مەتتا كىتابى 26:1—75
-
روھانىيلارنىڭ ئەيسانى ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلىشىشى (1–5)
-
ئەيسانىڭ بېشىغا خۇشپۇراق ماينىڭ قۇيۇلۇشى (6–13)
-
ئاخىرقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ۋە ساتقۇنلۇق (14–25)
-
دەسلەپكى كەچلىك داستىخاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى (26–30)
-
پېترۇسنىڭ تېنىشى ھەققىدىكى بېشارەت (31–35)
-
ئەيسانىڭ گېتسىمانە باغچىسىدا دۇئا قىلىشى (36–46)
-
ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى (47–56)
-
يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىنىڭ ئالدىدا سوتلىنىش (57–68)
-
پېترۇسنىڭ ئەيسادىن تېنىشى (69–75)
26 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:
2 «ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى بولىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر، شۇ چاغدا ئىنسانئوغلىنى تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلاش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىشىدۇ»،— دېدى.
3 ئۇ ۋاقىتتا ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى قاياپا ئىسىملىك باش روھانىينىڭ ھويلىسىغا يىغىلىشتى.
4 ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئەيسانى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى.
5 بىراق، ئۇلار: «بۇ ئىشنى ھېيت كۈنلىرىدە قىلمايلى. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن»،— دېيىشتى.
6 ئەيسا بەيتانىيادا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلى بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە بولغاندا،
7 بىر ئايال ئاق قاشتېشىدىن* ياسالغان بىر قۇتىنى كۆتۈرۈپ، ئەيسانىڭ يېنىغا كەلدى. قۇتىدا ئىنتايىن قىممەتباھا خۇشپۇراق ماي بار ئىدى. ئەيسا يانپاشلىنىپ غىزالىنىۋاتقاندا، شۇ ئايال خۇشپۇراق ماينى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇشقا باشلىدى.
8 شاگىرتلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇپ: «بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىشنىڭ نېمە كېرىكى بار؟
9 چۈنكى، بۇ خۇشپۇراق ماي كۆپ پۇلغا يارايتتى. ئۇنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە تارقاتسا بولاتتى»،— دېيىشتى.
10 ئەيسا بۇنى بىلىپ شاگىرتلىرىغا: «نېمىشقا بۇ ئايالنى ئەيىبلەپ، كۆڭلىنى ئاغرىتىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى.
11 كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدۇ، لېكىن مەن دائىم ئاراڭلاردا بولمايمەن.
12 بۇ ئايال بۇ خۇشپۇراق ماينى ئۈستۈمگە قويۇپ، مېنى دەپنە قىلىشقا تەييارلىدى.
13 سىلەرگە ھەقنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە ۋەز قىلىنمىسۇن، بۇ ئايال ئەسكە ئېلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ».
14 شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككى شاگىرتنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ئالىي روھانىيلار بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ:
15 «ئۇنى سىلەرگە تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟»،— دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بېرىشكە ماقۇل بولدى.
16 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، يەھۇدا ئەيسانى تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇرسەتنى ئىزدەپ يۈردى.
17 پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، شاگىرتلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟»— دەپ سورىدى.
18 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «شەھەرگە كىرىپ، پالانچى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەڭلار: ‹ئۇستازىمىز: ‹ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلاشتى، شاگىرتلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى سېنىڭ ئۆيىڭدە ئۆتكۈزەي›،— دەيدۇ›».
19 شۇنىڭ بىلەن، شاگىرتلار ئەيسانىڭ بۇيرىغىنى بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا تەييارلىق قىلدى.
20 كەچ كىرگەندە، ئەيسا 12 شاگىرتى بىلەن داستىخان ئەتراپىدا يانپاشلاپ ئولتۇردى.
21 ئۇلار تاماق يەۋاتقاندا، ئەيسا: «سىلەرگە ھەقنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ»،— دېدى.
22 شاگىرتلار ئىنتايىن قايغۇرۇپ، بىر-بىرلەپ ئەيسادىن: «ئۇستاز، ئۇ ئادەم مەن ئەمەستىمەن؟»،— دەپ سوراشقا باشلىدى.
23 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىلەن بىر قاچىدا تاماق يېگەن كىشى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ.
24 مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئالەمدىن ئۆتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ياخشىراق بولاتتى».
25 شۇ چاغدا، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولۇۋاتقان يەھۇدا: «ئەي ئۇستاز، ئۇ ئادەم مەن ئەمەستىمەن؟»،— دەپ سورىدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: «بۇنى سەن ئۆزۈڭ ئېيتتىڭ»،— دېدى.
26 ئۇلار تاماق يەۋاتقاندا، ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، شۈكۈر ئېيتىپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ناننى ئۇشتۇپ شاگىرتلىرىغا بېرىپ: «ئېلىڭلار، يەڭلار. بۇ مېنىڭ تېنىمنى بىلدۈرىدۇ»،— دېدى.
27 ئاندىن قولىغا بىر قەدەھنى ئېلىپ، شۈكۈر ئېيتىپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇنۇپ: «ھەممىڭلار بۇنىڭدىن ئىچىڭلار،
28 چۈنكى بۇ نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان ئەھدە قېنىمنى بىلدۈرىدۇ.
29 ئەمما، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇنىڭدىن كېيىن ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن يېڭى شارابنى ئىچىدىغان شۇ كۈن كەلمىگۈچە، مەن مۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن»،— دېدى.
30 ئاخىرىدا، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار شۇ يەردىن چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ ماڭدى.
31 شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن كېچە ھەممىڭلار مېنىڭ بېشىمغا كېلىدىغان ئىشلار سەۋەبلىك مېنى تاشلاپ كېتىسىلەر. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: ‹پادىچىنى ئۇرىمەن، پادىدىكى قويلار ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ›.
32 لېكىن، مەن تىرىلگەندىن كېيىن، سىلەردىن بۇرۇن جەلىلىيەگە بارىمەن».
33 بۇنى ئاڭلىغان پېترۇس ئەيساغا: «بېشىڭىزغا كېلىدىغان ئىشلار سەۋەبىدىن ھەممىسى سىزنى تاشلاپ كەتسىمۇ، مەن سىزنى ئەسلا تاشلىمايمەن»،— دېدى.
34 ئەيسا پېترۇسقا: «مەن ساڭا ھەقنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن»،— دېدى.
35 پېترۇس ئۇنىڭغا: «سىز بىلەن بىللە ئۆلۈشكە توغرا كەلسىمۇ، مەن ھەرگىز سىزدىن تانمايمەن»،— دېدى. باشقا شاگىرتلارمۇ شۇنداق دېيىشتى.
36 كېيىن، ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن گېتسىمانە دېگەن بىر جايغا كەلدى ۋە شاگىرتلىرىغا: «مەن ئاۋۇ يەرگە بېرىپ دۇئا قىلىمەن، سىلەر بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار»،— دېدى.
37 ئۇ پېترۇسنى ۋە زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭدى. شۇ چاغدا، ئەيسانى غەم بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى.
38 ئۇ شاگىرتلىرىغا: «جېنىم ئېغىر غەم-قايغۇدا ئۆلگۈدەك سىقىلدى. مېنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار»،— دېدى.
39 ئۇ سەل نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ يەرگە باش قويۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي ئاتا، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھنى مېنىڭدىن نېرى قىلغايسەن. ئەمما، مەن خالىغاندەك ئەمەس، بەلكى سەن خالىغاندەك بولسۇن».
40 ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: «مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەت ئويغاق تۇرالمىدىڭلارمۇ؟ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن داۋاملىق سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار.
41 كۆڭۈل* خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر».
42 ئەيسا ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەي ئاتا، مەن بۇنى ئىچمىگۈچە، بۇ قەدەھنىڭ مەندىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن بولمىسا، سەن ئىرادە قىلغاندەك بولسۇن».
43 ئۇ يەنە قايتىپ كەلگەندە، شاگىرتلىرىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى. چۈنكى، ئۇلارنى قاتتىق ئۇيقۇ بېسىپ، كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغانىدى.
44 ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىدىن كېتىپ، ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، ئوخشاش سۆزلەرنى تەكرارلاپ دۇئا قىلدى.
45 ئاندىن كېيىن، ئۇ شاگىرتلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: «مۇشۇنداق ۋاقىتتا تېخىچە ئۇخلاپ دەم ئېلىپ ياتتىڭلارمۇ؟ مانا، ئىنسانئوغلىغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت كەلدى.
46 تۇرۇڭلار، كېتەيلى! ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىنلاپ كەلدى»،— دېدى.
47 ئەيسانىڭ سۆزلىرى ئاياغلاشماستىنلا، 12 شاگىرتنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى. ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى ئەۋەتكەن، قوللىرىدا قىلىچ-توقماقلارنى كۆتەرگەن بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلدى.
48 ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلارغا بەلگە بېرىپ: «كىمنى سۆيسەم، سىلەر تۇتماقچى بولغان ئادەم شۇ. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار»،— دەپ ئېيتقانىدى.
49 يەھۇدا ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: «سالام، ئۇستاز»،— دەپ ئۇنى سۆيدى.
50 لېكىن، ئەيسا ئۇنىڭغا: «دوستۇم، بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟»،— دېدى. ئاندىن، شۇ ئادەملەر ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى.
51 شۇ چاغدا، ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرى قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋېدى، قىلىچ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.
52 ئەيسا شۇ شاگىرتىغا: «قىلىچىڭنى غىلاپىغا سالغىن، چۈنكى قىلىچ كۆتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ بىلەن ھالاك بولىدۇ.
53 ياكى مېنى ئاتامدىن دەرھال ئون مىڭلىغان* پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىشنى سورىيالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟
54 بىراق، مەن بۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ يېزىلغان سۆزلەر قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن؟»،— دېدى.
55 شۇ چاغدا، ئەيسا ئاشۇ بىر توپ كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر بۇلاڭچىنى تۇتۇشقا كەلگەندەك قىلىچ-توقماقلار بىلەن مېنى تۇتۇشقا كەپسىلەرغۇ؟ ھەر كۈنى ئىبادەتخانىدا ئولتۇرۇپ تەلىم بەرگەندە سىلەر مېنى تۇتمىدىڭلار.
56 بىراق، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغان سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى». شۇ چاغدا، شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.
57 ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش روھانىي قاياپانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ئۇ يەردە تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن خەلق ئاقساقاللىرىمۇ يىغىلغانىدى.
58 پېترۇس يىراقتىن ئەيساغا ئەگىشىپ باش روھانىينىڭ ھويلىسىغىچە كەلدى ۋە ئىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ چاكارلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى.
59 ئۇ ۋاقىتتا، ئالىي روھانىيلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ پۈتكۈل ئالىي كېڭەش ئەزالىرى ئەيسانى ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى يالغان گۇۋاھلىق ئىزدەيتتى.
60 گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەيىبلەشكە سەۋەب بولغۇدەك گۇۋاھلىق تېپىلمىدى. ئاخىرىدا ئىككى كىشى كېلىپ:
61 «بۇ ئادەم: ‹مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا ياساپ چىقالايمەن› دېگەن»،— دېدى
62 شۇنىڭ بىلەن، باش روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسادىن: «قېنى، بۇنىڭغا جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇ كىشىلەرنىڭ ساڭا قارشى بەرگەن گۇۋاھلىقىغا نېمە دەيسەن؟»— دېدى.
63 لېكىن، ئەيسا ئۈن چىقارماي جىم تۇردى. باش روھانىي ئۇنىڭغا: «مەن سېنى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئېيتقىنە، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟»،— دەپ سورىدى.
64 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «بۇنى ئۆزىڭىز دېدىڭىز. لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ھەممىگە قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئارىسىدا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر».
65 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي تونىنى يىرتىپ تاشلاپ: «ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلدى، ئەمدى بىزگە باشقا گۇۋاھچىلار كېرەكمۇ؟ مانا، سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇق سۆزلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.
66 ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟»،— دېدى. ئۇلار: «ئۇ ئۆلۈمگە لايىق»،— دەپ جاۋاب بېرىشتى.
67 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيسانىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتتى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ:
68 «ئەي مەسىھ، سەن پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟»،— دېيىشتى.
69 پېترۇس تاشقىرىدىكى ھويلىدا ئولتۇراتتى. بىر ئايال چاكار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «سەن جەلىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىللە ئىدىڭغۇ؟»،— دېدى.
70 بىراق، پېترۇس ھەممىسىنىڭ ئالدىدا: «سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم»،— دەپ رەت قىلدى.
71 ئاندىن پېترۇس دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىققاندا، باشقا بىر ئايال چاكار ئۇنى كۆرۈپ، ئۇ يەردە تۇرغان كىشىلەرگە: «بۇ ئادەم ناسىرەلىك ئەيسا بىلەن بىللە يۈرگەن»،— دېدى.
72 پېترۇس يەنە رەت قىلىپ: «مەن ئۇ كىشىنى تونۇمايمەن»،— دەپ قەسەم قىلدى.
73 بىراز ۋاقىتتىن كېيىن، شۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: «شەك-شۈبھىسىزكى، سەن ئاشۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى، چۈنكى بۇ سېنىڭ گەپ-سۆزۈڭدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ»،— دېيىشتى.
74 بۇ ۋاقىتتا، پېترۇس ئۆزىگە لەنەت ئوقۇپ: «مەن ئۇ كىشىنى تونۇمايمەن»،— دەپ قەسەم قىلىشقا باشلىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا خوراز چىللىدى.
75 پېترۇس ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق ئۆكسۈپ يىغلىدى.
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ سۆزمۇ-سۆز: «روھ».
^ سۆزمۇ-سۆز: «12 لېگىئوندىن ئارتۇق»؛ لېگىئون قەدىمقى رىم قوشۇنىدا ئەسكەرنى توپلارغا بۆلگەندە ئىشلىتىلگەن مىقدار سۆزى.