مەتتا كىتابى 3:1—17
3 شۇ كۈنلەردە، ئادەملەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈپ* يۈرگەن يەھيا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چۆل-باياۋانلىرىغا كېلىپ ۋەز ئېيتىپ،
2 كىشىلەرگە: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى، خۇدا پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى»،— دېدى.
3 يەشايا پەيغەمبەر يەھيا ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «باياۋاندا بىر كىشى شۇنداق توۋلايدۇ: ‹يەھۋا ئۈچۈن يول تەييارلاڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!›».
4 يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما* باغلىغانىدى. يەيدىغىنى بولسا، چېكەتكە بىلەن ياۋايى ھەرە ھەسىلى ئىدى.
5 شۇ چاغدا يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويلىرىدىكى يۇرتلاردىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ،
6 ئۆز گۇناھلىرىنى ئوچۇق ئىقرار قىلىشتى ۋە يەھيا ئۇلارنى ئىئوردان دەرياسىدا سۇغا چۆمۈلدۈردى.
7 كۆپلىگەن پەرىسىيلەر* ۋە سادۇقىيلارنىڭ* چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئەي، زەھەرلىك يىلاننىڭ بالىلىرى! خۇدانىڭ كېلىۋاتقان غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشنى سىلەرگە كىم ئېيتتى؟
8 توۋا قىلغانلىقىڭلارنى ئىش-ھەرىكىتىڭلاردا كۆرسىتىڭلار*.
9 ئۆزۈڭلارچە: ‹بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى› دەپ ئويلىماڭلار. چۈنكى، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدا مۇشۇ تاشلاردىن ئىبراھىمغا بالىلارنى يارىتىپ بېرىشكە قادىردۇر.
10 پالتا ئاللىقاچان دەرەخنىڭ يىلتىزىنى چېپىشقا تەييار بولدى. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
11 سىلەر توۋا قىلغىنىڭلار ئۈچۈن مەن سىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر. مەن ئۇنىڭ ئايىغىنى* يىشىشكە لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ۋە ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
12 ئۇ قولىدىكى ئارا بىلەن خاماننى پۈتۈنلەي سورۇپ، بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرىدۇ».
13 شۇ چاغلاردا، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيەدىن ئىئوردان دەرياسىغا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۈچۈن يەھيانىڭ ئالدىغا كەلدى.
14 لېكىن، يەھيا ئۇنى توختاتماقچى بولۇپ: «ئەسلىدە سەن مېنى چۆمۈلدۈرسەڭ بولاتتى! سەن بولساڭ، مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟!»،— دېدى.
15 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: «ھازىرچە مۇشۇنداق بولسۇن، چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىرادىسىنى مۇشۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز»،— دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا قايتا توسقۇنلۇق قىلمىدى.
16 ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ دەرھال سۇدىن چىقتى. شۇ چاغدا ئاسمان ئېچىلدى ۋە يەھيا پەيغەمبەر خۇدانىڭ روھى كەپتەر ھالىتىدە ئەيسانىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
17 ئاندىن ئاسماندىن: «ئۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ ياكى «كۆن بەلباغ».
^ سۆزمۇ-سۆز: «توۋا قىلىشقا لايىق مېۋە بېرىڭلار».
^ سۆزمۇ-سۆز: «سەندىلىنى».