مە‌تتا كىتابى 4‏:1‏—25

  • شە‌يتاننىڭ ئە‌يسانى سىنىشى ‏(‏1–‏11‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ جە‌لىلىيە‌دە ۋە‌ز قىلىشنى باشلىشى ‏(‏12–‏17‏)‏

  • دە‌سلە‌پكى شاگىرتلارنىڭ چاقىرىلىشى ‏(‏18–‏22‏)‏

  • ئە‌يسانىڭ ۋە‌ز قىلىشى،‏ تە‌لىم بېرىشى ۋە كېسە‌للە‌رنى ساقايتىشى ‏(‏23–‏25‏)‏

4  ئاندىن كېيىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئە‌يسانى چۆل-‏باياۋانغا باشلاپ باردى.‏ شۇ يە‌ردە ئىبلىس ئۇ‌نى سىنىدى.‏  ئۇ 40 كېچە-‏كۈندۈز روزا تۇ‌تقاندىن كېيىن قورسىقى تازا ئاچقانىدى.‏  ئىبلىس ئۇ‌نى سىنىماقچى بولۇ‌پ،‏ مۇ‌نداق دېدى:‏ «ئە‌گە‌ر سە‌ن خۇ‌دانىڭ ئوغلى بولساڭ،‏ مۇ‌نۇ تاشلارغا بۇ‌يرۇ‌ق قىلغىن،‏ ئۇ‌لار نانغا ئايلانسۇ‌ن».‏  ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا جاۋابە‌ن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ ‹ئادە‌م پە‌قە‌ت نان بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋانىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھە‌ربىر سۆز بىلە‌ن ياشايدۇ› دە‌پ يېزىلغان»،‏—‏ دېدى.‏  ئاندىن،‏ ئىبلىس* ئە‌يسانى مۇ‌قە‌ددە‌س شە‌ھە‌رگە ئېلىپ كىرىپ،‏ ئۇ‌نى ئىبادە‌تخانىنىڭ* ئە‌ڭ ئېگىز جايىغا ئېلىپ چىقىپ:‏  ئە‌گە‌ر سە‌ن خۇ‌دانىڭ ئوغلى بولساڭ،‏ بۇ يە‌ردىن تۆۋە‌نگە سە‌كرە‌پ باققىنا!‏ چۈنكى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ ‹خۇ‌دا سە‌ن توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆز پە‌رىشتىلىرىگە* ئە‌مر قىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار پۇ‌تلىرىڭنىڭ تاشقا ئۇ‌رۇ‌لۇ‌پ كە‌تمە‌سلىكى ئۈچۈن قوللىرى بىلە‌ن سېنى تۇ‌تۇ‌ۋالىدۇ› دە‌پ يېزىلغان»،‏—‏ دېدى.‏  ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ ‹خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋانى سىنىمىغىن› دە‌پمۇ يېزىلغان»،‏—‏ دېدى.‏  ئاندىن كېيىن،‏ ئىبلىس ئە‌يسانى ناھايىتى ئېگىز بىر تاققا ئېلىپ چىقىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا دۇ‌نيادىكى بارچە پادىشاھلىقلارنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ شان-‏شۆھرىتىنى كۆرسىتىپ:‏  ئە‌گە‌ر تىزلىنىپ،‏ ماڭا بىر قېتىم سە‌جدە قىلساڭ،‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ساڭا بېرىمە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ 10  شۇ چاغدا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا:‏ «كۆزۈمدىن يوقال،‏ شە‌يتان!‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ ‹خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋاغا سە‌جدە قىلغىن ۋە پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلغىن› دە‌پ يېزىلغان»،‏—‏ دېدى.‏ 11  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ شە‌يتان ئە‌يسانى تاشلاپ كە‌تتى.‏ پە‌رىشتىلە‌ر كېلىپ ئە‌يساغا خىزمە‌ت قىلىشقا باشلىدى.‏ 12  يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زىندانغا تاشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ،‏ ئە‌يسا جە‌لىلىيە ئۆلكىسىگە كە‌تتى.‏ 13  كېيىن،‏ ئۇ ناسىرە‌دىن ئايرىلىپ زە‌بۇ‌لۇ‌ن ۋە نافتالى رايونىدىكى دېڭىز بويىغا يېقىن كە‌پە‌رناھۇ‌م شە‌ھىرىگە جايلاشتى.‏ 14  بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇ‌نۇ سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى:‏ 15  ‏«ئە‌ي،‏ زە‌بۇ‌لۇ‌ن ۋە نافتالى زېمىنلىرى،‏ باشقا خە‌لقلە‌ر ماكانلاشقان جە‌لىلىيە زېمىنى سە‌ن!‏ ئىئوردان دە‌رياسىنىڭ ئۇ قىرغىقىدا،‏ دېڭىزغا ماڭىدىغان يولغا جايلاشقان سە‌ن.‏ 16  قاراڭغۇ‌لۇ‌قتا ئولتۇ‌رغان خە‌لق پارلاق بىر نۇ‌رنى كۆردى ۋە ئۆلۈم سايىسىدا ئولتۇ‌رغانلار ئۈستىگە بىر نۇ‌ر چۈشتى».‏ 17  شۇ‌نىڭدىن باشلاپ،‏ ئە‌يسا:‏ «توۋا قىلىڭلار،‏ چۈنكى خۇ‌دا پادىشاھلىقى* يېقىنلاشتى»،‏—‏ دە‌پ ۋە‌ز ئېيتىشقا باشلىدى.‏ 18  ئە‌يسا جە‌لىلىيە دېڭىزى* بويىدا كېتىۋاتقاندا،‏ پېترۇ‌س دە‌پ ئاتالغان سىمۇ‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ ئىنىسى ئە‌ندە‌رنى كۆردى.‏ ئۇ‌لار دېڭىزغا تور سېلىۋاتاتتى،‏ چۈنكى ئۇ‌لار بېلىقچى ئىدى.‏ 19  ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «ماڭا ئە‌گىشىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رنى ئىنسانلارنى تۇ‌تقۇ‌چى قىلىمە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ 20  ئۇ‌لار دە‌رھال قوللىرىدىكى تورلارنى تاشلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىپ ماڭدى.‏ 21  ئاندىن،‏ ئۇ شۇ يە‌ردىن بىراز ماڭغاندىن كېيىن،‏ باشقا ئىككى ئاكا-‏ئۇ‌كا،‏ يە‌نى زە‌بە‌دىينىڭ ئوغۇ‌للىرى ياقۇ‌پ بىلە‌ن يۇ‌ھاننانى كۆردى.‏ ئۇ‌لار ئاتىسى زە‌بە‌دىي بىلە‌ن بىللە كېمىدە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىمۇ چاقىردى.‏ 22  ئۇ‌لارمۇ دە‌رھال كېمىنى ۋە ئاتىسىنى تاشلاپ،‏ ئە‌يساغا ئە‌گىشىپ ماڭدى.‏ 23  ئە‌يسا پۈتۈن جە‌لىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ،‏ سىناگوگلاردا* تە‌لىم بېرىپ،‏ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ۋە‌ز قىلدى ۋە ھە‌رخىل ئاغرىق-‏سىلاقلارنى ۋە تېنى ئاجىز كىشىلە‌رنى ساقايتتى.‏ 24  ئۇ توغرۇ‌لۇ‌ق خە‌ۋە‌ر پۈتۈن سۈرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى.‏ ئادە‌ملە‌ر ئاغرىق-‏سىلاق بىلە‌ن ئازاب چە‌ككە‌ن،‏ جىن چاپلاشقان،‏ تۇ‌تقاقلىق كېسىلى بار ۋە پالە‌چ كىشىلە‌رنى ئۇ‌نىڭ ئالدىغا ئېلىپ كە‌لدى ۋە ئە‌يسا ئۇ‌لارنى ساقايتتى.‏ 25  شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ جە‌لىلىيە،‏ ئون شە‌ھە‌ر رايونى،‏ يېرۇ‌سالېم،‏ يە‌ھۇ‌دىيە ۋە ئىئوردان دە‌رياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كە‌لگە‌ن توپ-‏توپ كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىپ ماڭدى.‏

بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى

سۆزمۇ-‏سۆز:‏ «ئاسمان پادىشاھلىقى».‏
ياكى «جە‌لىلىيە كۆلى».‏