مە‌تتا كىتابى 28‏:1‏—20

  • ئە‌يسانىڭ تىرىلىشى ‏(‏1–‏10‏)‏

  • لە‌شكە‌رلە‌رنىڭ يالغان ئېيتىشى ئۈچۈن پارا بېرىش ‏(‏11–‏15‏)‏

  • شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش بۇ‌يرۇ‌قى ‏(‏16–‏20‏)‏

28  دە‌م ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ ھە‌پتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا،‏ مە‌جدە‌للىك مە‌ريە‌م ۋە يە‌نە بىر مە‌ريە‌م قە‌برىنى كۆرۈشكە كە‌لدى.‏  تۇ‌يۇ‌قسىز ئۇ يە‌ردە قاتتىق يە‌ر تە‌ۋرە‌پ كە‌تتى،‏ چۈنكى يە‌ھۋانىڭ پە‌رىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ،‏ قە‌برىگە بېرىپ ئۇ‌نىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تاشنى بىر تە‌رە‌پكە دومىلىتىپ ئۈستىدە ئولتۇ‌رغانىدى.‏  پە‌رىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتە‌ك،‏ كىيىملىرى قاردە‌ك ئاپپاق ئىدى.‏  قوغدىغۇ‌چى قاراۋۇ‌للار ئۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌پ تىترىشىپ،‏ خۇ‌ددى ئۆلۈكتە‌ك قېتىپلا قالدى.‏  پە‌رىشتە ئاياللارغا مۇ‌نداق دېدى:‏ «قورقماڭلار،‏ سىلە‌رنىڭ تۈۋرۈككە مىخلانغان ئە‌يسانى ئىزدە‌ۋاتقانلىقىڭلارنى بىلىمە‌ن.‏  ئۇ بۇ يە‌ردە ئە‌مە‌س؛‏ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندە‌ك تىرىلدى.‏ كېلىڭلار،‏ ئۇ ياتقان جاينى كۆرۈڭلار.‏  دە‌رھال بېرىپ ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرىغا ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگە‌نلىكىنى خە‌ۋە‌ر قىلىپ:‏ ‹ئۇ سىلە‌ردىن ئاۋۋال جە‌لىلىيىگە بارىدۇ.‏ ئۇ‌نى ئۇ يە‌ردە كۆرىسىلە‌ر›،‏—‏ دە‌پ ئېيتىڭلار.‏ مانا مە‌ن بۇ خە‌ۋە‌رنى سىلە‌رگە يە‌تكۈزگىلى كە‌لدىم».‏  ئاياللار بىر تە‌رە‌پتىن قورقسا،‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن زور خۇ‌شاللىق ئىچىدە دە‌رھال قە‌برىدىن چىقىپ،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا خە‌ۋە‌ر بېرىش ئۈچۈن يۈگرە‌پ كېتىشتى.‏  تۇ‌يۇ‌قسىز ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ ئالدىغا چىقىپ:‏ «سالام سىلە‌رگە!‏»،‏—‏ دېدى.‏ ئۇ‌لار ئالدىغا بېرىپ،‏ يە‌رگە تىزلىنىپ،‏ ئە‌يسانىڭ پۇ‌تلىرىغا ئېسىلىپ ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈردى.‏ 10  شۇ چاغدا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «قورقماڭلار!‏ بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا خە‌ۋە‌ر قىلىڭلار.‏ ئۇ‌لار جە‌لىلىيىگە بارسۇ‌ن.‏ مېنى شۇ يە‌ردە كۆرىدۇ»،‏—‏ دېدى.‏ 11  ئاياللار يولدا كېتىۋاتقاندا،‏ قە‌برىنى قوغداۋاتقان قاراۋۇ‌للارنىڭ بە‌زىلىرى شە‌ھە‌رگە كىرىپ،‏ بولغان ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئالىي روھانىيلارغا خە‌ۋە‌ر قىلدى.‏ 12  ئالىي روھانىيلار بىلە‌ن ئاقساقاللار بىر يە‌رگە يىغىلىپ مە‌سلىھە‌تلە‌شكە‌ندىن كېيىن،‏ شۇ لە‌شكە‌رلە‌رگە نۇ‌رغۇ‌ن كۈمۈش تە‌ڭگىلە‌رنى بېرىپ،‏ 13  مۇ‌نداق دېدى:‏ «سىلە‌ر كىشىلە‌رگە مۇ‌نداق دە‌ڭلار:‏ ‹بىز كېچىدە ئۇ‌خلاپ قالغاندا،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ جە‌سىتىنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇ›.‏ 14  ئە‌گە‌ر بۇ خە‌ۋە‌ر ۋالىينىڭ قۇ‌لىقىغا يېتىپ بارسا،‏ بىز ئۆزىمىز ئۇ‌نىڭغا چۈشە‌ندۈرىمىز،‏سىلە‌ر غە‌م قىلماڭلار».‏ 15  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ لە‌شكە‌رلە‌ر كۈمۈش تە‌ڭگىلە‌رنى ئېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى.‏ بۇ يالغان گە‌پلە‌ر تا بۈگۈنكى كۈنگىچە يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمە‌كتە.‏ 16  ئون بىر شاگىرت جە‌لىلىيىگە بېرىپ،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لار بىلە‌ن كۆرۈشمە‌كچى بولغان تاغقا چىقتى.‏ 17  ئۇ‌لار ئە‌يسانى كۆرگە‌ندە،‏ يە‌رگە تىزلىنىپ ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى،‏ لېكىن بە‌زىلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئە‌يسا ئىكە‌نلىكىدىن گۇ‌مان قىلدى.‏ 18  ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇ‌نداق دېدى:‏ «ئاسماندا ۋە يە‌ر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇ‌ق ماڭا بېرىلدى.‏ 19  شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بېرىڭلار،‏ ھە‌ممە خە‌لقلە‌ردىن شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار.‏ ئۇ‌لارنى ئاتا،‏ ئوغۇ‌ل ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ئىسىمى بىلە‌ن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈڭلار.‏ 20  مە‌ن سىلە‌رگە بۇ‌يرىغان ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى ئۇ‌لارغا ئۆگىتىڭلار.‏ مە‌ن بۇ زاماننىڭ ئاخىرىغىچە ھە‌ردائىم سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولىمە‌ن».‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى