مە‌تتا كىتابى 25‏:1‏—46

  • مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌شىنىڭ ئالامىتى ‏(‏1–‏46‏)‏

    • ئون قىز توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌مسىل ‏(‏1–‏13‏)‏

    • تالانتلار توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌مسىل ‏(‏14–‏30‏)‏

    • قويلار ۋە ئۆچكىلە‌ر ‏(‏31–‏46‏)‏

25  ‏«خۇ‌دا پادىشاھلىقى* قوللىرىغا چىراغ ئېلىپ،‏ كۈيئوغۇ‌لنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققان ئون قىزغا ئوخشايدۇ.‏  ئۇ‌لارنىڭ بە‌شى ئە‌قىلسىز،‏ بە‌شى ئە‌قىللىق ئىكە‌ن.‏  ئە‌قىلسىز قىزلار ئۆز چىراغلىرىنى ئېلىۋاپتۇ،‏ لېكىن ئۆزلىرى بىلە‌ن ياغ ئېلىۋالماپتۇ.‏  ئە‌قىللىق قىزلار بولسا،‏ چىراغلىرى بىلە‌ن بىللە قاچىلارغا ياغمۇ ئېلىۋاپتۇ.‏  كۈيئوغۇ‌ل كېچىكىپ كە‌لگە‌چكە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئۇ‌يقۇ بېسىپ،‏ ئاخىرىدا ئۇ‌خلاپ قاپتۇ.‏  يېرىم كېچىدە بىرلىرى:‏ ‹كۈيئوغۇ‌ل كە‌لدى،‏ ئۇ‌نى قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!‏›—‏ دە‌پ ۋارقىراپتۇ.‏  قىزلارنىڭ ھە‌ممىسى ئورنىدىن تۇ‌رۇ‌پ،‏ چىراغلىرىنى تە‌ييارلاپتۇ.‏  ئە‌قىلسىز قىزلار ئە‌قىللىق قىزلارغا:‏ ‹يېغىڭلاردىن بىزگە بېرىڭلارچۇ،‏ چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالاي دېدى›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏  ئە‌قىللىق قىزلار:‏ ‹بە‌لكىم،‏ سىلە‌رگىمۇ ھە‌م بىزگىمۇ يە‌تمە‌ي قالىدۇ.‏ ئە‌ڭ ياخشىسى،‏ ياغ ساتقۇ‌چىلارغا بېرىپ،‏ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياغ سېتىۋېلىڭلار›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 10  ئۇ‌لار ياغ سېتىۋالغىلى كېتىپ قالغاندا،‏ كۈيئوغۇ‌ل كېلىپ قاپتۇ.‏ ياخشى تە‌ييارلىق قىلغان قىزلار ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ ۋە ئىشىك تاقىلىپتۇ.‏ 11  ئاندىن كېيىن،‏ قالغان قىزلارمۇ كېلىپ:‏ ‹تە‌قسىر،‏ تە‌قسىر،‏ بىزگە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىڭ›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 12  لېكىن كۈيئوغۇ‌ل:‏ ‹مە‌ن سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىپ قويايكى،‏ سىلە‌رنى تونۇ‌مايمە‌ن›،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىپتۇ.‏ 13  شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھوشيار تۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى ئۇ كۈن ۋە سائە‌تنى بىلمە‌يسىلە‌ر.‏ 14  خۇ‌دا پادىشاھلىقى خۇ‌ددى ئۆز مال-‏مۈلكىنى قۇ‌للىرىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ،‏ يىراق يۇ‌رتقا سە‌پە‌رگە چىقماقچى بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ.‏ 15  ئۇ ئادە‌م ھە‌ربىر قۇ‌لىنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ،‏ بىرىگە بە‌ش تالانت،‏ بىرىگە ئىككى تالانت ۋە يە‌نە بىرىگە بىر تالانت بېرىپ،‏ ئۆزى سە‌پە‌رگە چىقىپتۇ.‏ 16  بە‌ش تالانت ئالغان قۇ‌ل دە‌رھال بېرىپ تىجارە‌ت قىلىپ،‏ يە‌نە بە‌ش تالانت پايدا ئاپتۇ.‏ 17  ئىككى تالانت ئالغان قۇ‌لمۇ ئىككى تالانت ئارتۇ‌ق پايدا ئاپتۇ.‏ 18  بىراق،‏ بىر تالانت ئالغان قۇ‌ل چىقىپ،‏ يە‌رنى كولاپ،‏ خوجايىنى تاپشۇ‌رغان پۇ‌لنى كۆمۈپ قويۇ‌پتۇ.‏ 19  ئە‌مما،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن خوجايىنى كېلىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ھېسابلىشىپتۇ.‏ 20  بە‌ش تالانت ئالغان قۇ‌ل يە‌نە بە‌ش تالانتنى قوشۇ‌پ ئېلىپ كېلىپ:‏ ‹خوجايىن،‏ سىز ماڭا بە‌ش تالانت بە‌رگە‌ن ئىدىڭىز.‏ قارىڭە،‏ يە‌نە بە‌ش تالانت پايدا ئالدىم›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 21  خوجايىن ئۇ‌نىڭغا:‏ ‹ئاپىرىن ساڭا،‏ ئە‌ي ياخشى ۋە ئىشە‌نچىلىك قۇ‌ل!‏ مە‌ن ساڭا تاپشۇ‌رغان بۇ ئازغىنە ئىشلاردا ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌پ چىقتىڭ.‏ سېنى كۆپلىگە‌ن ئىشلارنى باشقۇ‌رۇ‌شقا قويىمە‌ن.‏ كە‌ل،‏ خوجايىنىڭنىڭ خۇ‌شاللىقىغا ئورتاق بول›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 22  ئارقىدىن ئىككى تالانت ئالغان قۇ‌ل كېلىپ:‏ ‹خوجايىن،‏ سىز ماڭا ئىككى تالانت بە‌رگە‌ن ئىدىڭىز.‏ قارىڭە،‏ يە‌نە ئىككى تالانت پايدا ئالدىم›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 23  خوجايىن ئۇ‌نىڭغا:‏ ‹ئاپىرىن ساڭا،‏ ئە‌ي ياخشى ۋە ئىشە‌نچىلىك قۇ‌ل!‏ مە‌ن ساڭا تاپشۇ‌رغان بۇ ئازغىنە ئىشلاردا ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌پ چىقتىڭ.‏ سېنى كۆپلىگە‌ن ئىشلارنى باشقۇ‌رۇ‌شقا قويىمە‌ن.‏ كە‌ل،‏ خوجايىنىڭنىڭ خۇ‌شاللىقىغا ئورتاق بول›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 24  ئاخىرىدا بىر تالانت ئالغان قۇ‌ل كېلىپ:‏ ‹خوجايىن،‏ سىزنىڭ قاتتىق قول ئادە‌م ئىكە‌نلىكىڭىزنى بىلە‌تتىم.‏ چۈنكى،‏ سىز ئۇ‌رۇ‌ق چاچمايلا ھوسۇ‌ل ئالىسىز؛‏ خامان سورىمايلا ئاشلىق يىغىسىز.‏ 25  شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن قورقۇ‌پ،‏ سىزنىڭ تالانتىڭىزنى يە‌رگە كۆمۈپ قويغان ئىدىم.‏ مانا،‏ سىزنىڭ تالانتىڭىز›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 26  خوجايىن ئۇ‌نىڭغا:‏ ‹ئە‌ي يامان ۋە ھورۇ‌ن قۇ‌ل،‏ سە‌ن مېنى ئۇ‌رۇ‌ق چاچمايلا ھوسۇ‌ل ئالىدىغان ۋە خامان سورىمايلا ئاشلىق يىغىدىغان ئادە‌م دە‌پ بىلگە‌ن ئىكە‌نسە‌ن،‏ 27  ئۇ‌نداقتا نېمە ئۈچۈن پۇ‌لۇ‌منى پۇ‌ل تېگىشكۈچىلە‌رگە ئامانە‌تكە قويمىدىڭ؟‏ ئۇ‌نداق قىلغان بولساڭ،‏ مە‌ن قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆسۈمىنى ئالاتتىم›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 28  ئاندىن ئۇ خىزمە‌تچىلىرىگە:‏ ‹ئۇ‌نىڭ بىر تالانتىنى ئېلىۋېلىپ،‏ ئون تالانتى بار قۇ‌لغا بېرىڭلار.‏ 29  چۈنكى كىمدە بار بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ‌نىڭدا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.‏ كىمدە يوق بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدا بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.‏ 30  بۇ يارىماس قۇ‌لنى سىرتقا قاراڭغۇ‌لۇ‌ققا تاشلاڭلار،‏ ئۇ يە‌ردە يىغا-‏زار قىلىپ،‏ چىشلىرىنى غۇ‌چۇ‌رلىتىدۇ›،‏—‏ دە‌پتۇ.‏ 31  ئىنسانئوغلى ئۆز شان-‏شە‌رىپى ئىچىدە بارچە پە‌رىشتىلە‌ر بىلە‌ن بىللە كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆزىنىڭ شان-‏شە‌رە‌پ تە‌ختىدە ئولتۇ‌رىدۇ.‏ 32  پۈتكۈل خە‌لقلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ.‏ ئۇ خۇ‌ددى بىر پادىچى قويلىرىنى ئۆچكىلە‌ردىن ئايرىغاندە‌ك،‏ ئىنسانلارنى بىر-‏بىرىدىن ئايرىيدۇ.‏ 33  قويلارنى ئوڭ يېنىغا ۋە ئۆچكىلە‌رنى سول يېنىغا تۇ‌رغۇ‌زىدۇ.‏ 34  شۇ چاغدا،‏ پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلە‌رگە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‹كېلىڭلار،‏ ئە‌ي ئاتام بە‌رىكە‌تلىگە‌ن كىشىلە‌ر!‏ دۇ‌نيانىڭ ئۇ‌لى سېلىنغاندىن بېرى سىلە‌ر ئۈچۈن تە‌ييارلانغان پادىشاھلىقنى مىراس ئېلىڭلار.‏ 35  چۈنكى،‏ ئاچ قالغىنىمدا ماڭا تاماق بە‌ردىڭلار؛‏ ئۇ‌سساپ قالغىنىمدا ئۇ‌سسۇ‌لۇ‌ق بە‌ردىڭلار؛‏ مۇ‌ساپىر بولۇ‌پ يۈرگىنىمدە مېھماندوستلۇ‌ق بىلە‌ن مېنى قارشى ئالدىڭلار؛‏ 36  يالىڭاچ قالغىنىمدا مېنى كىيىندۈردۈڭلار؛‏ كېسە‌ل بولغىنىمدا ھالىمدىن خە‌ۋە‌ر ئالدىڭلار؛‏ زىنداندا بولغىنىمدا مېنى يوقلاپ تۇ‌ردۇ‌ڭلار›.‏ 37  شۇ چاغدا،‏ ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭدىن:‏ ‹ئە‌ي ھە‌زرىتىم،‏ بىز قاچان سىزنىڭ ئاچ ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرۈپ تويدۇ‌ردۇ‌ق ياكى ئۇ‌سساپ كە‌تكىنىڭىزنى كۆرۈپ ئۇ‌سسۇ‌لۇ‌ق بە‌ردۇ‌ق؟‏ 38  قاچان سىزنىڭ مۇ‌ساپىر بولۇ‌پ يۈرگىنىڭىزنى كۆرۈپ مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسە‌تتۇ‌ق ياكى يالىڭاچ قالغىنىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى كىيىندۈردۇ‌ق؟‏ 39  قاچان سىزنىڭ كېسە‌ل بولغانلىقىڭىز ياكى زىنداندا قامالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ يوقلاپ تۇ‌ردۇ‌ق؟‏›،‏—‏ دە‌پ سورايدۇ.‏ 40  پادىشاھ ئۇ‌لارغا:‏ ‹سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتسام،‏ مۇ‌شۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئە‌ڭ كىچىك بىرىگە بۇ‌لارنى قىلغان بولساڭلار،‏ ماڭا قىلغان بولىسىلە‌ر›،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىدۇ.‏ 41  ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلە‌رگە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‹ئە‌ي قارغىشقا ئۇ‌چرىغانلار،‏ مە‌ندىن يىراق كېتىڭلار.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ پە‌رىشتىلىرى ئۈچۈن تە‌ييارلانغان مە‌ڭگۈلۈك ئوتقا كىرىڭلار.‏ 42  چۈنكى،‏ مە‌ن ئاچ قالغىنىمدا ماڭا تاماق بە‌رمىدىڭلار؛‏ ئۇ‌سساپ قالغىنىمدا ماڭا ئۇ‌سسۇ‌لۇ‌ق بە‌رمىدىڭلار؛‏ 43  مۇ‌ساپىر بولۇ‌پ يۈرگىنىمدە ماڭا مېھماندوست بولمىدىڭلار؛‏ يالىڭاچ قالغىنىمدا مېنى كىيىندۈرمىدىڭلار؛‏ كېسە‌ل بولغىنىمدا ۋە زىندانغا تاشلانغىنىمدا ھالىمدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىپ،‏ مېنى يوقلاپ تۇ‌رمىدىڭلار›.‏ 44  شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لار:‏ ‹ئە‌ي ھە‌زرىتىم،‏ قاچان سىزنى ئاچ،‏ ئۇ‌سسۇ‌ز،‏ مۇ‌ساپىر،‏ يالىڭاچ،‏ كېسە‌ل ياكى زىنداندا كۆرۈپ،‏ سىزگە خىزمە‌ت قىلمىدۇ‌ق؟‏›،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ 45  بىراق،‏ پادىشاھ ئۇ‌لارغا:‏ ‹سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىمە‌نكى،‏ مۇ‌شۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئە‌ڭ كىچىك بىرىگە بۇ‌لارنى قىلمىغان بولساڭلار،‏ ماڭا قىلمىغان بولىسىلە‌ر›،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىدۇ›.‏ 46  ئۇ‌لار مە‌ڭگۈگە يوق قىلىنىدۇ،‏ ئە‌مما ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌ر مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ».‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئاسمان پادىشاھلىقى».‏