مەتتا كىتابى 7:1—29
7 «باشقىلارنى ھۆكۈم قىلماڭلار. شۇنداق بولغاندا، سىلەرمۇ ھۆكۈم قىلىنمايسىلەر.
2 سىلەر باشقىلارنى قانداق ھۆكۈم قىلساڭلار، باشقىلارمۇ سىلەرنى شۇنداق ھۆكۈم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭلار، باشقىلارمۇ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ
3 نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى كىچىككىنە ساماننى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىم ياغاچنى كۆرمەيسەن؟!
4 ئۆز كۆزۈڭدە لىم ياغاچ تۇرسا، قانداقمۇ سەن قېرىندىشىڭغا: ‹كۆزۈڭدىكى ساماننى ئېلىۋېتەي!› دېيەلەيسەن؟
5 ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆز كۆزۈڭدىكى لىم ياغاچنى ئېلىۋەت، ئاندىن قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى ساماننى ئېنىق كۆرۈپ ئېلىۋېتەلەيسەن.
6 ئىتلارغا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ۋە مەرۋايىتلارنى چوشقىلارنىڭ ئالدىغا تاشلىماڭلار، بولمىسا ئۇلار شۇلارنى پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ يانجىيدۇ ياكى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ.
7 داۋاملىق تىلەڭلار، تىلىگىنىڭلارغا ئېرىشىسىلەر؛ داۋاملىق ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ داۋاملىق ئىشىكنى قېقىڭلار، سىلەرگە ئېچىلىدۇ.
8 چۈنكى، تىلىگەن ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگەن تاپىدۇ ۋە ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك ئېچىلىدۇ.
9 ئاراڭلاردا قايسىڭلار ئوغلۇڭلار نان سورىسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىسىلەر؟
10 ياكى ئۇ بېلىق سورىسا، يىلان بېرىسىلەر؟
11 ھەتتا سىلەر گۇناھكارلار* ئۆز پەرزەنتىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلسەڭلار، ئۇنداقتا ئاسماندىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى بەرمەسمۇ؟
12 شۇڭلاشقا، باشقىلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا چوقۇم شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. چۈنكى، تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى مانا شۇدۇر.
13 تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ، يولمۇ كەڭ، ئۇنىڭدا ماڭىدىغانلار كۆپ.
14 ئەمما، ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولمۇ تار بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدىغانلار ئاز.
15 ساختا پەيغەمبەرلەردىن پەخەس بولۇڭلار! ئۇلار قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ، ئاراڭلارغا كىرىۋالىدۇ، ئەسلىدە ئۇلار يىرتقۇچ بۆرىلەردۇر.
16 سىلەر ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تونۇيسىلەر. ھېچكىم تىكەندىن ئۈزۈم ۋە يانتاقتىن ئەنجۈر يىغمايدۇ.
17 خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەربىر ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، ھەربىر يامان دەرەخ يامان مېۋە بېرىدۇ.
18 ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، يامان دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ.
19 ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ، ئوتقا تاشلىنىدۇ.
20 شۇنىڭغا ئوخشاش، ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن تونۇيسىلەر.
21 مېنى ‹ھەزرىتىم، ھەزرىتىم› دەپ چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىلا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا* كىرەلمەيدۇ. پەقەت ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاۋاتقانلار كىرەلەيدۇ.
22 شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: ‹ھەزرىتىم، ھەزرىتىم، بىز سىزنىڭ ئىسىمىڭىز بىلەن بېشارەتلەرنى يەتكۈزمىدۇقمۇ؟ ئىسىمىڭىز بىلەن جىنلارنى قوغلاپ چىقارمىدۇقمۇ؟ ئىسىمىڭىز بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى قىلمىدۇقمۇ؟›،— دېيىشىدۇ.
23 شۇ چاغدا، مەن ئۇلارغا: ‹سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن! كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار!*›،— دەيمەن.
24 شۇڭلاشقا، كىمكى بۇ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان ئەقىللىق كىشىگە ئوخشايدۇ.
25 يامغۇر يېغىپ، كەلكۈنلەر كېلىپ ياكى بوران-چاپقۇنلار چىقىپ، شۇ ئۆينى ئۇرغاندا، ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ قورام تاش ئۈستىگە سېلىنغان.
26 ئەمما كىمكى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئېيتقانلىرىمنى قىلمىسا، ئۇ ئۆيىنى قۇم ئۈستىگە سالغان ئەخمەق كىشىگە ئوخشايدۇ.
27 يامغۇر يېغىپ، كەلكۈنلەر كېلىپ ياكى بوران-چاپقۇنلار چىقىپ، شۇ ئۆينى ئۇرغاندا، ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ ۋە پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ».
28 ھەزرىتى ئەيسا سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، كۆپچىلىك ئۇنىڭ تەلىمىدىن ئىنتايىن ھەيران بولدى.
29 چۈنكى، ئۇ تەۋرات ئۇستازلىرىدەك ئەمەس، خۇدا ئەۋەتكەن ھوقۇقى بار كىشىدەك تەلىم بەرگەن ئىدى.
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ سۆزمۇ-سۆز: «رەزىللەر».
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئاسمان پادىشاھلىقىغا».
^ سۆزمۇ-سۆز: «قانۇننى بۇزغۇچىلار».