مە‌تتا كىتابى 27‏:1‏—66

  • ئە‌يسانىڭ پىلاتۇ‌سقا تاپشۇ‌رۇ‌لۇ‌شى ‏(‏1،‏ 2‏)‏

  • يە‌ھۇ‌دانىڭ ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋېلىشى ‏(‏3–‏10‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ پىلاتۇ‌سنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىشى ‏(‏11–‏26‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ مە‌سخىرە قىلىنىشى ‏(‏27–‏31‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ گولگوتادا تۈۋرۈككە مىخلىنىشى ‏(‏32–‏44‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى ‏(‏45–‏56‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ دە‌پنە قىلىنىشى ‏(‏57–‏61‏)‏

  • قە‌برىنى قوغداپ قاراۋۇ‌للۇ‌ق قىلىش ‏(‏62–‏66‏)‏

27  ئە‌تىسى تاڭ سە‌ھە‌ردە ئالىي روھانىيلار بىلە‌ن خە‌لق ئاقساقاللىرى ئە‌يسانى قانداق ئۆلتۈرۈش ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌تلە‌شتى.‏  ئۇ‌لار ئۇ‌نى باغلاپ،‏ ئېلىپ بېرىپ ۋالىي پىلاتۇ‌سقا تاپشۇ‌رۇ‌پ بە‌ردى.‏  شۇ چاغدا،‏ ئە‌يساغا ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلغان يە‌ھۇ‌دا ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن پۇ‌شايمان قىلدى ۋە 30 كۈمۈش تە‌ڭگىنى ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارغا قايتۇ‌رۇ‌پ بېرىپ:‏  ‏«مە‌ن بىگۇ‌ناھ كىشىگە ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلىپ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزدۈم»،‏—‏ دېدى.‏ «ئۇ سېنىڭ ئىشىڭ.‏ بىزنىڭ نېمە كارىمىز بار!‏»،‏—‏ دېيىشتى ئۇ‌لار.‏  يە‌ھۇ‌دا كۈمۈش تە‌ڭگىلە‌رنى ئىبادە‌تخانىغا چېچىۋە‌تتى ۋە ئۇ يە‌ردىن چىقىپ،‏ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.‏  ئالىي روھانىيلار تە‌ڭگە پۇ‌للارنى يە‌ردىن يىغىۋېلىپ:‏ «قان تۆكۈش ئۈچۈن تۆلە‌نگە‌ن بۇ پۇ‌للارنى ئىبادە‌تخانىنىڭ خە‌زىنىسىگە قويۇ‌ش قانۇ‌نىمىزغا ئۇ‌يغۇ‌ن كە‌لمە‌يدۇ»،‏—‏ دېيىشتى.‏  ئۇ‌لار ئۆزئارا مە‌سلىھە‌تلىشىپ،‏ ياقا يۇ‌رتلۇ‌ق مۇ‌ساپىرلارغا مازارلىق بولسۇ‌ن دە‌پ شۇ پۇ‌للارغا ساپالچىنىڭ يېرىنى سېتىۋالدى.‏  شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ يە‌ر بۈگۈنكى كۈنگىچە «قانلىق يە‌ر» دە‌پ ئاتىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئېيتقان مۇ‌نۇ سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى:‏ «ئۇ‌لار 30 كۈمۈش تە‌ڭگىنى ئالدى.‏ بۇ باھا شۇ ئادە‌م ئۈچۈن بېكىتىلگە‌ن.‏ بە‌زى ئىسرائىل ئوغۇ‌للىرى تە‌رىپىدىن بۇ باھا شۇ ئادە‌م ئۈچۈن بېكىتكە‌نىدى.‏ 10  خۇ‌ددى يە‌ھۋا ماڭا بۇ‌يرىغاندە‌ك،‏ ئۇ‌لار شۇ پۇ‌للارنى ئىشلىتىپ،‏ ساپالچىنىڭ يېرىنى سېتىۋالدى».‏ 11  ھە‌زرىتى ئە‌يسا ۋالىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.‏ ۋالىي ئۇ‌نىڭدىن:‏ «سە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا:‏ «بۇ‌نى ئۆزىڭىز ئېيتىۋاتىسىز»،‏—‏ دېدى.‏ 12  ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار ئە‌يسانىڭ ئۈستىدىن ئە‌رز-‏شىكايە‌ت قىلغاندا،‏ ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇ‌رمىدى.‏ 13  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پىلاتۇ‌س ئە‌يساغا:‏ «ئۇ‌لار ساڭا قارشى ئۈستۈڭدىن شۇ‌نچە كۆپ شىكايە‌تلە‌رنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىمايۋاتامسە‌ن؟‏»،‏—‏ دېدى.‏ 14  بىراق،‏ ئۇ جاۋاب قايتۇ‌رمىدى،‏ ھە‌تتا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى.‏ ۋالىي بۇ‌نىڭغا ئىنتايىن ھە‌يران قالدى.‏ 15  ھە‌ر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى مە‌زگىلىدە،‏ ۋالىينىڭ خە‌لق تە‌لە‌پ قىلغان بىر مە‌ھبۇ‌سنى قويۇ‌پ بېرىش ئادىتى بار ئىدى.‏ 16  شۇ ۋاقىتتا،‏ ھە‌ممە كىشىگە تونۇ‌شلۇ‌ق بارابباس ئىسىملىك جىنايە‌تچى زىنداندا قامالغانىدى.‏ 17  خە‌لق توپلانغان ۋاقىتتا پىلاتۇ‌س ئۇ‌لاردىن:‏ «سىلە‌ر كىمنى قويۇ‌پ بېرىشىمنى خالايسىلە‌ر؟‏ بارابباسنىمۇ ياكى مە‌سىھ دە‌پ ئاتالغان ئە‌يسانىمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ 18  پىلاتۇ‌س ئۇ‌لارنىڭ ئە‌يساغا ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئۆزىگە تاپشۇ‌رۇ‌پ بە‌رگە‌نلىكىنى بىلە‌تتى.‏ 19  ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ پىلاتۇ‌س سوراق مۇ‌نبىرىدە ئولتۇ‌رغاندا،‏ ئايالى ئۇ‌نىڭغا ئادە‌م ئە‌ۋە‌تىپ:‏ «ئۇ ئادىل كىشىگە تە‌گمە‌ڭ.‏ چۈنكى،‏ كېچىدە ئۇ چۈشۈمگە كىرىپ كۆپ ئازابلاندىم»،‏—‏ دە‌پ خە‌ۋە‌ر بە‌ردى.‏ 20  لېكىن،‏ ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار خە‌لقنى قايىل قىلىپ،‏ بارابباسنى قويۇ‌پ بېرىپ،‏ ئە‌يسانى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلدۇ‌ردى.‏ 21  ۋالىي ئۇ‌لاردىن يە‌نە:‏ «بۇ ئىككى كىشىدىن قايسىسىنى قويۇ‌پ بېرىشىمنى خالايسىلە‌ر؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ ئۇ‌لار:‏ «بارابباسنى!‏»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 22  پىلاتۇ‌س ئۇ‌لارغا:‏ «ئۇ‌نداق بولسا،‏ مە‌سىھ دە‌پ ئاتالغان ئە‌يسانى قانداق بىر تە‌رە‌پ قىلاي؟‏»،‏—‏ دېدى.‏ ھە‌ممە كىشى:‏ «ئۇ‌نى تۈۋرۈككە مىخلىتىڭ!‏»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 23  پىلاتۇ‌س:‏ «نېمىشقا؟‏ ئۇ قانداق يامان ئىش قىلدى؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار:‏ «ئۇ‌نى تۈۋرۈككە مىخلىتىڭ!‏»،‏ —‏ دە‌پ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىراشتى.‏ 24  پىلاتۇ‌س يە‌نە گە‌پ قىلىشنىڭ ئە‌ھمىيىتى يوقلىقىنى،‏ بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ سۇ ئېلىپ خە‌لقنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى يۇ‌يۇ‌پ:‏ «بۇ بىگۇ‌ناھ ئادە‌منىڭ قېنى تۆكۈلۈشىگە مە‌ن جاۋابكار ئە‌مە‌س،‏ بۇ‌نىڭغا ئۆزۈڭلار جاۋابكار بولۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېدى.‏ 25  پۈتكۈل خە‌لق:‏ «ئۇ‌نىڭ قېنى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ بوينىدا بولسۇ‌ن»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 26  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پىلاتۇ‌س بارابباسنى قويۇ‌پ بە‌ردى ۋە ئە‌يسانى قامچىلىتىپ،‏ ئاندىن تۈۋرۈككە مىخلاش ئۈچۈن لە‌شكە‌رلە‌رگە تاپشۇ‌ردى.‏ 27  شۇ چاغدا،‏ ۋالىينىڭ لە‌شكە‌رلىرى ئە‌يسانى ۋالىي ئوردىسىغا ئېلىپ كىردى ۋە پۈتكۈل لە‌شكە‌رلە‌ر يىغىلىپ ئە‌يسانىڭ ئە‌تراپىغا توپلاشتى.‏ 28  ئۇ‌لار ئە‌يسانى يالىڭاچلاپ،‏ ئۈستىگە قىزىل رە‌ڭلىك تون كىيدۈردى.‏ 29  تىكە‌ن شاخلىرىدىن بىر تاج ئۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇ‌شنى تۇ‌تقۇ‌زدى.‏ ئاندىن ئۇ‌نىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ:‏ «ياشىسۇ‌ن،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ پادىشاھى!‏»،‏—‏ دە‌پ مە‌سخىرە قىلىشتى.‏ 30  ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا تۈكۈرۈپ،‏ قومۇ‌شنى ئېلىپ بېشىغا ئۇ‌رۇ‌شقا باشلىدى.‏ 31  مە‌سخىرە قىلغاندىن كېيىن،‏ ئاخىرىدا ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ ئۈستىدىكى توننى سالدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە تۈۋرۈككە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭدى.‏ 32  ئۇ‌لار سىرتقا چىقىۋاتقاندا،‏ كىرېنالىق سىمۇ‌ن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇ‌چرىتىپ،‏ ئۇ‌نى ئە‌يسانىڭ ئازاب تۈۋرۈكىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا مە‌جبۇ‌رلىدى.‏ 33  ئۇ‌لار گولگوتا،‏ يە‌نى «باش سۆڭىكى» دە‌پ ئاتالغان يە‌رگە كە‌لگە‌ندە،‏ 34  ئە‌يساغا ئىچىشكە ئاچچىق سۇ‌يۇ‌قلۇ‌ق ئارىلاشتۇ‌رۇ‌لغان شارابنى بە‌ردى.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى تېتىپ كۆرۈپ ئىچكىلى ئۇ‌نمىدى.‏ 35  لە‌شكە‌رلە‌ر ئە‌يسانى تۈۋرۈككە مىخلىغاندىن كېيىن،‏ چە‌ك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.‏ 36  ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئۇ يە‌ردە قاراۋۇ‌للۇ‌ق قىلىپ ئولتۇ‌رۇ‌شتى.‏ 37  ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ بېشىنىڭ يۇ‌قىرى تە‌رىپىگە «بۇ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ پادىشاھى ئە‌يسا» دە‌پ يېزىلغان بىر تاختىنى ئېسىپ قويدى.‏ 38  شۇ ۋاقىتتا،‏ ئە‌يسادىن باشقا يە‌نە ئىككى قاراقچىمۇ تۈۋرۈككە مىخلانغان بولۇ‌پ،‏ بىرى ئۇ‌نىڭ ئوڭ يېنىدا،‏ يە‌نە بىرى سول يېنىدا ئىدى.‏ 39  يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئۇ‌نى ھاقارە‌تلە‌پ،‏ باشلىرىنى چايقىشىپ:‏ 40  ‏«قېنى سە‌ن ئىبادە‌تخانىنى بۇ‌زۇ‌پ تاشلاپ،‏ ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقماقچى ئىدىڭغۇ؟‏ خۇ‌دانىڭ ئوغلى بولساڭ،‏ ئە‌مدى ئۆزۈڭنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ تۈۋرۈكتىن چۈشۈپ باققىنا!‏»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 41  ئالىي روھانىيلار،‏ تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە ئاقساقاللارمۇ ئۇ‌نى شۇ‌نداق مە‌سخىرە قىلىپ:‏ 42  ‏«ئۇ باشقىلارنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پتىكە‌ن،‏ بىراق ئۆزىنى قۇ‌تقۇ‌زالمىدى!‏ ئۇ ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىمىش تېخى!‏ ھازىر ئۇ ئازاب تۈۋرۈكىدىن چۈشۈپ باقسۇ‌ن.‏ شۇ‌ندا بىز ئۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌يلى.‏ 43  ئۇ خۇ‌داغا ئىشىنە‌تتى؛‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دا ئۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌ن بولسا،‏ ئە‌مدى ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زسۇ‌نچۇ!‏ چۈنكى،‏ ئۇ:‏ ‹مە‌ن خۇ‌دانىڭ ئوغلى› دېگە‌نىدى»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 44  ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ يېنىدا تۈۋرۈككە مىخلانغان قاراقچىلارمۇ ئۇ‌نى شۇ‌نداق ھاقارە‌تلىدى.‏ 45  چۈش ۋاقتى سائە‌ت ئون ئىككىدىن* چۈشتىن كېيىن سائە‌ت ئۈچكىچە* پۈتۈن يە‌ر يۈزىنى قاراڭغۇ‌لۇ‌ق باستى.‏ 46  چۈشتىن كېيىن سائە‌ت ئۈچلە‌ردە ئە‌يسا يۇ‌قىرى ئاۋازدا:‏ «ئېلى،‏ ئېلى،‏ لە‌ما ساباقتانى»،‏ مە‌نىسى:‏ «ئىلاھىم،‏ ئىلاھىم،‏ نېمىشقا مېنى تاشلاپ قويدۇ‌ڭ؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى.‏ 47  ئۇ يە‌ردە تۇ‌رغانلارنىڭ بە‌زىلىرى ئۇ‌نى ئاڭلاپ:‏ «بۇ ئادە‌م ئىلياسنى چاقىرىۋاتىدۇ»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 48  ئۇ‌لاردىن بىرى دە‌رھال يۈگرە‌پ بېرىپ،‏ بىر پارچە پاختا رە‌ختنى ئېلىپ كە‌لدى.‏ ئاندىن ئۇ‌نى شارابقا چىلاپ،‏ قومۇ‌شنىڭ ئۇ‌چىغا باغلاپ،‏ئە‌يساغا ئىچكۈزۈش ئۈچۈن ئۇ‌زاتتى.‏ 49  ئە‌مما،‏ باشقىلار:‏ «توختاپ تۇ‌رغىن،‏ قاراپ باقايلى،‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شقا كېلە‌مدۇ؟‏»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 50  ئە‌يسا يە‌نە بىر قېتىم ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىرىدى-‏دە،‏ نە‌پىسى ئۈزۈلدى.‏ 51  شۇ ۋاقىتتا،‏ ئىبادە‌تخانىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايىدىكى پە‌ردە يۇ‌قىرىدىن تۆۋە‌نگە ئىككىگە بۆلۈنۈپ يىرتىلدى.‏ يە‌ر-‏زېمىن تە‌ۋرىنىپ،‏ قورام تاشلار يېرىلدى.‏ 52  قە‌برىلە‌ر ئېچىلدى ۋە ئۆلۈم ئۇ‌يقىسىدا ئۇ‌خلاپ ياتقان مۇ‌قە‌ددە‌سلە‌رنىڭ جە‌سە‌تلىرى تاشقىرىغا چىقىپ قالدى.‏ 53  نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بۇ‌نى كۆردى (‏ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن بە‌زى كىشىلە‌ر مازارلىقتىن ئۆتۈپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س شە‌ھە‌رگە كىردى)‏.‏ 54  بىراق،‏ ئە‌يسانى كۆزە‌ت قىلىۋاتقان يۈز بېشى ۋە لە‌شكە‌رلە‌ر يە‌ر-‏زېمىننىڭ تە‌ۋرىنىشىنى ۋە باشقا يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلارنى كۆرۈپ،‏ ئىنتايىن قورقۇ‌شقان ھالدا:‏ «ئۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌دانىڭ ئوغلى ئىكە‌ن»،‏—‏ دېيىشتى.‏ 55  ئۇ يە‌ردە يە‌نە يىراقتىن قاراپ تۇ‌رغان نۇ‌رغۇ‌ن ئاياللارمۇ بار ئىدى.‏ ئۇ‌لار ئە‌يساغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن جە‌لىلىيە‌دىن ئە‌گىشىپ كە‌لگە‌نىدى.‏ 56  ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌م،‏ ياقۇ‌پ بىلە‌ن يوسىينىڭ* ئانىسى مە‌ريە‌م ۋە زە‌بە‌دىينىڭ ئوغۇ‌للىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى.‏ 57  كە‌چ كىرىشكە يېقىن ئاراماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كىشى كە‌لدى.‏ ئۇ‌مۇ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى ئىدى.‏ 58  ئۇ پىلاتۇ‌سنىڭ ئالدىغا بېرىپ،‏ ئە‌يسانىڭ جە‌سىتىنى بېرىشنى سورىدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پىلاتۇ‌س جە‌سە‌تنى ئۇ‌نىڭغا بېرىشكە بۇ‌يرۇ‌ق قىلدى.‏ 59  يۈسۈپ جە‌سە‌تنى ئېلىپ،‏ پاكىز،‏ سۈپە‌تلىك زىغىر رە‌خت بىلە‌ن ياخشى ئوراپ كېپە‌نلىدى.‏ 60  ئۇ ئۇ‌نى قورام تاشقا ئويۇ‌لغان ئۆزىنىڭ يېڭى قە‌برىسىگە قويدى.‏ ئاندىن،‏ قە‌برىنىڭ ئېغىزىغا يوغان بىر تاشنى دومىلىتىپ قويۇ‌پ كېتىپ قالدى.‏ 61  مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌م بىلە‌ن يە‌نە بىر مە‌ريە‌م بۇ يە‌ردە قېلىپ،‏ قە‌برىنىڭ ئالدىدا ئولتۇ‌ردى.‏ 62  تە‌ييارلىق كۈنىنىڭ ئە‌تىسى،‏ ئالىي روھانىيلار بىلە‌ن پە‌رىسىيلە‌ر پىلاتۇ‌سنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى كېلىپ،‏ 63  مۇ‌نداق دېدى:‏ «ئە‌ي جانابلىرى،‏ ئاشۇ يالغانچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا:‏ ‹مە‌ن ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىمە‌ن› دېگە‌ن سۆزلىرى ئېسىمىزگە كە‌لدى.‏ 64  شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ قە‌برىنى ئۈچىنچى كۈنگىچە قوغداش ئۈچۈن ئادە‌م ئە‌ۋە‌تكە‌يلا،‏ بولمىسا ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ،‏ جە‌سە‌تنى ئوغرىلاپ كېتىپ،‏ خە‌لققە:‏ ‹ئۇ تىرىلدى› دېيىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ چاغدا بۇ ئاخىرقى يالغانچىلىق ئالدىنقىسىدىنمۇ يامانراق بولىدۇ».‏ 65  پىلاتۇ‌س ئۇ‌لارغا:‏ «مانا قاراۋۇ‌للارنى ئېلىپ بېرىپ،‏ قە‌برىنى ئۆزۈڭلار بىلگىنىڭلاردە‌ك قوغداڭلار»،‏—‏ دېدى.‏ 66  ئۇ‌لار لە‌شكە‌رلە‌ر بىلە‌ن بېرىپ،‏ قە‌برە ئېغىزدىكى تاشنى پېچە‌تلىدى ۋە قاراۋۇ‌للۇ‌ق قىلىپ قە‌برىنى قاتتىق قوغدىدى.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئالتىنچى سائە‌تتىن».‏
سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «توققۇ‌زىنچى سائە‌تكىچە».‏
ياكى «يۈسۈپنىڭ».‏