مە‌تتا كىتابى 23‏:1‏—39

  • پە‌رىسىيلە‌ر ۋە تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرىدىن ئۈلگە ئالماڭلار ‏(‏1–‏12‏)‏

  • پە‌رىسىيلە‌ر بىلە‌ن تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي ‏(‏13–‏36‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ يېرۇ‌سالېم توغرۇ‌لۇ‌ق قايغۇ‌رۇ‌شى ‏(‏37–‏39‏)‏

23  شۇ چاغدا،‏ ئە‌يسا خالايىققا ۋە ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق دېدى:‏  ‏«تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئورنىغا ئولتۇ‌رۇ‌ۋالدى.‏  شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ سىلە‌رگە ئېيتقانلىرىنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىڭلار،‏ لېكىن قىلغانلىرىنى قىلماڭلار.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئېيتىپلا قويىدۇ،‏ ئە‌مما ئۆزلىرى قىلمايدۇ.‏  ئۇ‌لار ئېغىر يۈكلە‌رنى باغلاپ،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌لكىسىگە ئارتىپ قويىدۇ.‏ لېكىن ئۇ‌لار بۇ يۈكلە‌رگە قولىنىڭ ئۇ‌چىنى تە‌گكۈزۈپ قويۇ‌شنىمۇ خالىمايدۇ.‏  ئۇ‌لار ھە‌ممە ئىشلارنى باشقىلارغا كۆز-‏كۆز قىلىش ئۈچۈن قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار تۇ‌ماردە‌ك ئېسىۋالغان ئايە‌ت قۇ‌تىلىرىنى چوڭراق ۋە كىيىملىرىنىڭ ئېتە‌كلىرىدىكى پۆپۈكلە‌رنى ئۇ‌زۇ‌نراق قىلىشىپ يۈرىدۇ.‏  ئۇ‌لار زىياپە‌تلە‌ردە تۆردە ۋە سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇ‌نلاردا ئولتۇ‌رۇ‌شقا ئامراق،‏  كىشىلە‌رنىڭ بازار مە‌يدانلىرىدا سالام بېرىشىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرىنى «ئۇ‌ستاز»‏* دە‌پ ئاتىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.‏  بىراق،‏ سىلە‌ر «ئۇ‌ستاز» دە‌پ ئاتىلىشقا كۆنمە‌ڭلار،‏ چۈنكى سىلە‌رنىڭ پە‌قە‌ت بىرلا ئۇ‌ستازىڭلار بار،‏ سىلە‌ر ھە‌ممىڭلار بىر-‏بىرىڭلارغا قېرىنداش.‏  يە‌ر يۈزىدە ھېچكىمنى «ئاتا» دە‌پ ئاتىماڭلار،‏ چۈنكى سىلە‌رنىڭ بىرلا ئاتاڭلار بار ۋە ئۇ ئاسماندىدۇ‌ر.‏ 10  سىلە‌ر رە‌ھبە‌ر دە‌پ ئاتىلىشقا ھە‌م كۆنمە‌ڭلار،‏ چۈنكى سىلە‌رنىڭ پە‌قە‌ت بىرلا رە‌ھبىرىڭلار بار،‏ ئۇ مە‌سىھ.‏ 11  ئاراڭلاردا كىم مە‌رتىۋىلىك بولسا،‏ ئۇ سىلە‌رنىڭ خىزمە‌تكارىڭلار بولسۇ‌ن.‏ 12  كىمكى باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇ‌تسا،‏ ئۇ تۆۋە‌ن قىلىنىدۇ،‏ كىمكى ئۆزىنى تۆۋە‌ن تۇ‌تسا،‏ ئۈستۈن قىلىنىدۇ.‏ 13  سىلە‌رنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي،‏ ئە‌ي ساختىپە‌ز تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر!‏ چۈنكى سىلە‌ر ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ* ئىشىكىنى تاقىدىڭلار،‏ يە ئۆزۈڭلار كىرمە‌يسىلە‌ر،‏ يە كىرمە‌كچى بولغانلارنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلە‌ر.‏ 14  ‏—‏ —‏ 15  سىلە‌رنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي،‏ ئە‌ي ساختىپە‌ز تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر!‏ چۈنكى سىلە‌ر بىر كىشىنى دىنىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ،‏ قۇ‌رۇ‌قلۇ‌قلارنى كېزىپ چىقىسىلە‌ر.‏ ئۇ دىنىڭلارغا كىرسە،‏ سىلە‌ر ئۇ‌نى ئۆزۈڭلاردىن ئىككى ھە‌سسە ئارتۇ‌قراق گە‌ھە‌نناغا* تاشلىنىشقا لايىق بىرى قىلىپ يېتىشتۈرىسىلە‌ر.‏ 16  سىلە‌رنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي،‏ ئە‌ي قارىغۇ يولباشچىلار!‏ سىلە‌ر:‏ «كىمكى ئىبادە‌تخانىنى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلسا،‏ ئۇ قە‌سە‌م ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌س،‏ لېكىن كىمكى ئىبادە‌تخانىدىكى ئالتۇ‌ننى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلسا،‏ قە‌سىمىدە چىڭ تۇ‌رۇ‌شى شە‌رت»،‏—‏ دە‌يسىلە‌ر.‏ 17  سىلە‌ر ئە‌ي ئە‌خمە‌ق ۋە قارىغۇ‌لار،‏ قايسىسى مۇ‌ھىمراق؟‏ ئالتۇ‌نمۇ ياكى ئالتۇ‌ننى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلغان ئىبادە‌تخانىمۇ؟‏ 18  سىلە‌ر يە‌نە:‏ «كىمكى قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلسا،‏ بۇ ھېچنېمە ئە‌مە‌س،‏ لېكىن كىمكى قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىدىكى ھە‌دىيىنى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلسا،‏ قە‌سىمىدە چىڭ تۇ‌رۇ‌شى شە‌رت»،‏—‏ دە‌يسىلە‌ر.‏ 19  ئە‌ي قارىغۇ‌لار،‏ قايسىسى مۇ‌ھىمراق؟‏ ھە‌دىيە‌مۇ ياكى ھە‌دىيە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلغان قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىمۇ؟‏ 20  دېمە‌ك،‏ كىمكى قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلسا،‏ ئۇ قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسى ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈستىدىكى ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلغان بولىدۇ.‏ 21  كىمكى ئىبادە‌تخانىنى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلسا،‏ ئىبادە‌تخانا ۋە ئۇ‌نىڭدا ماكانلاشقان خۇ‌دانى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلغان بولىدۇ.‏ 22  كىمكى ئاسماننى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلسا،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ تە‌ختىنى ۋە شۇ تە‌ختتە ئولتۇ‌رغۇ‌چىنى تىلغا ئېلىپ قە‌سە‌م قىلغان بولىدۇ.‏ 23  سىلە‌رنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي،‏ ئە‌ي ساختىپە‌ز تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر!‏ سىلە‌ر يالپۇ‌ز،‏ قىلياش ۋە زېرىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى بېرىسىلە‌ر.‏ ئە‌مما،‏ تە‌ۋراتتىكى تېخىمۇ مۇ‌ھىم ئىشقا،‏ يە‌نى ئادالە‌ت ۋە ساداقە‌تمە‌نلىككە سە‌ل قارايسىلە‌ر.‏ ئاۋۋال تىلغا ئالغان ئىشلارنى ئە‌لۋە‌تتە قىلىشىڭلار كېرە‌ك،‏ بىراق كېيىنكى ئىشلارغىمۇ قە‌تئىي سە‌ل قارىماسلىقىڭلار لازىم.‏ 24  ئە‌ي قارىغۇ يولباشچىلار!‏ سىلە‌ر پاشىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلە‌ر،‏ بىراق تۆگىنى پۈتۈن يۇ‌تۇ‌ۋېتىسىلە‌ر.‏ 25  سىلە‌رنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي،‏ ئە‌ي ساختىپە‌ز تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر!‏ چۈنكى سىلە‌ر چىنە-‏قاچىلارنىڭ سىرتىنى يۇ‌يۇ‌سىلە‌ر،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ ئىچى ئاچكۆزلۈك* ۋە شە‌خسىيە‌تچىلىك بىلە‌ن تولغان.‏ 26  ئە‌ي قارىغۇ پە‌رىسىيلە‌ر،‏ چىنە-‏قاچىلارنىڭ ئىچىنى پاكىز يۇ‌يۇ‌ڭلار،‏ شۇ چاغدا سىرتىمۇ پاكىز بولىدۇ.‏ 27  سىلە‌رنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي،‏ ئە‌ي ساختىپە‌ز تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر!‏ سىلە‌ر سىرتىدىن چىرايلىق كۆرۈنىدىغان،‏ ئىچى بولسا ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئۇ‌ستىخانلىرى ۋە ھە‌رخىل ناپاكلىققا تولغان ئاقارتىپ قويۇ‌لغان قە‌برىلە‌رگە ئوخشايسىلە‌ر.‏ 28  سىلە‌رمۇ دە‌ل شۇ‌نىڭدە‌ك ئىنسانلارغا سىرتىڭلاردىن ئادىل ئادە‌مدە‌ك كۆرۈنىسىلە‌ر،‏ لېكىن ئىچىڭلار ساختىپە‌زلىك ۋە قانۇ‌نسىزلىققا تولغاندۇ‌ر.‏ 29  سىلە‌رنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي،‏ ئە‌ي ساختىپە‌ز تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر!‏ سىلە‌ر پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ قە‌برىلىرىنى ياساپ،‏ ئادىل كىشىلە‌رنىڭ گۆرلىرىنى بېزە‌پ:‏ 30  ‏«ئە‌گە‌ر بىز ئاتا-‏بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساق،‏ ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌لارنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ قېنىنى تۆكۈشىگە شېرىك بولمايتتۇ‌ق»،‏—‏ دە‌يسىلە‌ر.‏ 31  دېمە‌ك،‏ سىلە‌ر پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئۆلتۈرگە‌نلە‌رنىڭ ئوغۇ‌للىرى ئىكە‌نلىكىڭلارغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىۋاتىسىلە‌ر.‏ 32  شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ئاتا-‏بوۋىلىرىڭلار باشلىغان ئىشنى سىلە‌ر تاماملاڭلار.‏ 33  سىلە‌ر ئە‌ي يىلانلار،‏ زە‌ھە‌رلىك يىلاننىڭ ئە‌ۋلادلىرى،‏ گە‌ھە‌نناغا تاشلىنىش ھۆكۈمىدىن قانداقمۇ قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايسىلە‌ر؟‏ 34  مانا شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ سىلە‌رگە پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر،‏ دانىشمە‌نلە‌ر ۋە تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرىنى ئە‌ۋە‌تىۋاتىمە‌ن.‏ سىلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرىنى ئۆلتۈرىسىلە‌ر،‏ تۈۋرۈككە مىخلايسىلە‌ر؛‏ يە‌نە بە‌زىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا قامچىلايسىلە‌ر ۋە شە‌ھە‌ردىن-‏شە‌ھە‌رگە قوغلاپ زىيانكە‌شلىك قىلىسىلە‌ر.‏ 35  شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئادىل كىشى بولغان ھابىلدىن مۇ‌قە‌ددە‌س جاي بىلە‌ن قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسى ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلگە‌ن باراكىيانىڭ ئوغلى زە‌كارىياغا قە‌دە‌ر يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق ئۆلتۈرۈلگە‌ن ئادىل ئادە‌ملە‌رنىڭ قان قە‌رزى سىلە‌رنىڭ بوينىڭلاردا بولىدۇ.‏ 36  مە‌ن سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىپ قويايكى،‏ مۇ‌شۇ بارلىق ئىشلار ئۈچۈن بۇ بىر ئە‌ۋلاد كىشىلە‌ر ھېساب بېرىدۇ.‏ 37  ئە‌ي يېرۇ‌سالېم،‏ يېرۇ‌سالېم،‏ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئۆلتۈرگۈچى،‏ ساڭا ئە‌ۋە‌تىلگە‌نلە‌رنى چالما-‏كېسە‌ك قىلغۇ‌چى شە‌ھە‌ر،‏ توخۇ ئۆز چۈجىلىرىنى قاناتلىرى ئاستىغا يىغقاندە‌ك،‏ مە‌نمۇ نە‌چچە قېتىم بالىلىرىڭنى يىغىشنى خالىدىم،‏ ئە‌مما سىلە‌ر خالىمىدىڭلار.‏ 38  مانا ئە‌مدى بۇ ئىبادە‌تخانا ۋە‌يران قىلىنىپ،‏ سىلە‌رگە خارابىسى قالىدۇ.‏ 39  سىلە‌رگە ئېيتىپ قويايكى،‏ بۇ‌نىڭدىن كېيىن سىلە‌ر:‏ «يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن كېلىدىغان كىشىگە مۇ‌بارە‌ك بولسۇ‌ن!‏» دە‌پ ئېيتمىغۇ‌چە مېنى كۆرە‌لمە‌يسىلە‌ر.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «رە‌ببى»؛‏ يە‌ھۇ‌دىي ئۇ‌ستازلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللانغان نام-‏ئۇ‌نۋان.‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئاسمان پادىشاھلىقىنىڭ».‏
ياكى «بۇ‌لاڭچىلىق».‏