مە‌تتا كىتابى 24‏:1‏—51

  • مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌شىنىڭ ئالامىتى ‏(‏1–‏51‏)‏

    • ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ ئاچارچىلىقلار ۋە يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر ‏(‏7‏)‏

    • خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ پۈتۈن دۇ‌نيادا ۋە‌ز قىلىنىشى ‏(‏14‏)‏

    • دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت ‏(‏21،‏ 22‏)‏

    • ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ‏(‏30‏)‏

    • ئە‌نجۈر دە‌رىخى ‏(‏32–‏34‏)‏

    • نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانى ‏(‏37–‏39‏)‏

    • داۋاملىق ھوشيار تۇ‌رۇ‌ش ‏(‏42–‏44‏)‏

    • سادىق قۇ‌ل ۋە رە‌زىل قۇ‌ل ‏(‏45–‏51‏)‏

24  ئە‌يسا ئىبادە‌تخانىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا،‏ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌تخانا بىنالىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ يېنىغا كە‌لدى.‏  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «مانا بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى كۆرۈۋاتامسىلە‌ر؟‏ سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىپ قويايكى،‏ بۇ يە‌ردە تاش ئۈستىدە قويۇ‌لغان تاش قالمايدۇ،‏ ھە‌ممىسى ۋە‌يران قىلىنىدۇ»،‏—‏ دېدى.‏  ئە‌يسا زە‌يتۇ‌ن تېغىدا ئولتۇ‌رغاندا،‏ شاگىرتلىرى ئاستىغىنا يېنىغا كېلىپ:‏ «بىزگە ئېيتىپ بېرىڭا،‏ بۇ ئىشلار قاچان يۈز بېرىدۇ ۋە سىزنىڭ ھازىر بولۇ‌شىڭىزنى* ۋە زامان* ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانداق ئالامە‌تلە‌ر بولىدۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق جاۋاب بە‌ردى:‏ «ھوشيار بولۇ‌ڭلار،‏ ھېچكىم سىلە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌پ كە‌تمىسۇ‌ن،‏  چۈنكى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مېنىڭ ئىسىمىم بىلە‌ن كېلىپ،‏ ‹مە‌ن مە‌سىھ› دە‌پ كۆپ كىشىلە‌رنى ئازدۇ‌رىدۇ.‏  سىلە‌ر يىراق-‏يېقىن جايلاردا يۈز بە‌رگە‌ن ئۇ‌رۇ‌شلارنىڭ خە‌ۋە‌رلىرىنى ئاڭلايسىلە‌ر.‏ بۇ‌نىڭدىن ئالاقزادە بولۇ‌پ كە‌تمە‌ڭلار.‏ چۈنكى،‏ بۇ‌لار چوقۇ‌م يۈز بېرىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌مما بۇ تېخى ئاخىرى ئە‌مە‌س.‏  بىر مىللە‌ت يە‌نە بىر مىللە‌تكە،‏ بىر دۆلە‌ت يە‌نە بىر دۆلە‌تكە قارشى ئۇ‌رۇ‌ش قىلىدۇ،‏ جاي-‏جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر يۈز بېرىدۇ.‏  لېكىن،‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى تولغاق ئازابىنىڭ باشلىنىشىدۇ‌ر.‏  شۇ چاغدا،‏ كىشىلە‌ر سىلە‌رگە زىيانكە‌شلىك قىلىشىدۇ ۋە سىلە‌رنى ئۆلتۈرىدۇ.‏ مېنىڭ ئىسىمىم ئۈچۈن پۈتكۈل خە‌لقلە‌ر سىلە‌ردىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ.‏ 10  يە‌نە شۇ ۋاقىتتا كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر ئىماندىن ۋاز كېچىدۇ،‏ بىر-‏بىرىگە ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ ۋە بىر-‏بىرىگە ئۆچمە‌نلىك قىلىدۇ.‏ 11  كۆپلىگە‌ن ساختا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ئازدۇ‌رىدۇ؛‏ 12  قانۇ‌نسىزلىق كۆپىيىپ كە‌تكە‌نلىكتىن،‏ كۆپىنچە ئىنسانلاردا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت سوۋۇ‌پ كېتىدۇ.‏ 13  لېكىن،‏ ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلە‌ر قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدۇ.‏ 14  بۇ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا بارچە مىللە‌تلە‌رگە يە‌تكۈزۈلۈش ئۈچۈن ۋە‌ز قىلىنىدۇ،‏ ئە‌نە شۇ چاغدا ئاخىرى كېلىدۇ.‏ 15  شۇ‌ڭلاشقا،‏ سىلە‌ر دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر تىلغا ئالغان ۋە‌يرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنىچلىك نە‌رسىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايدا تۇ‌رغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا (‏ئوقۇ‌رمە‌نلە‌ر بۇ سۆزنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌نسۇ‌ن)‏،‏ 16  يە‌ھۇ‌دىيە‌دە بولغانلار تاغلارغا قاچسۇ‌ن.‏ 17  ئۆگزىدە بولغان كىشى ئۆيىدىن بىر نە‌رسە ئېلىش ئۈچۈن پە‌سكە چۈشمىسۇ‌ن.‏ 18  ئېتىزدىكى كىشى چاپىنىنى ئېلىشقا قايتمىسۇ‌ن.‏ 19  شۇ كۈنلە‌ردە ھامىلدار بولغان ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ھالىغا ۋاي!‏ 20  قاچىدىغان ۋاقتىڭلار قىش كۈنلىرى ياكى دە‌م ئېلىش كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭلار 21  چۈنكى،‏ ئۇ چاغدا دۇ‌نيا يارىتىلغاندىن بۇ‌يان تا بۈگۈنگىچە ھېچقاچان بولۇ‌پ باقمىغان ۋە بۇ‌نىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدىغان دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت بولىدۇ.‏ 22  ئە‌گە‌ر شۇ كۈنلە‌ر قىسقارتىلمىسا،‏ ھېچبىر ئىنسان قۇ‌تۇ‌لالماس ئىدى،‏ لېكىن تاللانغانلار ئۈچۈن شۇ كۈنلە‌ر قىسقارتىلىدۇ.‏ 23  ئە‌گە‌ر شۇ چاغدا بىرى سىلە‌رگە:‏ ‹مانا قاراڭلار،‏ مە‌سىھ بۇ يە‌ردە› ياكى ‹مە‌سىھ ئۇ يە‌ردە› دېسە،‏ ئىشە‌نمە‌ڭلار.‏ 24  چۈنكى،‏ ساختا مە‌سىھلە‌ر ۋە ساختا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر پە‌يدا بولىدۇ ۋە مۇ‌مكىن بولسا،‏ ھە‌تتا تاللانغانلارنى ئازدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئاجايىپ ئالامە‌تلە‌ر ۋە مۆجىزىلە‌رنى كۆرسىتىشىدۇ.‏ 25  ئېسىڭلاردا بولسۇ‌نكى،‏ مە‌ن سىلە‌رنى ئالدىن-‏ئالا ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ قويدۇ‌م.‏ 26  شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ كىمدۇ-‏بىرى:‏ ‹قاراڭلار،‏ مە‌سىھ چۆل-‏باياۋاندا› دېسە،‏ ئۇ يە‌رگە بارماڭلار،‏ يە‌نە:‏ ‹قاراڭلار،‏ مە‌سىھ ئۆينىڭ ئىچىدە› دېسە،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نمە‌ڭلار.‏ 27  چۈنكى،‏ چاقماق خۇ‌ددى شە‌رىقتە يالت-‏يۇ‌لت قىلىپ چېقىپ،‏ غە‌ربنى ھە‌م يورۇ‌تقاندە‌ك،‏ ئىنسانئوغلىنىڭ ھازىر بولۇ‌شىمۇ شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ 28  جە‌سە‌ت قە‌يە‌ردە بولسا،‏ بۈركۈتلە‌ر شۇ يە‌رگە توپلىشىدۇ.‏ 29  ئۇ بالايىئاپە‌تلىك كۈنلە‌ر ئۆتۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ دە‌رھال قۇ‌ياش قارىيىپ،‏ ئاي نۇ‌رىنى چاچماس بولىدۇ.‏ يۇ‌لتۇ‌زلار ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە ئاسمان جىسىملىرى تە‌ۋرىنىپ كېتىدۇ.‏ 30  ئۇ چاغدا ئاسماندا ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى كۆرۈنىدۇ،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن يە‌ر يۈزىدىكى بارچە مىللە‌تلە‌ر دە‌رد-‏پە‌رياد ئېيتىپ،‏ مە‌يدىلىرىگە ئۇ‌رۇ‌شىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئىنسان ئوغلىنىڭ كۆكتىكى بۇ‌لۇ‌تلار ئۈستىدە كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت ۋە ئۇ‌لۇ‌غ شان-‏شە‌رە‌پ بىلە‌ن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.‏ 31  ئۇ جاراڭلىق بىر كاناي ئاۋازى بىلە‌ن ئۆز پە‌رىشتىلىرىنى ئە‌ۋە‌تىدۇ ۋە پە‌رىشتىلە‌ر تاللانغانلارنى ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يە‌نە بىر چېتىگىچە،‏ دۇ‌نيانىڭ تۆت بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌شقىقىدىن يىغىپ بىر يە‌رگە جە‌م قىلىدۇ.‏ 32  ئە‌مدى ئە‌نجۈر دە‌رىخىدىن مۇ‌نداق مىسالنى ئۆگىنىڭلار:‏ ئۇ‌نىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ،‏ بىخ چىقىرىپ،‏ يوپۇ‌رماقلار ئۆسۈشكە باشلىغاندا،‏ يازنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىسىلە‌ر.‏ 33  خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ سىلە‌ر بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئىنسان ئوغلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىڭلار.‏ 34  سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىپ قويايكى،‏ بۇ بىر ئە‌ۋلاد كىشىلە‌ر يوقالماستا،‏ شۇ ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسى يۈز بېرىدۇ.‏ 35  ئاسمان-‏زېمىن يوقىلىدۇ،‏ بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھە‌رگىز يوقالمايدۇ.‏ 36  شۇ كۈننى ۋە سائە‌تنى ھېچكىم،‏ نە ئاسماندىكى پە‌رىشتىلە‌ر،‏ نە ئوغۇ‌ل بىلمە‌يدۇ،‏ لېكىن ئۇ‌نى پە‌قە‌ت ئاتا بىلىدۇ.‏ 37  نۇ‌ھنىڭ كۈنلىرى قانداق بولغان بولسا،‏ ئىنسانئوغلىنىڭ ھازىر بولۇ‌شىمۇ* شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ 38  نۇ‌ھ توپان سۈيى كېلىشتىن ئىلگىرى كېمىگە كىرگە‌ن كۈنگىچە،‏ شۇ زاماننىڭ كىشىلىرى يە‌پ-‏ئىچىپ،‏ ئۆيلىنىپ،‏ تۇ‌رمۇ‌شقا چىقىپ يۈرگە‌نىدى.‏ 39  توپان كېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى غە‌رق قىلغۇ‌چە،‏ ئۇ‌لار پە‌رۋا قىلماي يۈرگە‌ن،‏ كېلە‌چە‌كتە ئىنسانئوغلىنىڭ ھازىر بولۇ‌شىمۇ شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ 40  شۇ چاغدا،‏ ئېتىزدىكى ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ،‏ يە‌نە بىرى قالدۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ 41  قول تۈگمىنى بىلە‌ن ئۇ‌ن تارتىۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ،‏ يە‌نە بىرى قالدۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ 42  شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھوشيار تۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى ھە‌زرىتىڭلارنىڭ قايسى كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يسىلە‌ر.‏ 43  لېكىن شۇ‌نى بىلىپ قويۇ‌ڭلاركى،‏ ئە‌گە‌ر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلسە،‏ ئۇ ئويغاق تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئوغرىنىڭ ئۆينى بۇ‌زۇ‌پ كىرىشىگە يول قويمايدۇ.‏ 44  شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ سىلە‌رمۇ تە‌ييار بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلە‌ر ئويلىمىغان ۋاقىت-‏سائە‌تتە كېلىدۇ.‏ 45  خوجايىن ئۆز ئۆيىدىكىلە‌رنىڭ ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكىنى ۋاقتى-‏ۋاقتىدا ئۇ‌لارغا بېرىشكە تە‌يىنلىگە‌ن سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل كىم؟‏ 46  خوجايىنى كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ قۇ‌لنىڭ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە،‏ بۇ شۇ قۇ‌لنىڭ بە‌ختىدۇ‌ر.‏ 47  سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتسام،‏ خوجايىن ئۇ‌نى بارلىق مال-‏مۈلكىنى باشقۇ‌رۇ‌شقا قويىدۇ.‏ 48  بىراق،‏ ئاشۇ قۇ‌ل كۆڭلىدە يامان نىيە‌تتە بولۇ‌پ،‏ ‹خوجايىنىم كېچىپ قايتىپ كېلىدۇ› دە‌پ،‏ 49  باشقا قۇ‌للارنى ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقۇ‌پ،‏ ھاراقكە‌شلە‌ر بىلە‌ن بىللە يە‌پ-‏ئىچىپ يۈرسە،‏ 50  ئۇ قۇ‌ل كۈتمىگە‌ن كۈندە،‏ئۆزى ئويلاپ باقمىغان ۋاقىت-‏سائە‌تتە خوجايىنى كېلىپ،‏ 51  شۇ قۇ‌لنى قاتتىق جازالاپ،‏ ساختىپە‌زلە‌ر بىلە‌ن ئوخشاش جايغا تاشلايدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ قۇ‌ل شۇ يە‌ردە يىغلاپ،‏ چىشلىرىنى غۇ‌چۇ‌رلىتىدۇ.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى