئە‌يساغا جاۋاب بېرە‌لمىدى.‏ شۇ كۈندىن باشلاپ،‏ ھېچكىم ئۇ‌نىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئە‌ت قىلالمىدى.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئاسمان پادىشاھلىقى».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «قوشناڭنى».‏