مەتتا كىتابى 6:1—34
-
تاغدىكى ۋەز-نەسىھەت (1–34)
6 «پەخەس بولۇڭلار، ياخشى ئىشنى باشقىلارغا ئۆزۈڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلماڭلار. مۇنداق قىلساڭلار، ئاسماندىكى ئاتاڭلارنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەيسىلەر.
2 شۇڭا، خەيىر-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى* قىلغاندا، داۋراڭ سېلىپ يۈرمىگىن. ساختىپەزلەر باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سىناگوگلاردا* ياكى كوچىلاردا شۇنداق قىلىپ يۈرىدۇ. سىلەرگە ھەقنى ئېيتسام، ئۇلار باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن باشقا ھېچقانداق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ.
3 بىراق، سەن خەيىر-ساخاۋەت قىلساڭ، ئوڭ قولۇڭ قىلغاننى سول قولۇڭ بىلمىسۇن.
4 خەيىر-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى يوشۇرۇن قىلغىن. شۇنداق بولغاندا، ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاسماندىكى ئاتاڭ سېنى مۇكاپاتلايدۇ.
5 خۇددى شۇنىڭدەك، دۇئا قىلغىنىڭلاردا ساختىپەزلەرگە ئوخشاش ئىش قىلماڭلار. ئۇلار سىناگوگلاردا ۋە تۆت كوچا دوقمۇشلىرىدا تۇرۇۋېلىپ، باشقىلار كۆرسۇن دەپ شۇنداق قىلىشىدۇ. سىلەرگە ھەقنى ئېيتسام، ئۇلار باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەندىن باشقا ھېچقانداق مۇكاپاتقا ئېرىشمەيدۇ.
6 بىراق سەن دۇئا قىلغاندا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئاسماندىكى ئاتاڭغا دۇئا قىلغىن. شۇنداق بولغاندا، ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاتاڭ سېنى مۇكاپاتلايدۇ.
7 دۇئا قىلغاندا، قايتا-قايتا ئوخشاش سۆزلەرنى تەكرارلىماڭلار. چۈنكى، باشقا مىللەت كىشىلىرى شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار كۆپ سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇزۇن دۇئا قىلساق، خۇدا دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ.
8 شۇڭلاشقا، سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش بولماڭلار. چۈنكى، ئاتاڭلار نېمىگە مۇھتاج بولغىنىڭلارنى ھەتتا سىلەر ئۇنىڭدىن تىلىمەستىن بۇرۇن بىلىدۇ.
9 شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلىڭلار:
‹ئاسماندىكى ئاتىمىز، ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن*.
10 پادىشاھلىقىڭ كەلسۇن. سېنىڭ ئىرادەڭ ئاسماندا ئەمەلگە ئاشقاندەك، يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشسۇن.
11 بۈگۈن بىز ئۈچۈن كۈندىلىك نېنىمىزنى بەرگەيسەن.
12 بىزگە قارشى گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.
13 ئازدۇرۇلۇشىمىزغا يول قويمىغىن. بىزنى شەيتاندىن* قوغدىغىن*›.
14 ئەگەر سىلەر باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئاسماندىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ.
15 بىراق، سىلەر باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرمىسەڭلار، ئاسماندىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ.
16 روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. چۈنكى، ئۇلار روزا تۇتقىنىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بىچارە كۆرسىتىدۇ. سىلەرگە ھەقنى ئېيتسام، ئۇلار باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن باشقا ھېچقانداق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ.
17 بىراق، سەن روزا تۇتقاندا، چاچلىرىڭنى مايلاپ، يۈز-كۆزۈڭنى يۇيۇپ يۈرگىن.
18 شۇ چاغدا، ئادەملەر سېنىڭ روزا تۇتقىنىڭنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئاسماندىكى ئاتاڭ يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرىڭنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاسماندىكى ئاتاڭ سېنى مۇكاپاتلايدۇ.
19 يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار. يەر يۈزىدە كۈيە يەيدۇ، دات بېسىپ چىرىيدۇ، ئوغرىلار ئوغرىلاپ كېتىدۇ.
20 ئەكسىچە، ئاسماندا ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار. ئاسماندا كۈيە يېمەيدۇ، دات بېسپ چىرىمەيدۇ، ئوغرىلار ئوغرىلاپ كەتمەيدۇ.
21 چۈنكى، بايلىقىڭ قەيەردە بولسا، كۆڭلۈڭمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
22 كۆز تەننىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭ ئېنىق كۆرسە*، پۈتۈن بەدىنىڭ يورۇقلۇققا تولىدۇ.
23 ئەگەر كۆزۈڭ ھەسەتخور* بولسا، پۈتۈن بەدىنىڭ قاراڭغۇلۇققا تولىدۇ. ئىچىڭدىكى نۇر ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، بۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق قاراڭغۇلۇق-ھە!
24 ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭلا خىزمەت قىلالمايدۇ. ئۇ بىرىنى يامان كۆرۈپ، يەنە بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بىرىگە سادىق بولۇپ، يەنە بىرىنى ھۆرمەتلىمەيدۇ. سىلەر ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولالمايسىلەر.
25 شۇڭا سىلەرگە ئېيتىمەنكى، نېمە يەيمىز ۋە نېمە ئىچىمىز دەپ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياكى نېمە كىيىمىز دەپ تېنىڭلار ئۈچۈن غەم-ئەندىشە قىلماڭلار. جېنىڭلار يېمەك-ئىچمەكتىن ۋە تېنىڭلار كىيىم-كېچەكتىن كۆپ مۇھىم ئەمەسمۇ؟
26 كۆكتىكى قۇشلارغا دىققەت بىلەن قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئۇرۇق چاچمايدۇ، ھوسۇل يىغمايدۇ ۋە ئامبارلارغا توپلىمايدۇ. بىراق، ئاسماندىكى ئاتاڭلار ئۇلارنى تويغۇزىدۇ. سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟
27 قايسىڭلار غەم-ئەندىشە بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە* بولسىمۇ ئۇزارتالايسىلەر؟
28 شۇنىڭغا ئوخشاش، نېمە ئۈچۈن كىيىم-كېچەك توغرۇلۇق غەم قىلىسىلەر؟ دالادا ئۆسۈۋاتقان ياۋا گۈللەرگە قاراپ ئۆگىنىڭلار. ئۇلار جاپالىق ئىشلىمەيدۇ ياكى كىيىم-كېچەك تىكمەيدۇ.
29 لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەتتا سۇلايمان پادىشاھ شان-شۆھرەت قازانغان زاماندىمۇ، شۇ ياۋا گۈللەرنىڭ بىرىدەك كىيىنمىگەن.
30 ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدا دالادىكى بۈگۈن بار، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىنىدىغان ئوت-چۆپلەرنى شۇنداق كىيىندۈرگەن بولسا، سىلەرنى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كىيىندۈرمەسمۇ؟
31 شۇنداق ئىكەن، ھەرگىزمۇ نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز ۋە نېمە كىيىمىز دەپ غەم-ئەندىشە قىلماڭلار.
32 خۇدانى تونۇمايدىغان كىشىلەر مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىدۇ. ئاسماندىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ.
33 شۇنداق ئىكەن، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى داۋاملىق ھاياتىڭلاردا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭلار.
34 شۇ چاغدا، خۇدا سىلەر مۇھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى سىلەرگە بېرىدۇ. شۇڭا، ھەرگىزمۇ ئەتە ئۈچۈن غەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەتىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق غېمى بار. ھەر كۈننىڭ دەردى ئۆزىگە يېتەر».
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ ياكى «مۇقەددەس قىلىنسۇن»، «ئۇلۇغلانسۇن».
^ سۆزمۇ-سۆز: «رەزىلدىن».
^ ياكى «قۇتقۇزغىن».
^ ياكى «روشەن بولسا»؛ سۆزمۇ-سۆز: «ئاددىي بولسا».
^ سۆزمۇ-سۆز: «يامان»، «رەزىل».
^ سۆزمۇ-سۆز: «بىر جەينەك».